ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى سىرى

ياشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى سىرى

ۋاقتى: 2016-05-28 ئاۋاتلىقى: 613 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر شىركەتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈنۈم يارىتىش ئەلۋەتتە ئاددىي بىر ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا ئادەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە سودا مۇتەخەسسىسلىرى مول باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە شەخس ياكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سودا كوللېكتىۋى تەشكىللەپ باققان، سودا پىلانى تۈزگەن، شۇنداقلا مەھسۇلات ئېچىش جەريانىدا پايدا-زىياننى كۆرۈپ باققانلار يەنى «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىسى»گە ئىگە باشقۇرغۇچىلارلا ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىكەن. 
بۇلارنىڭ قارىشىنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. تەجرىبە مول كىشىلەر ھەقىقەتەن ماھىر ئۇستىلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار تەجرىبە توپلاش جەريانىدا، پىشىپ يېتىلىدۇ ۋە يېڭى نىشان ئىزدەپ تاپالايدۇ. تۇرمۇشمۇ مانا مۇشۇنداق، ئىگىلىك تىكلەشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا پۈتۈن ئۈمىدنى مۇشۇنداق تەجرىبىسى مول كىشىلەرگە باغلىغاندا مەغلۇب بولۇشتىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تەلەي ئوڭدىن كېلىپ قالسا، ھەتتا ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتقانلار يەنىلا تەجرىبىسى كەمچىل 20 ياشلار ئەتراپىدىكى ياشلار، شۇنداق، دەل 20 ياشلار ئەتراپىدىكى ياشلار ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىدا سودا ئاتامانلىرىغا ئايلانماقتا. 
#p#
ئادەتتە دەرسلىك كىتابلاردا بۇلار يېزىلمايدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ سىزگە بۇلارنى سۆزلەپ بەرمەيدۇ. كەسپىي ئىگىلىك تىكلەش دەرسلىكىدىمۇ سىزگە بۇلاردىن ساۋات بەرمەيدۇ، چۈنكى 20 ياش ھەقىقەتەن كىشىلەر نەزىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن بەك يىراق بىر مەزگىل.
ياشلار ئۇتتۇرۇۋېتىشتىن قورقمايدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرۇۋەتكۈدەك ھېچنەرسىسى يوق: 
 
20 ياشلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئۇتۇق قازانغان كارخانىلارنى قۇرالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرۋەتكۈدەك نەرسىسى يوق. ئەينى ۋاقتىدا، بۇ ياش كارخانىچىلار مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىدىن چىقماي، كۈندە تەييار چۆپ يېگەن. ئۇلارنىڭ ئۆي ئېلىش، ماشىنا ئېلىش بېسىمى ھەم كاتتا تۇرمۇشنى قوغلىشىش ھەۋەسلىرىمۇ يوق. 
 
ئەكسىچە، يېشى چوڭ، تەجىرىبىسى مول كارخانىچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر شىركەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىشىدۇ. كەسىپ مۇساپىسىنىڭ ھەربىر باسقۇچلىرىدا، ئۇلار يۇقىرى مائاش ئېلىپ ئىشلەيدۇ، ھەشەمەتلىك رايونلاردا تۇرىدۇ، داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنى ھەيدەيدۇ. ئەگەردە ئۇلارنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغاندا، ئۇلار ئامالسىز ناھايىتى قاتتىق سىناققا يۈزلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، جاپا-مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىپ بەرپا قىلغان راھەت ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىشى زۆرۈر. شۇڭا تەجرىبىسى مول كارخانىچىلار قايتىدىن بىر شىركەتنى قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋاقتىدا، ئەمەلىيەتنىڭ ھەرخىل سىناقلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن تاقابىل تۇرۇشى كېرەك . يەنە كېلىپ ئۇلار خەۋپ-خەتەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەردىن يىراق بولالمايدۇ ئەلۋەتتە. شىركەتنىڭ ھەربىر قەدىمىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلايدۇ، مانا بۇ جەريان ئۇلارنى تېخىمۇ ئېھتىياتچان قىلىۋېتىدۇ. 
#p#
20 ياشلىقلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشقا كىرىشەلەيدۇ ھەم پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالالايدۇ: 
مەسىلەن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرى مەلۇم بىر خىل پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مەسىلە ھەل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بىردىنبىر ئويلايدىغىنى قانداق قىلىپ ئەڭ ياخشى ئامال بىلەن كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلىش. يەنە كېلىپ ياشلار پۈتۈن زېھىن-كۈچى بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلالايدۇ. 
بېل گايتس بۇرۇن مەن 20 نەچچە ياش ۋاقتىمدا بىر قېتىممۇ رۇخسەت سوراپ باقمىغان دېگەن. ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يېڭىچە، ئۆزگىچە كۆز-قاراشلىرى بار، كۆپ قىسىم شىركەت مۇدىرىيەت يىغىنىدىكى ئومۇملىشىپ كەتكەن «ئەسلىدىلا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك.» دېگەن تۇراقلاشتۇرۇلغان نەزەرىيە بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ياشلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ناھايىتى يېڭى، شۇڭا ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە. 
ئەگەر سىز ھازىر 20 ياشلار ئەتراپىدا بولسىڭىز ئۇنداقتا كارخانىچى بولۇش ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇرۇڭ، نىشانىڭىز ئۈچۈن جاسارىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىڭ، ئەڭ ئاخىرى داڭلىق كارخانىچىلار تىزىملىكىگە كىرىپ قالسىڭىز ئەجەب ئەمەس، مەغلۇب بولسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، چۈنكى سىزنىڭ ئۇتتۇرۇۋەتكۈچىلىكىڭىز بار. چۈنكى سىزدە ئەڭ مۇھىمى يەنە پۇرسەت ۋە ۋاقىت بار، چۈنكى بۇلار سىزگە دەرس بولالايدۇ، تەجرىبە توپلىيالايسىز، قېنى نېمىدىن غەم قىلىسىز، ياشلىقىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلغۇچە ھەرىكەتكە كېلىڭ! 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى