ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشتە پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» نېمىلەرنى ئېچىپ بەردى؟

«ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشتە پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» نېمىلەرنى ئېچىپ بەردى؟

ۋاقتى: 2015-12-25 ئاۋاتلىقى: 789 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشتە پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» نېمىلەرنى ئېچىپ بەردى؟

جۇڭگو ھەپتىلىك يېڭى خەۋەرلەر تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرى】  8-ئاينىڭ 24-كۈنى، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاممىۋى سىياسەت فاكۇلتېتى بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي سىياسىي مەخسۇس تەتقىقات بىرلەشمىسى «ياشانغان دەۋردىكى يېڭى تەپەككۇر: رىقابەت، پۇرسەت ۋە ئىستراتېگىيە» نى باش تېما قىلغان مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
چى گو ياشانغانلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ يۈشاۋ ، قېرىغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىدە، ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەتنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە، جەمئىيەت ۋە ياشانغانلارنىڭ ئارتۇقچە تەلەپلىرىگە ھوشيار بولۇپ، پاراۋانلىق توقۇنۇش، پاراۋانلىق تايىنىش ۋە پاراۋانلىق چېكىدىن ئاشقان مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىجتىمائىي ئورۇنلار «كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىش» نى كۆپ قېتىم تەشەببۇس قىلغان، بەش يىل بۇرۇن  ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى (人文社科部) نىڭ كاتىپلار باشلىقى لۇڭ يۇڭتۇمۇ «قېرىغاندا پۈتۈنلەي دۆلەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» غانلىقنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، بىراق چى گو ياشانغانلار بىرلەشمىسىگە ئوخشاش  ھۆكۈمەت دائىرىسىدىكى ئورگانلار ئېنىق ھالدا «قېرىغاندا پۈتۈنلەي دۆلەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» دەپ جاكارلىشى تېخى  تۇنجى قېتىم ئىدى. مۇشۇ يىللاردا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قېرىغاندا بېقىنىش مەسىلىسىگە بولغان تەدبىرلىرىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
ھۆكۈمەتنىڭ قېرىغاندا بېقىنىش دائىرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تەتقىقات ماتېرىياللىرى ۋە ئالىملار جۇڭگونىڭ قېرىغاندا كۈتۈنۈش كاپالەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭ جەھەتتىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلىدۇ: 12-قېتىملىق 3- ئومۇمىي يىغىندىن بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى تۈزۈلمە باسقۇچى، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي سىناق نۇقتىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچى، 1995-يىلى 3-ئايدىن كېيىنكى «ئىجتىمائىي بىر تۇتاش پىلانلاش بىلەن شەخسى ھېسابات بىرلەشتۈرۈلگەن» باسقۇچ.
بىر تورداش ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك بۆلگەن: 1985-يىللىرى  ياشانغانلارنى دۆلەت باقىدىغان،  1995-يىللىرى دۆلەت ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشىگە ياردەم بېرىدىغان، 2005-يىللىرى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشى ھۆكۈمەتكە تايانمايدىغان، 2015-يىللىرى بولسا قېرىغاندا ئۆزى كۈتۈنىدىغان دەۋر.

ئۇنداقتا، بۇ تورداشنىڭ بۇنداق بۆلۈشىنىڭ كونكرت ئالاھىدىلىكلىرى قانداق؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن!
#p# 
ياشانغاندا ھۆكۈمەت بېقىش شەكلى
80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى تۈزۈلمىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنەتتى:
كارخانىلارنى ۋاسىتە قىلىش. كارخانىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ ۋە تارقىتىدۇ ھەمدە پېنسىيەگە چىققانلارنى يېتەكلەيدۇ.
كۈتۈنۈش پۇلى نەق يىغىش ۋە نەق تارقىتىش شەكلىدە بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى بولسا، كۈتۈنۈش پۇلى كارخانىنىڭ تىجارەتتىن سىرتقى پۇل تۆلەيدىغان بىر تۈر بولۇپ، شەخس پۇل تۆلىمەيدۇ.
دۆلەت مالىيەسىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن بىر تۇتاش ئېلىش ۋە بىر تۇتاش تۆلەش تۈزۈلمىسى ئاستىدىكى بۇخىل كارخانا پۇل چىقىرىش شەكلى ئەمەلىيەتتە دۆلەت مەبلىغى دائىرىسىدىكى بىر خىل چوڭ بىرلەشتۈرۈشتۇر.
ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى بۇخىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمىسى، كېيىن شەھەرلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىغىچە كېڭەيدى، ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتىكى پۈتكۈل شەھەر ئىشلەمچىلەرگىچە كېڭەيگەن.
پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئالىدىغان كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئۇلارنىڭ خىزمەت سىتاژىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدىكى مائاشىنىڭ يۇقىرى -تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ تۆۋەن مائاش شارائىتىدا، تولۇقلىما شەكلىدە پېنسىيە مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ.
 
ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش شەكلى
1984-يىلى 10-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 12-قېتىملىق 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش قارارى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قانات يېيىپ، كارخانىلاردىن مۇستەقىل ھېسابات قىلىش ۋە پايدا-زىيىنىغا ئۆزى مەسئۇل بۇلۇش تەلەپ قىلىندى. بۇخىل ئىسلاھاتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمىسىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولدى. كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر تۇتاش پىلانلاش مۇناسىۋىتى يىمىرىلىشكە باشلىدى، كونا-يېڭى كارخانىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى تەكشى بولماسلىقى، بىر قىسىم كونا كارخانىلارنىڭ بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالماسلىقتەك مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى، «ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەبلىغىنىڭ  كارخانىنىڭ سودىدىن سىرتقى تۈرلەر قاتارىدا تۇرغۇزۇلۇشى» دەك تەدبىرلەرمۇ ئەمەلىيلەشمىدى.
1991-يىلى6-ئايدا، مۇشۇ رايونلار تەجرىبە نۇقتىسى قىلىنغان ئاساستا، گوۋۇيۈەن «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈلمىسى ھەققىدىكى قارارى» نى تارقاتتى ھەمدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالەت قىلىنغان ئىجتىمائىي بىرلىكنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىجتىمائىي بىرلىك تۈزۈلمىسى پۈتۈن دۆلەت ئىچىدە ئاستا-ئاستا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. بىر تۇتاش پىلانلاش دەرىجىسى شەھەر، ناھىيەلەرگە مەركەزلەشتى.
#p#
بىراق قوزغاتقۇچ مېخانىزمىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن، ئىجتىمائىي بىرلىك ئەمەلىيەتتە كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى تۆلەمنىڭ يۆتكىلىشىگە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭلاشقا، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىرقەدەر ئاز بولغان بىر قىسىم يېڭى كارخانىلار بۇ جەھەتتە ئاكتىپ بولماسلىق، كەينىگە سۆرەش، تۆلەمنى رەت قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى.
1995-يىلى 3-ئايدا، گوۋۇيۈەن «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى  ئېلان قىلدى، دۆلەت ئىچىدە «ئومۇمىي ھېسابات بىرلەشتۈرۈلگەن» ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىرقىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوخشاش بولمىغان تارماقلار ئارىسىدا پىكىر بىردەكلىكى بولمىغاچقا، 1995-يىلى 3-ئايدىكى ئىسلاھاتتا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل مەشغۇلات لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، ھەمدە يەرلىكنىڭ ئىختىيارى تاللىشىغا ۋە مۇۋاپىق تۈزۈتۈشىكە يول قويدى.
1997-يىلى 7-ئايدا، گوۋۇيۈەن بىرلىككە كەلگەن شەھەر-بازار خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى، ئاللىبۇرۇن يۈرگۈزۈلگەن ئىككى يۈرۈش لايىھە يېڭى «ئومۇمىي ھېسابات بىرلەشتۈرۈلگەن» غا ئۆزگەرتىلدى. بىرلىككە كەلگەندىن كېيىنكى لاھىيەنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بىر تۇتاش ھالدا خىزمەتچىنىڭ مائاشىنىڭ %11ى بويىچە شەخسى ھېسابات قۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە شەخس تۆلەيدىغان يۈەنمىنى  %4 تىن تەدرىجىي %8 كە ئاشۇرۇش، قالغان قىسمىنى كارخانا ئۈستىگە ئېلىش بېكىتىلدى.
1998-يىلى 8-ئايدا، گوۋۇيۈەن يەنە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە يەنىمۇ تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئەسلىدىكى 11خىل كەسىپنىڭ كەسىپ ئىچىدىكى ياشانغاندىكى كۈتۈنۈشىنى يەرلىك )ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر( گە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ بىرتۇتاش پىلانلاش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەبلىغىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
 
ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ
2005-يىلى 12-ئايدا، «گوۋۇيۈەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى قارارى» نى رەسمىي تارقىتىپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى مۇقىملاشتۇردى.
1993-يىلدىن 2005-يىلغىچە بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئاستىدا، جۇڭگو ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلدى. بىراق ۋەزىيەت تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى.
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغى كېڭىشىنىڭ كېڭەش باشلىقى شىياڭ خۇەيچېڭ «دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سىستېمىسىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئارانلا %15ى بولۇپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر گۇرۇپپىسى بېكىتكەن %20 لىك ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىنمۇ تۆۋەن، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ زەربىسىدە، جۇڭگو ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالەت تۈزۈلمىسى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلدى» دەپ كۆرسەتتى.
ھازىرغا قەدەر، يېزىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالىتىدە چوڭ بۆسۈش بولمىدى، بىرقىسىم رايونلاردا يېزا سۇغۇرتا سىناق نۇقتىسى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق مەملىكەت خاراكتېرلىك سىياسىي سىناق نۇقتىلىرى تېخى باشلانمىدى.
ۋۇ يۈشاۋنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، جۇڭگو تېز سۈرئەتتە نوپۇسى قېرىلاشقان جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، ياشانغانلارنىڭ نوپۇس سانى ۋە قېرىلىشىش سۈرئىتى جەھەتتە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ھۆكۈمەت چوڭ ئىشلارنى ئۈستىگە ئالالماس بولۇپ قالدى، «ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» دېگەن گەپ كۈچكە ئىگە بولماي قالدى.
#p#
 
2015-يىلغا كەلگەندە ئۆزىنى-ئۆزى كۈتۈش
2009-يىللار، ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسى بىلەن خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار بېيجىڭدا «ئۇزۇن سەپەر» دېگەن ئىككى خەت بىلەن جۇڭگونىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پەردازلىدى. تەتقىقات نەتىجىسى كۆرسەتتىكى، جۇڭگونىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىقتىسادى كۆتۈرۈلۈشنى قوللايدىغان «نوپۇس پاي نىسبىتى» دەۋرى ئاخىرلىشاتتى، 2015-يىللىرىغا كەلگەندە، خىزمەت قىلالايدىغان نوپۇس سانى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندىن كېيىن قايتا تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغىنى نوپۇس قېرىلىشىشنىڭ دولقۇنى ئىدى.
ئادەمنى گاڭگىرىتىدېغىنى شۇكى، جۇڭگو بەلكىم بىرىنچى بولۇپ بېيىماي تۇرۇپ قېرىغان دۆلەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەبلىغىنىڭ كەمچىل بولۇشى بارغانسېرى ئاشماقتا. «جۇڭگونىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈلمىسى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان، كۈتۈنۈش يۈەنمىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ۋە شەخسى ھېسابات ئەمەلىيلىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈنۈمى بەكلا تۆۋەن «ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسى بىلەن خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى، يەرشارى نوپۇسى قېرىلىشىش تۈرىنىڭ باش نازارەتچىسى رىچارد ئانالىز قىلىپ، «جۇڭگو ھۆكۈمىتى مۇكەممەل ۋە ئۈزلۈكسىز بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمىسى قۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئۈزۈل-كېسىل بولغان ئىنقىلابقا موھتاج .» دەيدۇ.
ھازىر ئاللىبۇرۇن 2012-يىلى كىردى، 2015-يىلىغا بارغاندا، ياشانغاندا ئۆزىنى-ئۆزى كۈتۈش ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك تاللاشتۇر.
 
ياشانغاندىكى تۇرمۇشنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟
ياشانغانلار ئۆي سېتىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈشتىكى   تاللاشتا ئىككىلىنىشكە دۇچ كەلدى.
ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە پۇلى يوق كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قولىدا ئۆيى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىراق بولۇشى كېرەك. بىرقىسىم ياشانغانلار ئۆيىنى سېتىپ قېرى-چۆرىلەرنى بېقىش ئورنىغا بېرىشنى تاللىدى، ھالبۇكى ئۇلارمۇ ئامالسىز شۇنداق قىلغان ئىدى.
«جۇڭگو ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 81 ياشلىق  بو يۈلىياڭ ئۆيىنى سېتىپ، مىليون پۇلنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپمۇ، بىرەر مۇۋاپىقراق ساناتورىيە تاپالمىغان.
بو يۈلىياڭ ئۇرۇش دەۋردىكى بېيپىڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 11 ياش ۋاقتىدا، ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن، ئاچا-ئۇكا بەشەيلەن ئانىسىغا ئەگىشىپ شەرقىي شىمالدىكى دادىسىنىڭ قېشىغا كەلگەن. 1947-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ  ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن يىلى ئارمىيەگە قاتناشقان ھەمدە سانىتار بولۇپ لىياۋنىڭ-شەندۇڭ ئۇرۇشىغا قاتناشقان.
ئازادلىقتىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنمىن ناھىيەسىدە، شېنياڭ شەھىرى ۋە لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە سوت كوللېگىيەسىنىڭ ياردەمچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ خەيچېڭ شەھىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئورنىدا تاكى پېنسىيەگە چىققۇچە ئىشلىگەن. 1986-يىلى تۇنجى يولدىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يۇرتىنى سېغىنغانلىقىدىن، بو ئاپا شەرقىي شىمال بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتناشقا باشلىغان. 2003-يىلى، سەپداشلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆزىدىن 16ياش چوڭ لاۋجاۋ بىلەن يېڭى ئائىلىسىنى قۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ غەربى ئىككىنچى ئايلانما ئەتراپىدىكى چىنەن مەھەللىسىگە ئولتۇراقلاشقان.
#p#
2008-يىلى، لاۋجاۋ كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان،  بو يۈلىياڭ ئۇنىڭ ھالىدىن تۆت يىل خەۋەر ئالغان، بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا، لاۋجاۋ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈتۈنۈشى بىر مەسىلىگە ئايلاندى. كىچىكىدىنلا ئۆيىدىن ئايرىلىپ، سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان بو يۈلىياڭ پەقەت بېيجىڭدىلا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى، شۇڭا ئۇ مەخسۇس نوپۇسىنى بېيجىڭغا يۆتكىدى.
«بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپتىمەن، ئەمدى راھەت كۆرۈدىغان ۋاقتىممۇ كەلدى.»  دېگەندەك ئارزۇلار بىلەن 5-ئاينىڭ بېشىدا، ئۆيىنى مىليون يۈەنگە سېتىپ «ئاخىرقى ئۆمۈرىنى راھەت-پاراغەتتە ئۆتكۈزۈش» نى خىيال قىلغان ئىدى.
«شارائىتى ياخشىلىرىغا كىرەلمىدىم، كىرەلەيدىغانلىرىمنىڭ شارائىتى يارىمىدى.» دەيدۇ بو ئانا. بو ئانا ساناتورىيە تاللاش بىلەن تەڭ يەنە بىر ئېچىنىشلىق خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدى: ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ھەتتا ساناتورىيەگە كىرىش سالاھىيىتىمۇ يوق ئىكەن. ساناتورىيەنىڭ «چوقۇم ئۆزىنىڭ قىز-ئوغۇللىرىدىن قارىغۇچىسى بۇلۇش، نوپۇسى بېيجىڭدا، 50 ياشتىن تۆۋەن ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل بېيجىڭدا تۇرغان بولۇش.» دېگەندەك شەرتلىرى بار ئىدى. بىراق. ئۇنىڭ باللىرىنىڭ ھەممىسى سىرتتا ئىدى.
ئاخىرى  ناھايىتى چەت، قاتنىشى قولايسىز بىر ساناتورىيە ئۇنى قوبۇل قىلدى، گەرچە شارائىتى بو ئانا كۈتكەندەك بولمىسىمۇ، بىراق تاقىتى-تاق بولغان موماي يەنىمۇ تەخىر قىلالمىدى.
 
بۇتخانىدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ناھايىتى ئاز سانلىق ئەھۋال

رەسىمدە: جياڭسۇ ئۆلكىلىك جېنجياڭ شەھىرىنىڭ دەنتۇ رايونلۇق شىن فېڭ بازىرىدىكى قەدىمى بۇتخانا. كۆزگە كۆرۈنەرلىك يىرى بۇتخانا بولماستىن، بەلكى يەردىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھويلىسىدۇر.
 
بۇ بۇتخانىدا بۇتخانا كۆزەتچىسى شى چاڭفا ھەزرەت ئۆزى قۇرغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھويلىسى بار بولۇپ، 60 نەچچە ئىگە-چاقىسىز  ياشانغانلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەتتى.
بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن شى چاڭفا ھەزرەت، 1980-يىلى جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇتو تېغىدىكى فايۈ ئىبادەتخانىسىدا تۇغۇلغان، 1998-يىلى بۇتخانا كۆزەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، 1999-يىلى 4-ئايدا، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغان، 85 ياشلىق بىرەيلەننى بېقىۋالىدۇ، ئىگە چاقىسىز بو يۇڭچىڭدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار مەركىزى قۇرۇش ئىدىيەسى پەيدا بولىدۇ ھەمدە بۇتخانىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.
#p#
ھازىر بۇ ھويلىدا 170 تىن ئارتۇق ياشانغانلار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كەلگەن، باشقا رايوندىن داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەنلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە.
ساناتورىيەگە كىرەلىشى، نۇرغۇنلىغان تەنھا قېرىلارنىڭ ھەۋەس قىلىدىغان ئىشى. غايەت زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان تەنھا ياكى ئاجىز ياشانغانلارغا قارىتا، مەلۇم بىر مۇتەخەسسىس «مەھەللىلەشكەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېغىزدا دېگەندەك ئاسان ئەمەس ئىدى.
 
ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئۈچۈن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرىش  

رەسىمدە : 2009-يىلى فۇداشىن يەنە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىردى
رەسىم مەنبەسى : جۇڭگو ھەپتىلىك ژۇرنىلى، ياڭ شىياڭ فوتوسى
 
«جۇڭگو ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، 2008 –يىلى 9-ئايدا، فۇداشىن بېيجىڭ بېكىتىدە بۇلاڭچىلىق قىلىپ نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي، ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. جازا ئېلان قىلىنغاندا، فۇداشىن سوتچىدىن «جازا بەك يەڭگىل بولۇپ قالدى، يەنىمۇ ئېغىرراق جازالاڭلار» دەپ ئۆتۈنگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى بىرلا، يەنى تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن قۇرساق تويغۇزۇش ئۈچۈن پاي-پېتەك بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
فۇداشىن خۇنەن ئۆلكىلىك خېڭ ياڭ شەھەرلىك چىدۇڭ ناھىيەسىنىڭ لىڭگۈەن كەنتىدىكى بىر دېھقان. كەنتتىكى تەڭ دېمەتلىكلەر ئىچىدە ئۇ ئۇقۇمۇشلۇق ھېسابلىناتتى. 1957-يىلى باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ناھىيەدىكى ھەقسىز، يېرىم كۈن ئوقۇپ يېرىم كۈن ئىشلەيدىغان لىنيې تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆتىدۇ. بىراق بىر يىل ئوقۇپلا مەكتەپ توختاپ كەتكەنلىكتىن كەنتكە قايتىپ كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا دەل خىزمەتچى قوبۇل قىلىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇسى مەكتەپتە بولغاچقا، بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قېلىپ، ئائىلىدە دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، بىر ئۆمۈر خوتۇن ئېلىپ باقمىغان ئىدى. ياش ۋاقتىدا، يۈننەندە ئالتە يىل ئۆردەك باققان، بىراق ئۆردەكلىرى زەھەرلەنگەندىن كېيىن گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا باشلىغان.
#p#
ياشقا چوڭىيىپ، ئەمگەك قىلالمىغان فۇداشىن يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان. 30 نەچچە يىل ئىلگىرى خام خىشتىن سېلىنغان ئۆيىنىڭ يېرىمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، يۇرتتىكىلەر دائىم ئۇنىڭ قىر بېشىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، سوغۇق سۇغا گۈرۈچ چىلاپ يەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. يېقىنقى يىللاردا يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ئەمگەك قىلالمىغاچقا، كەنت ئۇنىڭغا بۆلۈپ بەرگەن سەككىز پۇڭ يەرنى قايتۇرۇۋېتىپ، قورسىقىنى تويغۇزالمايدىغان قىيىن تۇرمۇشقا قەدەم قويغان. ئالدىنقى ئىككى يىلدا سالامەتلىكى خېلى ياخشى بولۇپ، ئۆزىنى باقالايتتى، بىراق يېقىندىن بىرى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كېسەل بېسىپ، تاپىدىغان پۇلى ئازلاپ كەتتى. تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ گۆش يېمىگىنىگە ئىككى يىل بولغان ئىدى. ئۆزىنى بېقىش ئۈچۈن، ئۇ تاماكا، قۇرۇق بېلىق ۋە راك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى توپ تارقاتتى. ياشانغانلىق سەۋەبىدىن ھەمىشە مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا قالاتتى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئۈچ يۈەن تاپالايتتى، ئەگەر ساتالمىسا مەبلەغنىمۇ قايتۇرۇۋالالمايتتى.
2003-يىلدىن باشلاپ، ئۇ يىللىقى 300 يۈەنلىك ياردەم پۇلغا ئېرىشتى، 2007-يىلغا كەلگەندە، 600 يۈەنگە ئۆستى. «بىر يىلغا 600 يۈەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 1.6 يۈەن  توغرا كېلىدىكەن، بىر جىڭ گۆش 13 يۈەن، بىر جىڭ گۈرۈچ 1. 5 يۈەن تۇرسا، 1. 6 يۈەنگە نېمە يېگىلى بولىدۇ؟» دەيدۇ فۇداشىن.
بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، فۇداشىن مۇددەتتىن بۇرۇن تۈرمىدىن چىقىپ، يۇرتىدىكى بىر قېرىلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلىشىدۇ. 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، يۇرتتىكىلەر 500 يۈەن يول كىرا ھەققى چىقىرىپ، ئۇنى چاڭشادىكى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنى يەنە ساناتورىيەگە ئاپىرىپ قويىدۇ. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىكى پېڭ مۇدىر ئۇنى يوقلاپ كېلىدۇ، «ياشانغاندا تۈرمىدە كۈتۈنۈش» ئىشى يەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى، فۇداشىن ساناتورىيەدە تۇرمايتتى، كەنت باشلىقى فۇدايۆ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «فۇداشىن ساناتورىيەدە تۇرسا، يىللىقى ئۇنىڭغا 600 جىڭ ئاشلىق بېرىلىشى كېرەك.» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆيىنى كەنتكە گۆرۈگە قويمىغانلىقتىن، ئۇ ساناتورىيەگە كىرەلمىگەن ئىدى.
يېزىدا، بەشتە كاپالەت ئىشىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى كەنت مۇدىرلار كېڭەشمىسى بىلەن ئەزالار كىچىك گۇرۇپپىسى ئىدى. بىراق بارغانسېرى نامراتلىشىۋاتقان كەنتنىڭ ياشانغانلارنى باققۇدەك پۇلى يوق ئىدى. چىدۇڭ ناھىيەسىدە %9 تىن ئارتۇق ياشانغانلار ساناتورىيەگە كىرەلمەيتتى. «ئەگەر تۈرمىگە كىرىش سەۋەبىمنى پۈتۈن خەلق بىلمىگەن بولسا، ھازىرغىچە ساناتورىيەگە كىرەلمىگەن بولاتتىم.» دەيدۇ فۇداشىن.
 #p#
ئېچىنىشلىق ئەھۋال: ئۈمىدسىزلەنگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلار

رەسىمدە : خۇاڭ يۆ لىننىڭ ئۆيى، بىر قاتار دورا جازىسى بولۇپ، بۇيەرنىڭ ئىلگىرى بىر دوختۇرنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ
 
نوپۇس قېرىلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا.
2010-يىلى، ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو يېزىلارنى تۈزەش مەركىزىدىكى 30 نەچچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ 10 ئۆلكە كەنتتىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، بۇ يەردە 410 ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دېلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 55 ياشتىن چوڭلار 196 قېتىم ئىدى.
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا قارىتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى: 90-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئۈمىدسىزلىك خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، %50 كە يېقىنلاشقان. 90-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، بۇ خىل شەكىلدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى 2/3 كە يەتكەن.
نۇرغۇنلىغان كەنتلەردە، ياشانغانلار نىسبەتەن ئاجىز ئۇرۇندا تۇرىدۇ. باشقا ياشتىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشى ئارقىدا قالغان، پۇلى كەمچىل بولۇپ، كېسەل بولسا ئۈنۈملۈك داۋالىنالمايدۇ. روھى جەھەتتە ئاساسەن يۆلەنچۈك تاپالمايدۇ ھەتتا «ئۆلگەن بىلەن باراۋەر» ھالەتتە. ئۇلارنىڭ كەنت ۋە ئائىلىدىكى ئىشلاردىكى پىكىر قىلىش ھوقۇقى بارغانسېرى كەمچىل بولىدۇ.
#p#
يېقىندىلا بۇنداق ئەھۋال يەنە يۈز بەردى. «شەرق يېزا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى 1-ئايدا، گۇاڭدۇڭ لىيەنپىڭ جوڭشىن بازىرىدىكى پېشقەدەم دوختۇر خۇاڭ يۆلىن ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزۈپ، قاراڭغۇ كېچىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىپ، 64 ياشلىق ھاياتىنى  ئاخىرلاشتۇرغان.
ئەمەلىيەتتە، بىر ئۆمۈر دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان خۇاڭ يۆلىن، گەرچە كىرىمى ئاز بولسىمۇ، بىراق ئاچ قالىدىغان ھالەتكە قالمايتتى. ھالبۇكى، ئۇ تەقدىرنىڭ ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشەلمىدى. دوختۇرلۇقى قىلالماي، قىزلىرى قېشىغا تېخى بارالماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىنى يارىلاندۇرۇۋېلىپ، دورىخانىنى ئاچالماي، كىرىم مەنبەسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن زەربە، ئۇنىڭ ياشاش ئۈمىدىنى نابۇت قىلىپ، ئۇنى ھالاكەتكە  ئېلىپ باردى.
خۇاڭ يۆلىن مۇشۇنداق تىنچ كېتىپ قالدى، خۇاڭ جۈنشىياڭ قاتارلىق قەدىناسلىرى خەۋەر تاپقان چاغدا، ئاللىبۇرۇن ئىككى ئاي بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۈلىمۇ يۇرتى چاڭفېڭغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.
 
«ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» نېمىلەرنى ئېچىپ بەردى؟
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىدىيەسىدە، «قېرىغاندا ئاچ قالماي دېسەڭ بالا باق» ناھايىتى چوڭقۇر ئورنىغان، بىراق پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئاساسى سىياسىتىدە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دۆلەتنىڭ شوئارىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئۈمىدىنى ھۆكۈمەتكە باغلىدى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، ھۆكۈمەت «بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق» نى تەكىتلىدى، بۇ ئەمەلىيەتتە ياشانغاندا ئائىلىگە، شەخسكە تايىنىش كېرەك دېگەنلىكتۇر . بىراق بۇنداق بۇلۇش مۇمكىنمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو دەل «421 ئائىلە» دەۋرىنى كۈتۈۋالماقتا، بىر جۈپ ئەر-خوتۇن تۆت ياشانغاننى ۋە بىر پەرزەنتنى بېقىش ئاساسى ئېقىمغا ئايلاندى، ھەربىر ئائىلە نوپۇس سانىدا تەتۈر پىرامىدا شەكىللەنگەن بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، كېيىنكى ئەۋلادلاردىن ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى كۈتۈش ھەم ئىلمى بولمىغان ھەم ئەمەلىي بولمىغان بىر ئىش. ئىقتىساد مەسىلىسىنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ، بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ تۆت ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش «ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق» لا بىر ئىش. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت ئەنئەنىۋى ۋاپادارلىققا تايىنىپلا «ياشانغاندا كۈتۈنۈش» مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئائىلىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىقتىدارى  ئاجىزلاشقان ئەھۋالدا، ھۆكۈمەتنىڭ «ۋەزىيەتنى چۈشەنمىگەن» ھالدا ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە ھۆكۈمەتكە تايىنىۋالماسلىقنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغانلارنى كۈتۈشنى بازارغا سېلىپ، «ياشانغانلار ئىقتىسادى» نى جانلاندۇرۇشنىڭ ياخشى  پۇرسىتى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق؟
#p#
«ئىقتىساد گېزىتى» خېلى بۇرۇنلا، «چەتئەلنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور بولسىمۇ، بىراق يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرماقتا، دۆلەت ئىچىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش تارماقلىرىنىڭ ئەھۋالى ئالدىن مۆلچەرلىگەندىن خېلىلا يىراق بولۇپ، نوپۇس قېرىلىشىش سۈرئىتىگە ئەسلا يېتىشەلمەيدۇ.» دەپ كۆرسەتكەن.
دۆلەتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بازىرى مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، تۈمەنلىگەن ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە غايەت زور بىر ياشانغانلار ئىستېمال بازىرىنى بەرپا قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئىكەن.
«ياشانغانلار ئىقتىسادى» غايەت زور ئىقتىساد زەنجىرى بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ماددىي ۋە روھى ئىستېمالى غايەت زور بىر بازار قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە يېڭى ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ. ياشانغانلار ئىگىلىكى بىرلەشمىسىنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىگىلىك ياشانغانلارغا  مۇلازىمەت قىلىش  كەسپى، ئامانلىق ۋە سالامەتلىك ئىشلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى كەسپىدىن تارتىپ تاكى ياشانغانلارنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش كەسپى، ياشانغانلار ئىقتىساد سۇغۇرتىسى ۋە  ياشانغانلار مائارىپ ئىشلىرى قاتارلىق 10 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دۆلەتلىك ياشانغانلار بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن چۈەنشۇ «2010-يىلدىن 2030-يىلغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى ھازىرقى 20 مىليوندىن 78 مىليونغا يەتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %2 تىن كۆپرەك يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىق» نى ئېيتقان ئىدى. ئەگەر ياشانغانلار بىلەن كۈتكۈچىلەرنىڭ نىسبىتىنى 3:1 بويىچە تەڭشىسەك، مۇشۇ بىر كەسىپتىلا مىليون ئادەمنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشى ئىشلىرى ئۇزۇن زەنجىر بولۇپ، نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ. كەلگۈسى 10 يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغانلارنىڭ  كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ دائىرىسى 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، GDP غا بولغان تەسىرى روشەن بولىدۇ.
ھالبۇكى، خەۋپ–خەتەر كۆپ، ئۈنۈم ئاز بولغان ھازىرقى ئەھۋالدا، مۇناسىۋەتلىك خېيىم-خەتەرلەرنى ھەل قىلىش سىستېمىسىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇنلىغان جەمئىيەت مەبلىغى بۇ ساھەگە كىرەلمىدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك جەمئىيەت ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى مىياۋ چىيىڭ  «خۇاشىيا ۋاقىتلىق گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمىلىرىگە ئارقىلىق، رايونلۇق ساناتورىيە، ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلغۇچىلار، كۈندۈزلۈك قارىغۇچى رايونلار، مۇلازىمەت شىركەتلىرى ۋە جەمئىيەت گۇرۇپپىلىرىنى  پايدا ئالدۇرۇش كېرەك.» دەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياشانغانلار مۇلازىمەت كەسپىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.
«قېرىغاندا كۈتۈنۈشتە ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغانلارنى كۈتۈش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
مۇھەررىرنىڭ باھاسى : بىز ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشنى ئۈمىد قىلمايمىز، پەقەت ئادىل بولۇشنىلا ئۈمىد قىلىمىز.
(ئۇنىۋېرسال خەلق تورى، «خۇاشىيا  ۋاقىتلىق گېزىتى»، «چوڭ دەريا گېزىتى»، «جۇڭگو ھەپتىلىك ژۇرنىلى»، «خەلقئارا ئىقتىساد گېزىتى»، دۆلەتلىك تەتقىقات تورى  خەۋىرى )
ئەسلى مەنبە: http://www.rmlt.com.cn/News/201208/201208301535509500.html

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى