ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[ئۈچىنچى]

[ئۈچىنچى]

ۋاقتى: 2016-07-09 ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئىككىنچى» بۇ يەردە!

 

[ئۈچىنچى]

 

ئالدىنقى يىللىرى بىر ئاتالمىش كەشپىياتچى بىر خىل ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىرقى توڭلاتقۇ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچلەردىكى توڭلاتقۇچنىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولىدىغان مۇھىت ئاسرايدىغان مەھسۇلاتنى كەشپ قىپتۇ. بۇ مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نۇرغۇن شىركەتلەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپتۇ، شۇنداقلا بىر خىل يېڭى سېتىش ئەندىزىسى يارىتىپتۇ، بۇ ئەندىزىنىڭ يادروسى دەل ھەقسىز مۇھىت ئاسرايدىغان توڭلاتقۇچقا ئالماشتۇرۇش بېرىش نامىدا، مېھمانخانا، رىستۇران، ئىدارە-ئورۇنلار، كەڭ ئائىلىلىكلەرگە بۇ خىل مەھسۇلاتنى بىۋاسىتە سېتىپتۇ. مەھسۇلات مونوپول خاراكتېرلىك بولغاچقا، يەنە كېلىپ دۆلەت ئىچى بازىرى شۇنچە زور بولغاچقا، بىر قۇر كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ۋە ئورالمىنى ئۇقۇملاشتۇرۇشتىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى شىركىتىنىڭ پېيىنى شياڭگاڭ ئىگىلىك تىكلەش تاختىسىدا بازارغا ساپتۇ. پايچېكىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، ھېكايە دېگەن يەنىلا ھېكايە، شىركەتنىڭ خىزمەت نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، تەدبىرىنى ئۆزگەرتىپ، توڭلىتىش ساھەسىنى تەرتىپكە سېلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، پايچېكىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق توپلىغان مەبلەغ ۋە باشقا پارچە-پۇرات مەبلەغلەردىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ، توڭلاتقۇ كارخانىلىرىنى ھەدەپ سېتىۋېلىپ، ھېسابات جەدۋىلىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى يوقتىن بار قىپتۇ. نەچچە يىلدىن كېيىن، كەشپىياتچى پەقەت كەشپىياتچى بولۇپلا قالماي، ساھەدىكى باي ئەربابقا ئايلىنىپتۇ.

 

باھا: ئەگەر كەشپىياتنى كەشپىيات پاتنېتىنى سېتىپلاۋەتكەن بولسا، ئەڭ بولغاندىمۇ بىر مىليوننىرلا بولالايتتى. لېكىن بۇ مىسالدىكى كەشپىياتچى، كەشپىيات پاتنېتى بىلەن ئالاھىدە سېتىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ھېكايە تۈزۈپ، بۇ ھېكايىدىن پايدىلىنىپ پاي بازىرىن پۇل سۈزدى، بۇ ئادەتتىكى ئادەملەر ئويلاپ يېتەلەيدىغان نەرسە ئەمەس. تىلغا ئېلىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى، ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، يەنە بىر يېڭى ھېكايىنى باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھېكايىمۇ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولدى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەتتىكى ئادەملەر ئويلاپ يېتەلەيدىغان نەرسە ئەمەس.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى