ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---قورساق بېقىش چوڭ مەسىلە (16)

ئىگىلىك تىكلەش---قورساق بېقىش چوڭ مەسىلە (16)

ۋاقتى: 2016-02-11 ئاۋاتلىقى: 599 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى ئاچقان كىچىك شىركەت، بولۇپمۇ بىر نەچچە ياشلار شىركەت ئاچقان ئەھۋال ئاستىدا، ھەرگىزمۇ قورساق تويغۇزۇش مەسىلىسىگە سەل قارىماڭ.
ئەگەر سىز ئائىلىدە ئىش بېجىرسىڭىز، شېرىك ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىرتتا خىزمەت بېجىرسىڭىز، چۈش كەچتە چوقۇم يېقىن ئەتراپتىكى تاماقخانىدىن تاماق يەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆي ئىجارە ئالغاندا چوقۇم تاماق مەسىلىنى ياخشى ئويلىمىسىڭىز بولمايدۇ.
ئادەتتە ئىشخانا بىناسى ئەتراپىدا تاماقخانا ناھايىتى كۆپ، سىز چوقۇم ھەر بىر تاماقخانىنىڭ باھاسىنى بىلەن تونۇشۇپ، قۇرۇما تۈرى، تەمى قاتارلىق ئامىلنى بىلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇلارنى خىزمەتچىلىرىڭىز ۋە سىز ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىسىز، ئەگەر قاچىلىق تاماقنىڭ تەمى ياخشى ئەمەس، باھاسى قىممەت، تازىلىقى ناچار، ئوزۇقلۇقى يوق بولسا بۇ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
مەن بىرىنچى شىركەتنى قۇرغاندا ناھايىتى قولايلىق بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغان، بىراق تاماق مەسىلىسىگە  سەل قارىغان، چۈنكى ئولتۇراق رايون ئەتراپىدا قاچىلىق تاماق توشۇيدىغانلار يوق بولۇپ، ھەر كۈنى ۋاقتىدا تاماق يېيىشكە ئامال يوق ئىدى، شىركەت خىزمەتچىلەرنىڭ تامىقى ئۈچۈن تۆت ئادەم 50 يۈەن چىقىم قىلىنغان، بۇ يەنىلا ئەرزان ھېسابلىنىدۇ. كېيىن ئىشخانا بىناسىغا كۆچكەندە گەرچە ئىجارە ھەققى قىممەت بولسىمۇ، بىراق قاچىلىق تاماق ئەۋەتىدىغان ئورۇن كۆپ بولۇپ، بىر كىشىلىك تاماق 8 يۈەن (5 يۈەنلىك تاماقمۇ بار)، نەتىجىدە شىركەت كۆلىمى كېڭەيتىلىپ 7 ئادەم بولدى، يەنىلا 56 يۈەن، بۇ ئىختىيارسىزلا خىزمەتچى ۋە شىركەت ئۈچۈن كۆپ تەننەرخ  تېجەپ بەرگەن.
شۇنداقلا شىركەتكە يېقىن بولغان تاماقخاندىن تاماق يېگەندە، ياكى تاماق ئەكەلتۈرگەندە ناھايىتى قولايلىق بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا تاماق يېيىش ئۈچۈن يەنە كۆپ يول ماڭىدىغان گەپ، ياكى تاماق توشۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كەتسە يەنىلا ئاۋارىچىلىق، بۇ ئىشلارنى خوجايىن بولغان ئادەم چوقۇم ياخشى ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا: تاماقنى ياخشى يېمىگەندە باشقا ئىشنى قانداق ياخشى قىلغىلى بولسۇن؟!
بولدى، مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە سۆزلەيدىغىنىمىز ھازىرچە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ئەمدى بىر ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىنى سۆزلىمەي شىركەتنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسىنى سۆزلەيمىز.
سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزنىڭ تولۇق بولۇشى ناتايىن لېكىن بۇنىڭ ھەربىر ئىگىلىك تىلىگۈچىلەرگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بولۇپمۇ ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئاز تولا پايدىسى بولسا بىز ناھايىتى خوشال بولغان بولىمىز!
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى