ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كەسپتىكى ھارغىنلىق مەزگىلىدە خىزمەت روھىي ھالىتىنى قانداق تەڭشەش ۋە بېسىش كېرەك؟

كەسپتىكى ھارغىنلىق مەزگىلىدە خىزمەت روھىي ھالىتىنى قانداق تەڭشەش ۋە بېسىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 819 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«كەسپتىكى ھارغىنلىق»، «كەسىپتىكى يوقۇلۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىشىنىڭ خىزمەت بېسىمى ۋە خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى چارچاشنى ئۈنۈملۈك يەڭگىلىتەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ جىسمانىي جەھەتتىكى ھارغىنلىققا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پىسخىكا جەھەتتىكى ھارغىنلىقتىن بولىدۇ، كەسىپتىكى ھارغىنلىق خىزمەتچىنىڭ خىزمەتتىكى پاسىپ روھىي ھالىتىنى، خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىنى، خىزمەتتىن ئايرىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كارخانا نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتىدۇ. شاۋشىڭ ئىختىساسلىقلار تورىدىكى بىر ئادەم ئۇزاق مۇددەت مەلۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇنلانغان، ھەر كۈنى ئوخشاش تەكرارلىنىۋاتقان خىزمەت ئۇنىڭغا بارغانسېرى چارچاش، ھارغىنلىق پەيدا قىلغان، بىزار بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن خىزمەت قىزىقىشى تۆۋەنلەپ، روھىي چۈشكۈنلىشىپ، بىر خىل كۆنۈش ئادىتىگە تايىنىپ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرغان. شۇڭلاشقا كانادالىق داڭلىق پىسخىلوگ كىرىستىن ماسىلۇ كەسىپتىكى ھارغىنلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى «خىزمەتتىكى ئۇيقۇچان كىشى» دەپ ئاتىغان. تەكشۈرۈلىشىچە كىشىلەردە خىزمەتتىكى ھارغىنلىقنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى بارغانسېرى قىسقىراۋېتىپتۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر خىزمەتكە چۈشۈپ ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە خىزمەتتە ھارغىنلىق ھېس قىلىدىكەن، خىزمەتتىكى ھارغىنلىقتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللەر تۆۋەندىكى ئۈچ خىل بولىدۇ:

1. خىزمەت قىزغىنلىقنى يوقىتىش، ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىش، ئەتىراپىدىكى كىشىلەر، ئىشلارغا نىسبەتەن بىپەرۋا قاراش.
2. خىزمەت پوزىتسىيەسى پاسىپلىشىش، مۇلازىمەتكە ۋە ئۇچىرىشىدىغان ئوبيېكتقا قارىتا سەۋرچانلىقنى، مۇلايىملىقنى يوقىتىش، مەسىلەن ئوقۇتقۇچى دەرس بېرىشتىن زېرىكىش، بىكارلا ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىپلەش، ياكى دوختۇر سېستىرالارنىڭ خىزمەتتىكى چارچىشى تۈپەيلى بىمارلارغا قوپال مۇئامىلىدە بولۇش قاتارلىقلار.
3. خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىگە باھا بېرىشى تۆۋەنلەش، داۋاملىق خىزمەتكە كىچىكىپ كېلىپ، بالدۇر قايتىش، خىزمەتتىن قېچىش ھەتتاكى كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئويىدا بولۇش.


تېز سۈرئەت بىلەن ئايلىنىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپ قاينىمىغا پاتقىنىدا، دائىملا ناھايىتى ئېغىر بېسىم ھېس قىلىدۇ، كۆڭلىدىكى تۇرمۇشنى ئىزدەشمۇ شۇ سەۋەبتىن بارغانچە تەسكە چۈشمەكتە. تۇرمۇش رېتىمىنىڭ توختىماي تېزلىشىگە ئەگىشىپ، بىز تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىمىز، شۇنداقلا ساغلام، تەڭپۇڭ تۇرمۇش ھالىتىنى قوغلىشىشقا باشلايمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كەسىپتىكى ھارغىنلىق تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ھېسسىياتى ئاجىزلىشىش: روھسىزلىشىش، خىزمەت قىزغىنلىقىنى يوقىتىش،  ئېغىر دەرىجىدە چارچىغاندەك ھېس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، مۇشۇلار بايقالسا خىزمەتتىكى ھارغىنلىق شۇنداقلا ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرى كۆرۈنگەن بولىدۇ.
2. باشقىلارغا سەل قاراش: ئەتراپىدىكى كىشىلەر ۋە خىزمەت ئوبيېكتى بىلەن ئارىلىق ساقلاش، خىزمەت ئوبيېكتى ۋە مۇھىتقا قوپال، بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولۇش، ئىشلارنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋېتىش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشنى توختىتىش، ھەرىكەتلىرى بىنورمال بولۇش، باشقۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
3. روھسىز ياكى ئۆز نەتىجىلىرىگە سەل قاراش ھېسسىياتى: ئۆزىگە پاسسىپ باھا بېرىش، ھەم خىزمەت ئىقتىدارى ۋە نەتىجە ھاسىل قىلىشى تۆۋەنلەش، خىزمەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمايلا قالماستىن يەنە ئىشلاردىن مەنىسىزلىك ھېس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم كىشىلەر «مۇكەممەللىك»كى تۆۋەن بولغان ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، كۆپىنچىسى «كۈن ئۆتكۈزۈش» ھېسابلىنىدۇ. تېز سۈرئەت بىلەن ئايلىنىۋاتقان جەمئىيەت بىزدىن تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلماقتا، بۇنداق مۇھىتتا قانداق قىلغاندا ۋاقىت ئاجرىتالايمىز. بلوگ توپىدا بىزنىڭ ھەر كۈنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىچىدە جان تىكىپ ئىشلەپ چارچايدىغانلىقىمىزنى، بېسىملىرىمىزنى چىقىرىشىدۇ. بەزى خىزمەتچىلەر ئاغرىنىپ، كۈندە خىزمەت قىلىش ياكى خىزمەت قىلماسلىق ئارىسىدىكى ئىككىلىنىشنى، خىزمەت قىلمىسا خەجلەيدىغانغا پۇلنىڭمۇ يوقلىقىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياش تۇرۇپ خىزمەت قىلمىسا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمايدىغانلىقىنى، بىراق ھازىر مۇۋاپىق خىزمەت تېپىشنىڭمۇ تەسلىكىنى، ئەگەر خىزمەت قىلغاندا خىزمەتتىكى كىشىلەرگە، ئىشلارغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ تەسلىكىنى، كەيپىياتىنىڭمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ...
ئەمەلىيەتتە مۇشۇنىڭ ئۆزى خىزمەتتىكى ھارغىنلىقنىڭ ئىپادىسى، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار: 
 
ئاۋۋال، كەسىپنى توغرا تاللىيالىغان تاللىيالمىغانلىقىمىزنى ئويلىشىشىمىز لازىم. «ئەر كىشى كەسىپنى خاتا تاللاپ قېلىشتىن قورقىدۇ»، كەسىپ ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشىمىز، نىشانىمىزغا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقى كەيپىياتىمىزغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر ئىچ مىجەز كېلىدۇ، ئۇلار تالاش-تارتىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، تەتقىق قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، بۇنداقلار ماھارەت خاراكتېرىدىكى كەسىپلەرنى تاللىسا بولىدۇ، مەسلىھەت بېرىش، ئوقۇتقۇچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىر قەدەر ماس كېلىدۇ؛ مەمۇرىي، سىياسىي قاتارلىق خىزمەت قىلغاندا بىزارلىق تۇيغۇسى ھېس قىلمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، شىركەتنى ياخشى تالليالىغان تاللىيالمىغانلىقىمىزنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە دۇنيادا مۇكەممەل شىركەت بولمايدۇ، بىراق ھەر بىر شىركەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىمىز، ئىش بىجىرىشىمىز شىركەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلىسە ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەكلا ئىش بولىدۇ؛ ئەكسىچە، قەدەم ئېلىش بىر قەدەر تەس بولسىچۇ؟ مەسىلەن، بەزى كىشىلەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ خىزمەتتىكى يوقلىما، ئارام ئېلىش بىلەن خىزمەتنى ئايرىش، دەرىجە پەرقىنى ئايرىش، تەرتىپكە رىئايە قىلىش ئادەتلىرىگە كۈنۈپ قالغان، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەركىن كارخانىلارغا كىرگەندە تەرتىپكە، ئۆلچەمگە رىئايە قىلماسلىقتەك خىزمەت ئادەتلىرىگە كۈنەلمەي قالىدۇ.
ئاخىرىدا، ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشىمىز لازىم. ياخشى بولغان پىسخىكا ھالەت «كەسىپتىكى ھارغىنلىق»ققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ياخشى رېستىپى، ئۇ ئاكىتىپ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، ئاكتىپ خىزمەت ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرى ئۈزلۈكسىز دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىدا  يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ ئىشلىگەن كىشى، ئادەتتىكى كارخانىغا چۈشۈرۈلسە  ۋەزىپىسى ئوخشاشلا يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق قول ئاستىدىكىلەرنىڭ بوي سۇنماسلىقى، سۈركىلىشىدىن خالىي بولالمايدۇ. دوستلارنى قەلبىمىزدە ياد ئېتىپ تۇرساقمۇ، ۋاقتىدا پىكىرلىشىپ تۇرمىغاندا، ياكى زۆرۆر بولغاندا سەل قارىساق مۇناسىۋەتنىڭ يېرىكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى بىر قەدەر تۆۋەن ئورۇنغا قويغىنىمىزدا نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى