ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى

جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 1076 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەمۇرىي جاۋابكارلىق» بۇ يەردە!

 

4.جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى


«مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە «ساختا، سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى قارار»دا، مەھسۇلات سۈپىتىگە خىلاپلىق قىلىشقا دائىر جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا قارىتا بىر قاتار مۇھىم بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلغان. بۇلار ئاساسلىق تۆۋەندىكىچە:


1. جىسمانىي ساغلاملىققا، جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى، مەسىلەن، داۋالاش ئەسۋابلىرى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تازىلىق ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى، بېسىم قاچىسى، ئوڭاي يانىدىغان، ئوڭاي پارتلايدىغان مەھسۇلاتلار ياكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ياكى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ، جىسمانىي ساغلاملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


2. مەھسۇلاتقا خىلمۇخىل، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرغان، ساختا مەھسۇلاتنى راست مەھسۇلات ئورنىغا، ناچار مەھسۇلاتنى ياخشى مەھسۇلات ئورنىغا قويغان ياكى لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلارنىڭ قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


3. ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلغان مەھسۇلاتلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. بىرىنچى، ساختا، سۈپىتى ناچار دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىلىپ، سېتىپ، جىسمانىي ساغلاملىققا ئېغىر زىيان سېلىش؛ ئىككىنچى، تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، ئېغىر ھالدا يېمەكلىك بىلەن زەھەرلىنىش ھادىسى ياكى يېمەكلىك سەۋەبىدىن بولغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىسمانىي ساغلاملىققا ئېغىر زىيان سېلىش؛ ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلىدىغان يېمەكلىكلەرگە زەھەرلىك، زىيانلىق بولغان غەيرىي يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ياكى جىسمانىي ساغلاملىققا باشقا ئالاھىدە ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزۈش؛ تۆتىنچى، ساختا دېھقانچىلىق دورىلىرى، ساختا چارۋا دورىسى، ساختا خىميىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىپ، ساختا ياكى ئىشلىتىلىش رولىنى يوقاتقان دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، خىميىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ ياكى لاياقەتسىز تاۋارلارنى لاياقەتلىك تاۋارلارنىڭ ئورنىدا سېتىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا بىرقەدەر زور ۋە ناھايىتى زور زىيان سېلىش؛ بەشىنچى، تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىپ ياكى سېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش؛ ئالتىنچى، كۈچتىن قالغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرۈش قاتارلىقلار.



4.  پارا بېرىش، پارا ئېلىش ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىپ، سېتىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار: جىسمانىي ساغلاملىققا، جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلار؛ خىمۇخىل، ساختا نەرسىلەر ئارىلاشتۇرۇلغان، ساختىسى ھەقىقىيسىنىڭ ئورنىغا، ناچىرى ياخشىسىنىڭ ئورنىغا، لاياقەتسىزلىرى لاياقەتلىكلىرىنىڭ ئورنىغا قويۇلغان مەھسۇلاتلار؛ دۆلەت ئېنىق بۇيرۇق چىقىرىپ شاللىۋەتكەن مەھسۇلاتلارنى ساتقان، سېتىۋالغانلار؛ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىنى ئويدۇرۇپ چىققانلار؛ باشقىلارنىڭ زاۋۇت نامى، زاۋۇت ئادرېسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلار ياكى سۈيئىستېمال قىلغانلار؛ گۇۋاھلىق بېرىش بەلگىسى، داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى قاتارلىق بەلگىلەرنى ياسىغان ياكى ساختىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر.


5. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى ياكى تەكشۈرۈش يەكۈنىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەردىن بىۋاسىتە جاۋابكار كىشىلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.


6. مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.


7. دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرى ئۆز ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ياكى شەخسىلەرنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئەرز قىلىنىشتىن ساقلاپ قالغان بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.


8. مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىندىغان دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلار، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
9. «ساختا، سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايەتلىرىگە زەرربە بېرىش توغرىسىدىكى قارار»نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە چۈشىدىغان جىنايەت شەكىللەندۈرگەن كارخان، كەسپىي ئورۇنلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
--------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى