ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش چولپىنى: ئەركىن ھاشىم

ئىگىلىك تىكلەش چولپىنى: ئەركىن ھاشىم

ۋاقتى: 2015-04-27 ئاۋاتلىقى: 474 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەركىن ھاشىم شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى، ئەرلىكشۇناسلىق بويىچە كۆزگە كۆرۈنگە مۇتەخەسسىس، ئۇ ھازىر شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ لېدىرى، جۇڭخۇا ئەرلىكشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى پۇخراۋىي دوختۇرخانىلار ئىچىدىكى بىردىنبىر ھەيئىتى، مەملىكەتلىك جىنسىيەت تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو دوختۇرخانا جەمئىيىتى خۇسۇسىي دوختۇرخانا ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، شىنجاڭ خۇسۇسىي دوختۇرخانا باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتى ئەرلەر كېسەللىكى شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونلۇق تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
ئەركىن ھاشىم 1991-يىلى بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كلىنىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ تېببىي ساھەسىدە ئەرلەر كېسەللىكى ئىلمىي تېخى ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ، بۇ ساھەدە مەخسۇس تېببىي خادىملار كەمچىل بولۇپلا قالماي يەنە جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغۇدەك نوپۇزلۇق ئەرلەر كېسەللىكىنى داۋالاش ئورگىنى تېخى قۇرۇلمىغان ئىدى. 
 
ئەركىن ھاشىم

ئەركىن ھاشىم بۇ ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ ۋە ھېس قىلىپ، 1997-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆز ئالدىغا بىرەر دوختۇرخانا قۇرۇشقا بەل باغلاپ، ئۆزىنىڭ مۇستەققىل ئىگىلىك يارىتىش ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش تۇنجى قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى. 
شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باش شتابى ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا كۆپۈيۈش سىستېمىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە داۋالاشنى ئاساس قىلىپ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، كۇچا، يەكەن قاتارلىق جايلارغا بوغدانىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچتى. 
ئەركىن ھاشىم 2004-يىلى 10-ئايدا، 6-قېتىملىق «شىنجاڭ بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 مۇنەۋۋەر ياش» ۋە «ئاپتونوم رايون بويىچە 100 ئىگىلىك تىكلەش چولپى»نى نامىغا ئېرىشتى. 2006-يىلى 10-ئايدا چاڭجىياڭ سودا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، باشقۇرۇش ئىلمىي بويىچە ماگېستىرلىق ئونۋانىغا ئېرىشتى. 2009-يىلى 5-ئايدا، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك 10 مۇنەۋۋەر ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى چولپان ياش» شەرىپىگە ئېرىشتى.
ئەركىن ھاشىمنىڭ «جىنسىيەت ۋە روھىيەت»، «ئەرلىك ساغلاملىقىنىڭ كاپالىتى»، «بازار ئىقتىسادى ۋە ھازىرقى زامان دوختۇرخانا باشقۇرۇش» قاتالىق كىتابلىرى نەشردىن چىقىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئاغرىقلارنىڭ قەلپ سەھنىسىدىن كەڭ ئورۇن ئالدى. «ئۆگىنىش ۋە ئىستىقبال»، «جىنسىيەتنىڭ سىرلىق نىقابىنى ئېچىش»، «ئەرلىكشۇناسلىق ئىلمىي توغرىسىدا» قاتارلىق ئىلمىي دوكىلاتلىرى قىزغىن قارىشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، دوكىلات ئاڭلىغانلار 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ قەلپ تارىسىنى چەكتى. 
ئەركىن ھاشىم قەلبىگە گۈزەل غايىلەرنى پۈكۈپ، ئۆزىنىڭ ئوتلۇق ئىستەكلىرى ۋە ئىجتىھاتلىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ياشلارغا ئۆلگە بولىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى جەمئىيەتكە، كەسىپكە ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، تەۋرەنمەس بىر ئابىدىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ ياشلىقى گۈزەللىك ۋە تەقدىم قىلىش بىلەن تولغان ھەقىقىي مەنىدىكى ياشلىق بولۇپ، بۇ ياشلىق تېخىمۇ گۈزەل ۋە يارقىن نۇرلىرىنى چاچقۇسى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى