ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سودا مەخپىيىتى دېگەن نېمە؟ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن «مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى» تۈزسە بولامدۇ؟

سودا مەخپىيىتى دېگەن نېمە؟ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن «مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى» تۈزسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-10-26 ئاۋاتلىقى: 487 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سودا مەخپىيىتى دېگەن نېمە؟ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن «مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى» تۈزسە بولامدۇ؟

 

جاۋاب: دۆلىتىمىزنىڭ «ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، «سودا مەخپىيىتى» ئاۋام بىلمەيدىغان، ھوقۇقدارغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە، ھوقۇقدار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرى قوللانغان تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ۋە تىجارەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

 

دۆلىتىمىزدە، قانۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ئارىسىدا توختام ئارقىلىق سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى بەلگىلىسە بولىدۇ. «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 23-ماددىسىنىڭ بىرىنچى تارمىقىدىمۇ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىدا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش نۇقتىلىرىنى بەلگىلىسە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

 

شۇڭا، ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئارىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمىنى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ماددىسى شەكلىدە ئەمگەك توختامىغا يېزىپ كىرگۈزسىمۇ بولىدۇ، يەككە بىر پارچە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى تۈزسىمۇ بولىدۇ. ئىككى خىل شەكىلنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش. 
  

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى