ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جوۋ خۇڭيى بىلەن ما يۈننىڭ ئورتاقلىقى

جوۋ خۇڭيى بىلەن ما يۈننىڭ ئورتاقلىقى

ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 492 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جوۋ خۇڭيى بىلەن ما يۈننىڭ ئورتاقلىقى: بېيىشنىڭ ئۆزى مەجبۇرىلىنىش بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ

3721 ھەققىدە ھەر خىل سودا نەيرەڭلىرىنى ئاڭلايمىز. مەسىلەن: «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇچە تور بېكەت ئىسمىنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىشكە تەھدىد سالغان.»، يەنە مەسىلەن: «3721 تور ياردەمچىسىنىڭ بىر ئارقا ئىشىكى بولۇپ، دائىم كومپيۇتېرىڭىزغا باشقا نەرسىلەرنى قاچىلاپ قويىدۇ.» دېگەندەك...
يېقىندا، جوۋ خۇڭيى مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ 12-قانلىنىڭ زىيارەت پىروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ 3721 ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. يىغىنچاقلىغاندا ئاساسەن مۇنداق بولغان:
ئەڭ دەسلەپتە بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىن بىر ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي ئىجارە ئېلىپ، جوۋ خۇڭيى ئايالى بىلەن بىر ئېغىزدا تۇرغان، خىزمەتچىلەر بىر ئېغىز ئۆيدە تۇرغان، يەنە بىر ئېغىز ئۆينى ئىشخانا قىلغان.
خىزمەتچىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مائاشى يوق، پەقەت: ماڭا ئەگىشىپ بۇنى قىلساڭ، كەلگۈسۈڭ ئۇنداق بولىدۇ، مۇنداق بولىدۇ.... دېگەن ۋەدىلا بار خالاس.
ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋاقتى، 3721 نىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى پەقەت جوۋ خۇڭيىنىڭ ئايالى (سىرتتا خىزمەتتە) نىڭ مائاشىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرگەن.
دەسلەپ ھېچقانداق ئىقتىسادىي كىرىم ئەندىزىسىنى كۆرەلمىگەن خېرىدارلار ئۇلاردىن «نېمە دەپ سېنىڭ خەنزۇچە بېكىتىڭنى سېتىۋالىدىكەنمەن؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولغان. جوۋ خۇڭيىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ پەقەت قىلمىغان ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: «ئۆتۈنۈپ قالاي، سېتىۋېلىڭ.» دېمىگەنلا يېرى قالغان.
خەۋپلىك مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ 3721 نىڭ زادى نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمىگەن. ئەڭ دەسلەپ بېرىلگەن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مەبلەغ ھېسابلانمىغان. شۇڭا ئۇنى ئازراق بىچارىلەشتۈرۈپ قويغان.
كېيىنكى ئىشلارنى دېمىسەكمۇ، ئۇ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

بۇنداق قىسمەتكە يولۇققان يالغۇز جوۋ خۇڭيى يالغۇزلا ئەمەس. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10-قانىلىدا ما يۈن ھەققىدە پىروگرامما قويۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا ما يۈن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-قانىلىغا چىقىپ «پۇقرالارنىڭ ئۆز ھېكايىسى»دا ئۆزىنىڭ باشقىلارغا جۇڭگو سېرىق بېتى (ئالتۇن بەت)نى سېتىش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەن. كىشىلەر ئۇنىڭ قىلچە قوبۇل قىلمىغان.
ئېكران سىرتىدىن چۈشەندۈرگۈچى، ئۇ باشقىلارغا جۇڭگو سېرىق بېتى (ئالتۇن بەت) نى ساتقان ۋاقىتتا، ئاۋاز تۈسى خۇددى ئالدامچىغىلا ئوخشايتتى. باشقىلار ئۇنىڭ كۆزىگە قارىغان ھامان ئۇ تامامەن ئالدامچىغا ئوخشايتتى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ زادى نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيتتى دەپ چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ما يۈن چىقىپ، ئېكران ئالدىدىكى ئاۋات بېيجىڭ رەستىلىرىگە قاراپ: بەش يىلدىن كېيىن، بېيجىڭ ماڭا بۇنداق بولمايدۇ دەيدۇ.
ئېكران بىر ئالمىشىپلا، ما يۈن ئۆزىنىڭ قوشۇنىغا يۈزلىنىپ، ئۆيىنىڭ تېمىغا چېكىپ تۇرۇپ: كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار پەقەت بۇنداق بىر يۈرۈش بولمايدۇ، بەلكى 50 يۈرۈش ئۆي بولىدۇ دەيدۇ.
كېيىنكى ئىشلارنىمۇ سۆزلىمىسەكمۇ، ئۇنىڭ ھازىر «50 يۈرۈش ئۆيى» بار بولدى.
#p#
بۇ يەردە 3721 نىڭ سودا ئەخلاقىدا قانداق مەسىلىنىڭ بارلىقىنى تەھلىل قىلمايمىز، پەقەت كاپىتالنىڭ ئەسلى جۇغلانمىسىنىڭ ساپ قان تەر بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى ھەممىمىزگە ئايدىڭ خالاس.
خۇلاسىلىسەك: ئەسلىدە، بېيىش مەجبۇرىلىنىش بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
مەلۇم ئىشنى قىلالمىغان ۋاقتىڭىزدا، سىز تامامەن شەرمەندە بولىسىز، ئىشلىرىڭىزدا تولىمۇ مەغلۇب بولۇپ، چېكىنىش يولىڭىزنىڭ ھەممىسى ئېتىۋېتىلگەندەك ھېس قىلغىنىڭىزدا، سىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىڭىزغا ئانچە يىراق قالمىغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ قەدەمگە يەتكەن سىز قاتتىق باش قاتۇرۇپ، ھېچنېمىدىن تەپ تارتمايدىغان بولىسىز. بۇ بەلكىم مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا كېرەك. ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەتچىلەرنىڭ ئەركىن رىقابەت، خۇشاللىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەش دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ. جەڭگاھتا ئەزەلدىن ئادىللىق مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت ئادىللىقتىن پايدىلىنىشلا مەۋجۇت. ئىگىلىك تىكلەشمۇ ئەزەلدىن خۇشاللىق جەريان ئەمەس، بەلكى پەقەت ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىنكى ئەسلىمىلەرلا خۇشاللىقتىن ئىبارەتتۇر.
شۇڭا، ئىنتېرنېت تورىدا ئىگىلىك تىكلەش، ھەرگىزمۇ كۈنبويى باشقىلارنىڭ بلوگىنى كۆرۈپ مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىش ئەمەس، شۇنداقلا دەسلىپىدىلا ئىقتىسادىي كىرىم ئەندىزىسى دېگەندەكلەرنى ئويلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئىش يوق. بەلكى ئاۋۋال قول سېلىپ ئىشلەپ، مەبلىغىڭىزنى سېلىپ، جان كۆيدۈرۈپ، كۆيۈنۈپ ئىشلىگەندىلا، پەقەت يۆنىلىش توغرا بولغاندىلا تەبئىيلا يۇرۇقلۇقنى كۆرەلەيسىز. چۈنكى ئۆزىڭىزنى يول تېپىشقا قىستىمىسىڭىز، پۇل (سالغان مەبلىغىڭىز) سىزنى يول تېپىشقا قىستايدۇ. ئادەمنىڭ ئامالسىز قىستاقتا قالغان ۋاقىتتىكى يۇشۇرۇن كۈچىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ....
شۇڭا، ئىگىلىك تىكلەشتە قىلدىغان ئىشىڭىز چوقۇم پۇل تېپىشنىڭ بىر قانچە سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزىڭىزنى قىستاپ بېقىڭ.
مېنىڭ تاپقان سەۋەبلىرىم:
بىرىنچى، تۇنجى لايىقىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇقىم خىزمىتىم (تۆمۈر تاۋاق) نىڭ يوقلۇقى، مەركىزى شەھەردىن ئۆي ئالالمايدىغانلىقىم (ئۇلارنىڭ قارىشىچە مېنىڭ مەركىزى شەھەردىن ئۆي ئالالىشىم مۇمكىن ئەمەس)، يۇرتۇمنىڭ يىراق سەھرا ئىكەنلىكى سەۋەبلىك مەجبۇرى ئايرىۋېتىلىپ، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ زور زەربىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ، پۈتۈن ھاياتىمنى بىر قېتىم دوغا تىكىش قارارىغا كېلىشىم.
ئىككىنچى، ھاياتتا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنمەن، چوقۇم بىرەر كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ، باشقىلارنى قايىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتىشىم.
ئۈچىنچى، ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پەقەت ئۆزۈم مۇستەقىل جەڭگاھقا چۈشۈپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىقتىدارىمنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن باشقا تاللاشنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ يېتىشىم.
تۆتىنچى، ھەر قانداق كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن، چوقۇم باشقىلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ بەدەل تۆلىشىمنىڭ چوقۇم باسمىسام بولمايدىغان باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىشىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى