ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۆلەملىك ئىقتىسادنى بېكىتىش ئۇسۇلى

كۆلەملىك ئىقتىسادنى بېكىتىش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2013-01-05 ئاۋاتلىقى: 779 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆلەملىك ئىقتىساد كۆلەمنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كارخانىنى ئەڭ ياخشى بولغان ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ. كارخانىنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى كارخانىنىڭ كۆلىمىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي كۆلىمىنى بېكىتىپ، شۇ ئىقتىساد كۆلىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كارخانىنى ئەڭ يۇقىرى ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈشتۇر.

ئىقتىساد كۆلىمى دېگىنىمىز بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا تەشكىلىي ئاساسىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىنى ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتالايدىغان ئىشلەپچىقىرش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشتۇر. ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەڭ ياخشى ھالەتكە يەتكەندىكى ئىقتىساد كۆلىمى دەل كۆلەملىك ئىقتىسادتۇر. كارخانا ئەڭ ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈم پايدىسىنى بەلگىلەيدىغان ئۇسۇللار نۇرغۇن، تۆۋەندە بىرقانچە دائىملىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز:
1. بوغالتىرلىق ئانالىز ھېسابلاش ئۇسۇلى
بوغالتىرلىق ئۇسۇلى دېگىنىمىز ئوخشاش كارخانىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى ئوخشىمىغان كۆلەمدىكى تەننەرخى ياكى ئوخشىمىغان كارخانىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتىكى تەننەرخى، پايدىسىنىڭ سېلىشتۇرما ئانالىزى ئارقىلىق كارخانىنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىنى بېكىتىدىغان ئۇسۇلدۇر.
ئۇنداقتا، بوغالتىرلىق ئانالىز ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن قايسىلار بار؟ قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
بوغالتىرلىق ئۇسۇلى نۇرغۇن كونكرېت ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دائىم ئىشلىتىدىغانلىرىدىن:
(1) قىسقا مۇددەتلىك تەننەرخ ئۇسۇلى: قىسقا مۇددەتلىك تەننەرخ ئۇسۇلى دېگىنىمىز ھازىرقى كارخانىنى كېڭەيتىشتىن بۇرۇنقى قىسقا مۇددەت ئىچىدە، پەقەت ئەسلىدىكى خام ماتېرىيال ۋە ئەمگەك كۈچى قاتارلىق مەبلەغنىلا تەڭشەپ (مۇقىم مال مۈلۈكنىڭ مەبلىغىنى تەڭشىمەيدۇ)، شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى توغرا كېلىدىغان تەننەرخنى تەڭشەشنى كۆرسىتىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك تەننەرخ ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە پايدا-زىيان تەڭپۇڭلىقىنى ئانالىز قىلىشنى ئاساس قىلغان بولغاچقا ئەمەلىي خىزمەتتە قىسقا مۇددەتلىك تەننەرخ ھەرىكەتچان تەننەرخ ۋە مۇقىم تەننەرخ دەپ ئايرىلىدۇ، پايدا نۆل بولغان ۋاقىتتىكى مەھسۇلات مىقدارى دەسلەپكى كۆلەم، پايدا ئەڭ چوڭ بولغان ۋاقىتتىكى مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي كۆلەم دېيىلىدۇ.
(2) ئەڭ ئاز خىراجەت ئۇسۇلى: ئەڭ ئاز خىراجەت ئۇسۇلى دېگىنىمىز ھەرخىل قوللانغىلى بولىدىغان يىللىق مەھسۇلات مىقدارى پىلانىنى بېكىتىپ ۋە ھەرخىل پىلاننىڭ ئومۇمىي خىراجىتىنى ئانالىز قىلىپ ۋە ھېسابلاپ، ئاندىن ھەرقايسى پىلانلارنىڭ ئومۇمىي خىراجىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ  چىقىلغان ئومۇمىي خىراجىتى ئەڭ ئاز بولغان يىللىق مەھسۇلات مىقدارى پىلانى دەل ئەڭ ياخشى ئىقتىسادى كۆلەمدۇر.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

فورمۇلادىكى F(Q): يىللىق مەھسۇلات مىقدارى Q نىڭ ئومۇمىي خىراجىتى
C(Q): يىللىق مەھسۇلات مىقدارى Q نىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى
S(Q): بارلىق مەھسۇلاتنى ئېستىمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشتىكى خىراجەت
I(Q): يېڭى قۇرۇش ياكى كارخانىنى كېڭەيتىشتە كېتىدىغان بارلىق مەبلەغ؛
E(d): مەبلەغ ئۈنۈمى كوئېففىتىسېنتى
يۇقىرىقى فورمۇلىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا تەشكىلى شەرتى ئاساسىدا، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى Q غا يېتىشتىكى ئىقتىساد كۆلىمىگە كېتىدىغان يىللىق ئومۇمىي خىراجەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروت جەريانىدىكى چىقىم، ئۆلچەملىك مەبلەغنى يېغىۋېلىش مۇددىتىدىكى ھەر يىللىق تەڭ كۆتۈرىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى ۋە قەرز ئۆسۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
#p#
)3( ئەڭ ئاز خىراجەت فۇنكىسيە ئۇسۇلى: ئەڭ ئاز خىراجەت فۇنكىسيە ئۇسۇلى دېگىنىمىز كارخانا ئىقتىساد كۆلىمىگە ئاساسەن، كارخانا ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شۇنداقلا ئىچكى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ئوبېيكتىپ قائىدىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى:

فورمۇلادىكى F(Q): بىرلىك مەھسۇلات ئومۇمىي خىراجىتى فۇنكىسيەسى؛
V(Q): بىرلىك مەھسۇلات كارخانا ئىچكى قىسمىدىكى خىراجەت فۇنكىسيەسى
D(Q): بىرلىك مەھسۇلات كارخانا تاشقى قىسمىدىكى خىراجەت فونكىسيەسى
G(Q): بىرلىك مەھسۇلات كارخانا ئىچكى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ خىراجەت فونكىسيەسى

پىلان نەزەرىيەسى ئۇسۇلىغا ئاساسەن يۇقىرىقى فومۇلادىن ئۆزگەرگۈچى مىقدار Q نى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، ئەلالاشتۇرغاندىن كېيىنكى كارخانا يىللىق مەھسۇلات Q قىممىتىگە ئېرىشىمىز، يەنى ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم توغرا كېلىدىغان ئىقتىساد كۆلىمى(كارخانا كۆلەم ئىقتىسادى).
كارخانا ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي كۆلىمىنى ھېسابلاشتىكى كونكېرت ئۇسۇل، خىراجەت فۇنكىسيەسى فورمۇلاسىدىكى پارامېتىر ئېنىق بولغاندا، ئەڭ ياخشى قىممەتنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋالى بولىدۇ:
① خىراجەت فۇنكىسيەسىنىڭ چەكلىگۈچى ئامىلى بولمىغاندا، خىراجەت فۇنكىسيەسىنى ھاسىلە كەلتۈرۈپ، Q)=0) Fقىلىپ، كارخانىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆلەم Q قىممىتىنى تېپىپ چىقىشتۇر.
② ئومۇمىي خىراجەت فۇنكىسيەسىنىڭ چەكلىگۈچى ئامىلى بولغاندا، يەنى مەلۇم شەرت ئاستىدا ئەڭ كىچىك قىممەتنى تېپىش، بۇ ۋاقىتتا پىلان نەزەرىيەسى ئۇسۇلى ئارقىلىق يېشىمىز، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، فورمۇلا F(Q) قۇرۇلما مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئۈچ فۇنىكىسيەنى بىر گۇرۇپپا چەكلىمە تەڭسىزلىكى بىلەن ئىپادىلەپ، ئاندىن پىلان نەزەرىيەسى بويىچە يېشىپ، ئۆزگىرىشچان قىممەت Q نى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يۇقىرىقى فۇنىكىسيە ۋە تەڭسىزلىك سىزىقسىز بولۇپ، سىزىقسىز پىلان ئۇسۇلى بويىچە يېشىشكە توغرا كېلىدۇ.
#p#
(4) تەننەرخ فۇنىكىسيە ئۇسۇلى: تەننەرخ فۇنىكىسيە ئۇسۇلى دېگىنىمىز ھاسىلات مۇقىم بولغاندا، سېلىنما ئامىلىنى ئەلالاشتۇرغاندا، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئەڭ كىچىك بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى:
minC(Q)=PK·K+PL·L
فورمۇلادىكى C(Q): تەننەرخ فۇنكىسيەسى
K: سېلىنغان مەبلەغ
L: سېلىنغان ئەمگەك
PK: سېلىنغان مەبلەغ K نىڭ باھاسى
PL: سېلىنغان ئەمگەك L نىڭ باھاسى؛
ماتېماتىكىلىق ئەلالاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە، مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش فۇنكىسيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىدە تەننەرخ فۇنكىسيەسى C(Q) نىڭ ئەڭ كىچىك نۇقتىسىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ ئوخشىمىغان سەۋىيەدىكى نۇرغۇنلىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەلالاشتۇرۇلغان نۇقتىلارنى ئۇلىغاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەننەرخنىڭ ئەگرى سىزىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ ئەگرى سىزىقنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق فۇنىكىسيە گۇرۇپپىسى ئەگرى سىزىق بىرىكمىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى تەسۋىرلەپلا قالماي يەنە ھاسىلات ۋە تەننەرخنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەننەرخ فۇنكىسيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئەڭ يېقىن ھالدا نەزەرىيەنىڭ تەننەرخ ئەگرى سىزىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، كارخانا ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق قىممىتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2. قۇرۇلۇش ئۇسۇلى
قۇرۇلۇش ئۇسۇلى دېگىنىمىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى شەرت قىلغان ئاساستا، تەننەرخ، تىرانسپورت، مەبلەغ قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك خىراجەتنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، كارخانىنىڭ دەسلەپكى كۆلىمى ۋە ئەڭ ياخشى كۆلىمىنى بېكىتىش كېرەك. كونكرېت مەشغۇلاتتا نەچچە تۈرلۈك قوللىنىشچان پىلاننى تۈزۈپ چىقىپ، بۇ پىلانلارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك خىراجىتىنى ھېسابلاپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن خىراجىتى ئەڭ ئازنى مۇۋاپىق پىلان دەپ بېكىتىش كېرەك، شۇ پىلان ماس كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كارخانىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىقتىساد كۆلىمى دېيىلىدۇ.
#p#
يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەرخىل ئۇسۇللار ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتى بولىدۇ، ئىقتىساد كۆلىمى نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يۇقىرىدىكى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ چەكلىمىلىكى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، قىسقا مۇددەتلىك تەننەرخ ئۇسۇلى بىر خىل تىنچ ھالەتتىكى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، پەقەت قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىساد پائالىيىتىگىلا ماس كېلىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى ناچار؛ ئەڭ ئاز ئومۇمىي خىراجەت ئۇسۇلى ۋە ئەڭ ئاز خىراجەت فۇنكىسيەسى، ئەمەلىي قوللىنىشتا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئوبېيكتىپ ئەھۋالدا مۇقىم ۋە توغرا سانلىق مەلۇماتنى تېپىش تەس، شۇڭلاشقا ئۇ بېكىتكەن ئىقتىساد كۆلىمى بەك توغرا بولۇپ كەتمەيدۇ، پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، بىر خىل بەلگىلىك مىقدار ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي خىزمەتتە ھەرخىل ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي كۆلەمنى بېكىتسە تېخىمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن؛ تەننەرخ فۇنكىسيە ئۇسۇلى ماتېماتىكىلىق مودىلدىن پايدىلىنىپ، كارخانىنىڭ ھەرقايسى ئىقتىسادى پائالىيىتى ۋە باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئامىللارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى ۋە چەكلىمىسىنىڭ ئىقتىسادى تېخنىكا قانۇنىيىتىنى ئىپادىلىگەن، ماتىماتىكىلىق فورمۇلا نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىش ئىلمىي ۋە پايدىلىنىش قىممىتى بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىي خىزمەتتە كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتى مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە بولىدۇ، ماتېماتىكىلىق مودىل بۇ مۇرەككەپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت جەريانىنى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا تەننەرخ فۇنكىسيەسىمۇ قارار چىقارغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى باربەلگىلىك مىقدار ئانالىز ئۇسۇلىدۇر. قۇرۇلۇش ئۇسۇلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈك نىسبىتى(ياكى ئۈسكۈنىنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى) نى ئاساس قىلىپ كارخانىنىڭ ئىقتىساد كۆلىمىنى بېكىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل كارخانىنىڭ تېخنىك خادىملىرىنىڭ ساپاسى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسى، تېخنىكلارنىڭ ساپاسى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېخنىك ساپاسى، باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ساپا ئەھۋالى، بايلىقنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئويلىشىپ بېكىتىلگەن ئىقتىساد كۆلىمىدۇر. بۇ كۆلەم كارخانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىقتىساد كۆلىمى بولۇشى ناتايىن، كۆلەملىك ئىقتىساد بولۇشىمۇ ناتايىن. ئەمەلىي خىزمەتتە بوغالتىرلىق ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋاپىق ئىقتىساد كۆلىمىنى بېكىتىش كېرەك، يەنى كارخانىنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى.
كۆلەمسىز ئىقتىساد: مايكېل پوتېر (Michael Porter) «رىقابەت ئەۋزەللىكى» دېگەن كىتابىدا كۆلەم چوڭىيىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، كۆلەمسىز ئىقتىساد شەكىللىنىدۇ، مەسىلەن زاۋۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى ئارتىپ كەتسە كۈچلۈك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشچىلارنىڭ تەننەرخىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولىدۇ، كۆلەم چوڭ بولغاندا باشقۇرۇش خىراجىتىمۇ ئارتىپ بارىدۇ. بەزى كەسىپلەردە مەسىلەن ئالىي دەرىجىلىك كىيىم ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن قىممەت، كۆلىمى چوڭ بولۇپ كەتسە ئىقتىسادىي قىممىتى بولماي قالىدۇ، شۇڭلاشقا كۆلىمى چوڭ بولسىلا تەننەرخنىڭ ئاز بولۇشى ناتايىن دەپ كۆرسەتكەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى