كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ ئېنىقلىمىسى
ۋاقتى: 2016-02-13
ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆلەملىك ئىقتىساد كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئامىلىنىڭ سانلىق بىرىكىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئاڭلىق تاللاپ ۋە كونترول قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ۋە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. كۆلەملىك ئىقتىساد ياكى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ ئىقتىسادىيلىقى ئەڭ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى بەلگىلەيدىغان مەسىلىدۇر.
كۆلەملىك ئىقتىساد بۆلۈمنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي، شەھەرنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ۋە كارخانىنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربنىڭ ئىقتىساد ئىلمىدا، كۆلەملىك ئىقتىساد ئاساسلىقى كارخانا ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىدۇ. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئاساسىي تەشكىلىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ مەنىسى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ ماكرودىن مىكروغىچە بولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان ھەرقايسى قاتلامدىكى ئىقتىسادى كۆلەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.