ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەڭ چوڭ زەردارنىڭ بېيىش مەخپىيەتلىكى

ئەڭ چوڭ زەردارنىڭ بېيىش مەخپىيەتلىكى

ۋاقتى: 2015-04-06 ئاۋاتلىقى: 745 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەشىنچى باب: تەرەققىي قىلىشنىڭ مەخپىيىتى ‐‐ مەڭگۈ قۇرۇق ئارزۇ قىلىدىغان ئادەملەردىن بولماسلىق كېرەك

بايلىق خۇددى چوڭ بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىچىككىنە ئۇرۇقتىن ئۈنۈپ چىققان. سىزدىكى بىر يارماق ئاشۇ ئۇرۇققا ئوخشايدۇ، بۇ ئۇرۇقنى قانچە بالدۇر تېرىسىڭىز، بايلىق دەرىخىگە شۇنچە بالدۇر ئىگە بولىسىز.  قانچىكى سەمىميلىك بىلەن پۇل يىغىش ۋە كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇنى پەرۋىش قىلىپ تۇرسىڭىز، بايلىقنىڭ سايىسىدا شۇنچە تېز سەگىدىيەلەيسىز.

باب يېتەكچىسى


بايلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش ‐‐ بېيىش يولىغا مېڭىشنىڭ مۇھىم ئامىلى. ئادەم بىرەر ئىش قىلماقچى بولىدىكەن ئىرادە ۋە ئىشەنچ بولمىسا بولمايدۇ. بېيىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئىرادە ۋە ئىشەنچنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بايلىق توپلاشنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈچ چوڭ پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلغاندىلا بېيىش چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئاكادنىڭ ئۇچ چوڭ پىرىنسىپنى قوللىنىپ بايلىق توپلاپ، بېيىش يولىغا قانداق ماڭغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەڭ چوڭ زەردارنىڭ بېيىش مەخپىيەتلىكى

بابىلوندا «ئاكاد» دېگەن بۇ ئىسىمنى بايلىق ۋە سېخىلىقنىڭ سىمۋۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئاكاد بابىلوندىكى ئەڭ كاتتا زەردار.  ئۇ ئەزەلدىن ساخاۋەتچى كىشى بولۇپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. مەيلى ئۆزىگە ياكى ئائىلىدىكىلىرىگە بولمىسۇن پۇلنى مەردلىك بىلەن خەجلەيتتى. ئەمما، ئۇنىڭ پۇلى زادى كېمىيپ باققان ئەمەس. بايلىقى يىلمۇ-يىل ئېشىپ باراتتى. بابىلوندىن ئىبارەت بايلىق ماكانىدا، ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ھەۋەس قىلىشىغا نائىل بولغان بۇنداق كىشىنى ئاجايىپ-غارايىپ شەخىس دېمەي تۇرالمايمىز.
ئاكادنىڭ ياش ۋاقتىدىكى دوستى ئۇنىڭدىن: «ئاكاد سېلى ھازىر بابىلوندىكى ئەڭ باي ئادەم. سېلى نېمىدىگەن بەختلىك، سېلىنىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز پۇللىرى بار. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەكتىن غەم قىلمايدىلا. تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى خالىغانچە سۈرىسىلە بولىدۇ؛ ئەمما بىزچۇ؟ كۈن بۇيى تۇرمۇشنى قامداش بىلەنلا ئالدىراش شۇنداق ئالدىراش ئىشلەپمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىسسىنىش ۋە تويۇنۇش مەسىلىسىنى ئاران ھەل قىلالايمىز. يەنە تېخى ئاشۇ تۇرمۇشىمىزدىن  ئۈزىمىزچە شادلىنىپ يۈرىيمىز. بۇ روشەن سېلىشتۇرۇش، بىزنى ئۈزىمىزنى قويارغا يەر تاپالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. زادى نېمە ئۈچۈن ئارىمىزدا شۇنچە چوڭ پەرىق بولىدۇ؟»
«بىز بىللە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئويۇن ياكى ئۆگىنىشتە كۆپچىلىكتىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيتتىلە، ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق ئۆزگىچە تەرەپلىرى يوق ئىدى.»
«كۆپچلىكنىڭ بىلىشىچە، سىلە خىزمەتتە بىزگە ئوخشاشلا تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل ئىكەنلا.  ئەمما، بەخت قۇشى نېمە ئۈچۈن سېلىنىڭ باشلىرىغىلا قونۇپ، بىزگە قاراپمۇ قويمايدۇ؟ ئەجىبا بىز ھاياتتىن بەھىرلىنىشكە ماس كەلمەمدۇق؟» دەپ سورىدى.
ئاكادمۇ كونا دوستلىرىغا ئوخشاش كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى: «ئەمەلىيەتتە، مەنمۇ شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل بۇ مەسىلىنى ئويلاپ كېلىۋاتىمەن. نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ پۇلى جان بېقىشقىلا يېتىدۇ، ئەمما بەزىلەرنىڭ پۇلى يەنە پۇل تۇغالايدۇ. شۇنى بايقىدىمكى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر مۇھىم سەۋەب بار ئىكەن، جېنىنى ئاران باقىدىغان كىشىلەر ئىگىلىك باشقۇرشنى، بولۇپمۇ بىر قىسىم  زۆرۈر بولغان ئىگىلىك باشقۇرش بىلىملىرى ۋە ماھارەتلىرىنى بىلمەيدىكەن. ئەگەر قولۇڭدىكى پۇللاردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەي خەجلەپ تۈگەتسەڭ، ھەرگىزمۇ باي بولالمايسەن. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت، ھەرقانداق بىر باي ئەمەليىەتتە ئىگىلىك باشقۇرش ماھىرىدۇر.»
«بەخت قۇشى يىرتقۇچ دىنازاۋۇرغا ئوخشىسىمۇ ئەمما، ئۇ يەنىلا ئادىل، ئۇ ئەزەلدىن گۈزەل نەرسىلەرنى مەلۇم بىر ئادەمگە مەڭگۈلۈك ئىنئام قىلغان ئەمەس. شۇنداقلا يەنە كۈلپەتلىك قىسمەتنىمۇ مەلۇم بىر ئادەمگە مەڭگۈلۈك بەخشەندە قىلغان ئەمەس. تەييارتاپ نانقېپىلار بەخت قۇشىنىڭ قونماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ بەخىتسىز بولۇپ قالغانمۇ ئەمەس. ئۇ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئەزەلدىن قىسىپ قويمايدۇ. ئەگەر ھەددى-ھېسابسىز بايلىققا ئىگە زەردار بولسىڭىز، ئۇ سىزنى رەھىمسىزلەرچە ناھايىتى تېزلا يېنىدا ھېچنىمىسى يوق گادايغا ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ. ھېچنىمىسى يوق گاداينى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كاتتا زەردارغىمۇ ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ.»
«يەنە بىر خىلدىكى كىشىلەر باركى، بەخت قۇشى بىر مەزگىل ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بايلىقىنىڭ تۈگەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،  بايلىق ساقلايدىغان پىخسىق قۇلغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۇنچە كۆپ پۇلنى باشقۇرالمايدىغانلىقى ئۆزلىرىگە ئايان، شۇڭا ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ، ياكى بۇلاپ كېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ مەردانە تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ، تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ مەنىسىز ياشايدۇ.»
«يەنە بىر قىسم ئادەملەر باركى ، ئۇلار ئەقىل-پاراسىتىدىن جانلىق پايدىلىنىپ نۇرغۇن بايلىق يارىتىدۇ. ئۇلار يەنە پۇل ئارقىلىق پۇل تېپىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بايلىقى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارىدۇ. ئۇلار ئەڭ باي شەھەرلەردە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم كىچەكتىن غەم قىلمىغان ھالدا بەختلىك ياشايدۇ، پۇلنى ساماندەك خەجلەيدۇ، پۇللىرى ئارقىلىق خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا مۇنداق ئادەملەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ مەنمۇ باشقىلاردىن ئاڭلاپ باقتىم. بىراق، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىدىم. تاساددىپىي بايلىققا ئېرىشپ قالغان كىشلەرنىڭ مەن دېگەندەك بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى ئۆزۈڭلار تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى.
------------------------------------
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى چېنىقىش (تور ئىسمى) ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە رۇخسەت بېرىشى بىلەن قايتا ئىملا تۈزۈتۈلۈپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى!
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
كىتابنىڭ داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى