كەسپى ئورۇنلار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللانغان خىزمەتچىلىرىگە «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرى تەدبىقلىنامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
كەسپى ئورۇنلار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللانغان خىزمەتچىلىرىگە «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرى تەدبىقلىنامدۇ؟
لاۋجياڭ مۇنداق سورىدى: ئۇنىڭدەك كەسپى ئورۇندا ئىشلىگەن خىزمەتچىلەرگە «ئەمگەك توختام قانۇنى» تەدبىقلىنامدۇ؟
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 96-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كەسپى ئورۇنلار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللانغان خىزمەتچىلەر ئەمگەك توختامى تۈزسە، ئىجرا قىلسا، ئۆزگەرتسە، بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا، قانۇن، مەمۇرى نىزام ياكى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن؛ بەلگىلىمە بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، لاۋجياڭدەك بۇنداق كەسپى ئورۇننىڭ تەكلىپلىك خىزمەتچىلىرىگە بۇ قانۇن تەدبىقلىنىدۇ.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، توختامنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئىككى تەرەپ داۋاملىق توختام تۈزمىگەن بولسا، ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشاتتى، كەسپى ئورۇن ئىقتىسادىي تولۇقلىما تۆلىمىسە بولاتتى. شۇڭا لاۋجياڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما تەلەپ قىلالمايتتى.
لېكىن «ئەمگەك توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، توختامنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئەمگەك توختامىنىڭ ئاخىرلىشىشى كېلىپ چىققاچقا، ئىدارە ئەمگەك توختام مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ داۋاملىق توختام تۈزمىسە، ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.