ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

2012-يىللىق ئىقتىسادتىكى داڭلىق شەخس

2012-يىللىق ئىقتىسادتىكى داڭلىق شەخس

ۋاقتى: 2015-07-02 ئاۋاتلىقى: 443 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈن، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىقلار مەركىزى تېلېۋزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2012-يىللىق ئىقتىسادتىكى داڭلىق شەخس بولۇپ باھالاندى
 
2012-يىللىق «CCTV جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى داڭلىق شەخىس» 12-دېكابىر بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە CEO ى ما يۈن، لىيەنشىياڭ گۇرۇھىنىڭ لېدىرى قوشۇمچە CEO ى ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىقلار تىزىملىككە كىردى. بۇ ما يۈن بىلەن ياڭ يۈەن چىڭنىڭ ئىككىنچى قېتىم مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. شىياۋمى شىركىتىنىڭ لېدىرى قوشۇمچە CEO ى لېي جۈن يىللىق جاسارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«CCTV جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى داڭلىق شەخىس»لەرنى باھالاشنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، زور كەسىپ ئىسلاھاتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، زور سودا ئەندىزىسىنى ياراتقانلاردىن ئىبارەت. 
شۇڭا بۇ خىل باھالاش «جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئوسكار مۇكاپاتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بۇ قېتىملىق «CCTV جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى داڭلىق شەخىس» تىزىملىكىگە كىرگەنلەردىن: پەن-تېخنىكا ساھىسىدىكىلەردىن ما يۈن (ئالى بابانىڭ CEO)، ۋاڭ ۋېي (شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈشىنىڭ باش لېدىرى)، بېيدۇۋشىڭ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ كوللېكتىپى، لى كەيفۇ (يېڭىلىق يارىتىش سەيناسىنىڭ CEO)، ياڭ يۈەنچىڭ (لىيەنشىياڭنىڭ مۇدىرى)، ياۋ مىڭ (مەبلەغچى)، لې جۈن (شىياۋمىنىڭ CEO)
ئۆتكەن 12 يىلدا، 114 نەپەر، جەمئىي 120 ئادەم قېتىم  مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يىل 13-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق داڭلىق شەخىس»لەرنى باھالاشنىڭ باش تېمىسى «ئوقەتچىلىكنىڭ بۇرچى» بولۇپ، ئوقەتچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد جەھەتتىكى مۇنەۋۋەر باشلامچىلار ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان كوللېكتىپلار مۇكاپاتلاندى. 
مەركىزى تېلېۋىزىيە مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى گو جېنشى كونكىرت باھالاش پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمى سىلجىتىش كۈچى، تەسىر كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رەھبەرلىك كۈچى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، يىللىق تۆھپىسى قاتارلىق ئالتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ بىلدۈردى.
 
«CCTV جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى داڭلىق شەخىس»لەر تىزىملىكى:
بىرىنچى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق داڭلىق شەخس ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى:
گو خېنىيەن: جىيالى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
 
ئىككىنچى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق داڭلىق شەخسلەر:
ما يۈن: ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيىتىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە ئىجرائىيە ئەمەلدارى
ياڭ يۈەنچىڭ: لىيەنشىياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە ئىجرائىيە ئەمەلدارى
نىڭ گاۋنىڭ: جۇڭلىياڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى
ۋاڭ جىيەنلىن: دالىيەن ۋەندا گۇرۇھى پاي ھەسسىدارلىق مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى
جاڭ ۋېيگۇڭ: نۇرلان سوغۇرتا گۇرۇھى پاي ھەسسىدارلىق مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە لېدىرى
خۇ ۋېنمىڭ: جۇڭگو كېمىچىلىك سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، باش مۇدىرى
سۇڭ جىپىڭ: جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى؛ جۇڭگو دورا گۇرۇھى باش شىركىتىنىڭ تاشقى باش مۇدىرى، باش مۇدىرى
يۈ لىياڭ: ۋەنكې كارخانا پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى
گۈەن شىيۇۋ: شېنياڭ ئىستانۇك گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى
 
ئۈچىنچى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق داڭلىق شەخس يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى
بېيدۇۋشىڭ يولباشلاش سىستېمىسى ۋەزىپە كوللېكتىپى: جۇڭگو ئالەم پەن-تېخنىكىسى گۇرۇھى شىركىتى
 
تۆتىنچى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق داڭلىق شەخس جاسارەت مۇكاپاتى
لېي جۈن: شىياۋمى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە CEO ى
 
بەشىنچى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق داڭلىق شەخس نامزات مۇكاپاتى
جۇۋ خەيجىياڭ: قىزىل پۇرچاق گۇرۇھىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، لېدىرى
لۇ ۋېيدىڭ: ۋەنشىياڭ گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى؛ خەلق تۇرمۇشى سۇغۇرتىسىنىڭ باش مۇدىرى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى
 
20 نەپەر يىللىق داڭلىق شەخس تىزىملىكىگە كىرگەنلەر (ئىسىمى بىخۇا تەرتىپى بويىچە تىزىلدى):
1. ما يۈن: ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە CEO ى
2. ۋاڭ ۋېي: شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش گۇرۇھىنىڭ لېدىرى
3. ۋاڭ جىيەنلىن: دالىيەن ۋەندا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
4. بېيدۇۋشىڭ كوللېكتىپى: جۇڭگو ئالەم پەن-تېخنىكىسى گۇرۇھى
5. نىڭ گاۋنىڭ: جۇڭلىياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
6. گۈەن شىيۇۋ: شېنياڭ ئىستانۇك گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
7. لى كەيفۇ: يېڭىلىق يارىتىش سەيناسىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە CEO ى
8. ياڭ يۈەنچىڭ: لىيەنشىياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
9. سۇڭ جىپىڭ: جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى
10. جاڭ ۋېيگۇڭ: نۇرلان سۇغۇرتا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
11. لىن يىفۇ: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتلىك تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ پەخىرى باشلىقى
12. يۈ لىياڭ: ۋەنكې پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى
13. جۇۋ خەيجىياڭ: قىزىل پۇرساق گۇرۇھىنىڭ لېدىرى
14. خۇ ۋېنمىڭ: جۇڭگو كېمىچىلىك سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى
15. ياۋ مىڭ: ۋاسكىتبول چولپىنى، PE مەبلەغچى
16. گو خېنىيەن: جىيالى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
17. لىياڭ ۋېنگېن: سەنيى (31) گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
18. لۇ ۋېيدىڭ: ۋەنشىياڭ گۇرۇھىنىڭ لېدىرى
19. لېي جۈن: شىياۋمى شىركىتىنىڭ  CEO
20.سەي يەنمىڭ: ۋاڭۋاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى