ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خۇيىڭىز تۇتۇپ قالسا ئەپۇ قىلىڭ

خۇيىڭىز تۇتۇپ قالسا ئەپۇ قىلىڭ

ۋاقتى: 2016-02-28 ئاۋاتلىقى: 671 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «ئۆزىڭىزنىڭ تەرسالىقىنى تونۇپ يېتىڭ» بۇ يەردە!

 

خۇيىڭىز تۇتۇپ قالسا ئەپۇ قىلىڭ

 

مەيلى سىز كىم بولۇڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن قانداق ئۆتۈشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بەزىدە كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلالماي قالىدىغان چاغلىرىڭىز ھامان بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەتتە تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئانچىكى ئىشلارغىمۇ ئۆزىڭىزنى باسالماي ئاچچىقلاپ، ۋارقىراپ كېتىسىز. باشقىلارغا جېنىڭىزنى سېلىپ بەرگەندەك ياكى ئازار يېگەندەك ھېس قىلسىىز – دە، قەلبىڭىزنى بىزارلىق قاپلاپ كېتىدۇ. بېسىمنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى، ئۆزىڭىزنىڭ پارتلاپ كېتىدىغاندەك بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز. ۋارقىراپ – جارقىرىشىڭىز، تېخىمۇ يامىنى ئادەم ئۇرۇشىڭىز ياكى نەرسە – كېرەكلەرنى قالايمىقان ئۇرۇپ چېقىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، باشقىلارنى ياكى ئۆزىڭىزنى زەخمىلەندۈرمىگەنلا بولسىڭىز، خۇيىڭىزنىڭ تۇتۇپ قېلىشىنى ئەپۇ قىلىشىڭىز تولىمۇ زۆرۈر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتراپ قىلىشىڭىز، يەنە ياشىشىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلەر قېتىم نېرۋىنى چاچىدىغان بۇنداق ئىشنى قىلماسلىققا ۋەدە بېرىشىڭىز كېرەك. بۇ قولىڭىزدىن كېلىدىغان ئەڭ ياخشى ئىش.


ئەمەلىيەتتە، خۇيىمىز تۇتۇپ قالغاندىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەت شۇكى، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، كۆڭلىمىز بىئارام بولىدۇ، ئۆزىمىزنى ئەسكى ئادەمدەك ياكى ئائىلىدە ناچار رول ئالغاندەك ھېس قىلىمىز. روھىي جەھەتتىن ئازابلانغاندەك، قەلبىمىز ۋىجدان ئازابى ۋە پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماسلىقتەك ئوي – خىياللار بىلەن تولۇپ تاشىدۇ. يامىنى شۇكى، بۇنداق ئۆزىگە خاس بولغان ئۆز – ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىدىيەسى تامامەن پاسسىپ، ھەتتا بىزنىڭ ئۈمىدسىزلىنىدىغان ئىشلارنى تەكرار – تەكرار سادىر قىلىشىمىزغا، قىزىق نۇقتىمىزنى داۋاملىق شۇ مەسىلە ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىشىمىزگە گۇپپاڭلىق قىلىدىغان قىلمىشتىن ئىبارەت.



مەن خىزمەت ھاياتىمدا نۇرغۇن ئالاھىدە ئادەملەرنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇلايىم ۋە سۆيۈملۈك كىشىلەر، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك خۇيى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. بىز ھەممەيلەن ئادەتتىكى كىشىلەر، ھەممەيلەن ئەپۇ قىلىنىشقا موھتاج، بولۇپمۇ سىز ئۆزىڭىز! ئېغىر – بېسىق ئادەم بولۇش، بولۇپمۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە تۇرغاندا ھېسسىيات جەھەتتە سالماق بولۇش نىشان ئەمەس، بەلكى بىر جەريان. بەزىلەر دائىم ماڭا: «مەن ھەدېسىلا خۇيلانماسلىقنى ئۆگىنىۋالدىم، مەن ھازىر ئىلگىرىكىدىن كۆپ خۇشال، ئەمما بىر – ئىككى قېتىم تاسادىپىي ھالدا ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم» دەيتتى. مەنمۇ ھەمىشە: «مۇبارەك بولسۇن، ناھايىتى ياخشى قىپسىز!» دەيتتىم.


ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشنىڭ ئەڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلى بىرمەھەل ئۆزىنى تۇتالماي قالغانلىقىنى ئېتراپ قىلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بىر خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىدىغانلىقىنى، يامىنى كەلسە نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ قېتىم سادىر قىلسىمۇ كارايىتى چاغلىق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئېزىقىش جەريانىدا سىز ئاللىقاچان توغرا بىر قەدەمنى باستىڭىز. سىز ئۆزىڭىزنى راستىنلا ئەپۇ قىلىشقا باشلىغىنىڭىزدا، باشقىلارغىمۇ مۇلايىم، ئەدەپ – قائىدىلىك بولۇشقا باشلايسىز. مەيلى قانداق بولمىسۇن، مەن ئۆزىنى ئەسكى ئادەم چاغلايدىغانلارنىڭ ھېسسىياتىنى بەكمۇ چۈشىنىمەن. مەن شۇنى قىياس قىلالايمەنكى، سىز ئۆزىڭىز ياكى باشقىلارنىڭ خۇيىنىڭ تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئەپۇ قىلغانسېرى، ئائىلىڭىزدىكى كىچىك ئىشلارغا كاللىڭىزنى شۇنچە ئۇپراتمايدىغان بولىسىز.
---------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى