ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تاپاۋەت بېجىنى توپلام ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇش

تاپاۋەت بېجىنى توپلام ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇش

ۋاقتى: 2012-11-18 ئاۋاتلىقى: 525 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تاپاۋەت بېجىنى توپلام ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇش: كارخانىنىڭ يىل ھالقىغان خىراجەت چىقىم ئىسپاتىغا ئالاقىدار باجنى بىر تەرەپ قىلىش

ئاۋۋال، خىراجەتنى پەقەت ئۆزى تەۋە بولغان يىلدىلا تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ، ئالدىغا سۈرۈپ ياكى كېيىنكى يىلنىڭ ھېسابىغا يۆتكەپ تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا، يىل ھالقىپ ئالغان تالوننى تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالغا ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك:
بىرىنچى، ئەگەر كارخانىنىڭ تاپاۋەت بېجىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى تالوننى ئالغان بولسا، تەننەرخ چىقىمىنى دوكلات قىلغان يىل ئىچىدە باجدىن بۇرۇن چىقىم قىلىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، يىللىق تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلاپ تاپشۇرۇشنى قايتىدىن بىجىرىپ، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى تەڭشەپ ئازلاتسا بولىدۇ؛
ئىككىنچى: ئەگەر كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئومۇملاشتۇرپ ھېسابات قىلىپ تاپشۇرغاندىن كېيىن ئالغان يىل ھالقىغان تالون بولسا، باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ، شۇ يەرلىك باج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىدىن تۇتۇپ قېلىش كېرەك. ئەگەر شۇ يەرلىك باج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىقلىمىسا، باجغا ئۇدۇللاشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى