ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سىتېۋ جوبس نېمە دەيدۇ؟ —جوبسنىڭ ئۈمىدى….

سىتېۋ جوبس نېمە دەيدۇ؟ —جوبسنىڭ ئۈمىدى….

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 996 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىم بىر ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان ئۇلۇغ شىركەت قۇرۇپ چىقىش. بۇ شىركەتتىكىلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ئۇلۇغ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، پۇل تېپىش ناھايىتى ياخشى، ئەمما پەقەت شىركەتنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشالايدىغان ئۇلۇغ شىركەت قىلىپ قۇرۇپ چىققاندىلا، ئاندىن ئۇلۇغ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايسىز. ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پايدىدىن كەلمەستىن ئەكسىچە مەھسۇلاتتىن كېلىشى كېرەك. سكاللىي (Sculley) ئەسلىدە مەغلۇپ بولمايتتى، ئەمما ئۇ پۇل تېپىشنى نىشان قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى. بۇ پەقەت كىچىككىنە پەرق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەر بىر ئىشقا، يەنى: سىزنىڭ كىمنى ياللاپ ئىشلىتىشىڭىز، كىمنى ئۆستۈرۈشىڭىز، يىغىندا قايسى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشىڭىز… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
 

 
بەزىلەر: «ئىستېمالچىلار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنى ئىشلەپچىقىرىپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.» دەيدۇ. ئۇنداق قىلىش مېنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلۇم ئەمەس. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، ئىستېمالچىلار كەلگۈسىدە نېمىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئېسىمدە قېلىشىچە خەنرىي فورد (Henry Ford) مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىز ئەڭ دەسلەپتە ئىستېمالچىلاردىن سىلەر نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ سورىغان بولساق، ئۇلار بىزگە ”ناھايىتى تېز چاپىدىغان ئات كېرەك.“ دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتى.» پەقەت سىز كىشىلەرنىڭ ئالدىغا مەھسۇلاتنى تىزىپ كۆرسەتمىگىچە، ئۇلار ئۆزىنىڭ زادى نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، مەن ئەزەلدىن بازار تەتقىقاتىغا تايانمايمەن. بىزنىڭ نىشانىمىز تېخىچە قەغەز ئۈستىگە چىقمىغان نەرسىلەرنى بىلىشتۇر.
#p#
پولارويد (Polaroid) دىكى ئەدۋىن خ. لەند (Edwin H. Land) ئىنسانىيەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئۆز-ئارا گىرەلەشمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەن ئاشۇ خىل ئۆز-ئارا گىرەلەشمە ھالەتنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭدا سېھرى كۈچ بار. نۇرغۇن كىشىلەر يېڭىلىق يارىتىدۇ. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ كەسپىمدىكى باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق تەرەپ ئەمەس. ئالما شىركىتى مەھسۇلاتىنىڭ كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشالىشىدىكى سەۋەب، بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا بىر خىل ئىنسانىيەت روھىي چوڭقۇر يوشۇرۇنغان. مېنىڭچە ئۇلۇغ سەنئەتكار بىلەن ئۇلۇغ ئىنژېنېر ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئۆزىنى ئىپادىلەش ئارزۇسى بار. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ دەسلەپتە Mac نى ياسىغان مۇنەۋۋەرلەرنىڭ ئىچىدە ھەم شائىر ھەم مۇزىكانت بار ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، كومپيۇتېر ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان ئۇسۇلىغا ئايلانغان. بەزى ئۇلۇغ سەنئەتكارلار، مەسىلەن: لېئوناردو دىسېر پىېرو داۋىنچى ( Leonardo Di Ser Piero Da Vinci ) ۋە مىكېلانگېلو (Michelangelo) ھەم ئۇلۇغ سەنئەتكار ھەم ئۇلۇغ ئالىم ئىدى. مىكېلانگېلو پەقەت ھەيكەلتىراشلىقنى قانداق قىلىشنىلا بىلىپ قالماي، بەلكى يەنە تاش قېزىش ھەققىدە نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە ئىدى.
كىشىلەر بىزگە پۇل تۆلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا كېرەكلىك نەرسىنى سېتىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار 7 كۈننىڭ 24 سائىتىدە بۇ ئىشلارنى ئويلاپ بولالمايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئۇلۇغ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچلۈك قايناق ھېسسىياتىڭىز بولسا، بۇ خىل قايناق ھېسسىيات سىزنى گەۋدىلىشىشكە ئۈندەپ، سىزنىڭ قاتتىق دېتال ، يۇمشاق دېتال ۋە مەزمۇنىڭىزنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چىقىشىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. سىز يېڭى ساھەنى ئاچماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۆزىڭىز ئىشلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز مەھسۇلاتىڭىزنى باشقا قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتالغا قارىتا ئېچىۋەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بەزى كېلەچەكتىن ۋاز كېچىشىڭىز كېرەك.
ئۆتمۈشتىكى ئوخشاش بولمىغان دەۋردە، ئوخشاش بولمىغان شىركەتلەر كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ نەمۇنىچىسى بولغان. ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە، بۇ ئورۇندا ئىزچىل نەمۇنىلىكنى ساقلاپ كەلگەن شىركەت خۇيپۇ (Hp) شىركىتىدۇر. كېيىنچە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دەۋرىدە بولسا بۇ ئورۇنغا چىققىنى مىكروسوفت ۋە ئىلاھىي بالا (Fairchild 仙童)  بولدى. مېنىڭچە بىر مەزگىل ئالما شىركىتى بۇ ئورۇننى ساقلاپ كەلگەندىن كېيىن، خېلى مەزگىل بۇ ئورۇن بوش قالدى. ئەمما ھازىر، بۇ ئورۇنغا چىققانلار ئالما شىركىتى ۋە گوگۇل شىركىتىدۇر. لېكىن ئالما شىركىتى گوگۇل شىركىتىگە قارىغاندا سەل كۈچلۈكرەك. مېنىڭچە ئالما شىركىتى ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ بولدى. ئۇ خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل بۇ ئورۇننى ساقلاپ كەلدى. ھەمدە يەنىلا دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ.
#p#
مىكروسوفتنى ياتقۇزىۋېتىش ئاسان. ئۇلار ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئاللىبۇرۇن يوقاتتى. ئۇلار ھازىر ئاساسەن ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئەمما مەن ئۇلارنىڭ قىلغىنىدىن ھوزۇرلىنىمەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانچىلىك قىيىنچىلىقتا ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشىنىمەن. ئۇلار سودا جەھەتتىكى ئىشلارغا ناھايىتى ماھىر، ئەمما مەھسۇلات جەھەتتە ئەزەلدىن ھەقىقىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ باقمىدى. بېل گايتىس ئۆزىنى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى دەپ قارايدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇ بىر سودىگەر. ئۇ كەسىپتە ئۇتۇپ چىقىشنى ئۇلۇغ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ باي ئادەمگە ئايلىنالىغان. ئەگەر بۇ ئۇنىڭ نىشانى بولسا، ئۇ ئاللىبۇرۇن نىشانىغا يەتتى. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ نىشانىم ئەمەس. مەن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نىشانى زادى كۆپ پۇل تېپىشمۇ يوق بۇنىڭدىن گۇمانلىنىمەن. چۈنكى ئۇ قۇرۇپ چىققان شىركەتنى مەن تولىمۇ ياقتۇرىمەن. ئۇ ناھايىتى تالانتلىق ئادەم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىك، شۇنداقلا ناھايىتى يۇمۇرىستىك. ئەمما مىكروسوفتنىڭ گېنىدا ئەزەلدىن ئىنسانىيەت روھى ۋە سەنئەتلىك خاراكتېر يوق. شۇڭا ئۇلار Mac نى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ئۇنى ئوخشىتىپ ياساپ چىقالمىغان، ھەم ئۇلار Mac نىڭ زادى قانداق ياساپ چىقىلغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن.
IBM ۋە مىكروسوفتقا ئوخشاش بۇ خىل شىركەتلەر نېمە ئۈچۈن زاۋالغا يۈز تۇتىدۇ؟ بۇ ھەقتە مېنىڭ ئۆز نەزەرىيەم بار. بۇ خىل شىركەتلەر ياخشى قىلماقچى بولىدىكەن، چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشى، شۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر ساھەنىڭ مونوپۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلالىغاندىلا، ئاندىن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ئۇنچە مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدۇ. بۇ خىل شىركەتلەر دەسلەپ باشلىغاندا مۇنەۋۋەر سېتىش خادىمىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەھسۇلات ئىنژېنېرى ۋە لايىھەلىگۈچىسى بولماستىن بەلكى كىرىمنى ئاشۇرغۇچىلاردۇر. شۇڭا، سېتىش خادىملىرى ئەڭ ئاخىرىدا شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. IBM دىكى جون.ئەكېرس (Jhone.Akers) (شۇنداقلا ئالما شىركىتىدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ كەتكەن سكاللىي، مىكروسوفتتىكى ستېۋ بالمېر Steve Ballmer) قاتارلىقلار ناھايىتى ئەقىللىك، سۆزگە ماھىر، ناھايىتى قالتىس سېتىش خادىملىرىدۇر. ئەمما ئۇلار مەھسۇلاتقا نىسبەتەن ھېچنەرسە بىلمەيدۇ. ئوخشاش ئەھۋال شېروكس (Xerox) شىركىتىدىمۇ كۆرۈلگەن. سېتىش خادىمى شىركەت باشقۇرغۇچىسى بولۇپ قالغاندا، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۇنچە مۇھىم بولماي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. سكاللىي ئالما شىركىتىگە كىرگەندىن كېيىن، ئالما شىركىتىدە ئاشۇ خىل ئەھۋال يۈز بەردى، بۇ دەل مېنىڭ خاتالىقىمدۇر. مەن ئەسلىدە سكاللىينى شىركەتكە تەكلىپ قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى. مىكروسوفت بالمېرنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولدى. ئالما شىركىتى تەلەيلىك ئىكەن، يەنىلا باش كۆتۈرۈپ چىقالىدى. ئەمما مەن شۇنداق قارايمەنكى، مىكروسوفت داۋاملىق بالمېرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن، ئۇنىڭدا چوڭ ئۈمىد يوق.
#p#
مەن ئۆزىنى كارخانىچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي قىلماقچى بولغىنى بىر شىركەتنى قۇرۇپ ئاندىن ئۇنى سېتىۋېتىدىغان ياكى پېيىنى بازارغا سېلىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش يولىغا ماڭغان كىشىلەردىن بىزار. ئۇلار ھەقىقىي شىركەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، يەنى سودا ساھەسىدىكى ئەڭ قېيىن ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ. پەقەت سىز بۇ خىل خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قىلالىسىڭىزلا، ئەجداتلار قالدۇرغان مىراسلارغا ئاز-تولا رەڭ قوشۇپ، ئاندىن بىر تۆھپىكار بولالايسىز. سىز بىر ئىككى ئەۋلادلار ئارا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان شىركەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك. بۇ خىل شىركەتلەردىن ۋالت دىسنېي (Walt Disney) ۋە خەۋلەت (Hewlett ) بىلەن پاكارد (Packard) قاتارلىقلار بار. ئەلۋەتتە يەنە ئىنتەل (Intel Corporation) نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلەرمۇ بار. ئۇلار پەقەت پۇل تېپىپلا قالماستىن، بەلكى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان شىركەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بۇ دەل مېنىڭ ئالما شىركىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمدۇر.
مەن ئۆزۈمنى باشقىلارغا بەك قاتتىق قول دەپ قارىمايمەن. ئەمما كىمىكى بىرەر ئىشنى بۇزۇپ قويىدىكەن، مەن نەق مەيداندا ئۇنىڭغا دەيمەن. سەمىمىيلىك مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىمەن. ھەمدە ئەمەلىيەت ھەمىشە مېنىڭ دېگىنىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ دەل مەن ياراتماقچى بولغان مەدەنىيەت. ئەگەر مۇناسىۋەتتە سەمىمىيلىك تەرەققىي قىلىپ قەبىھلىككە يەتكەن بولسا، ھەر قانداق ئادەم ماڭا دېسە بولىدۇ. ئۇلار مېنى بىر دۆۋە ئىت پوقى دەپ قارىسا، مەنمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنى ئىت پوقى دەيمەن. ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا ناھايىتى كەسكىن جاڭجاللىشىپ قېلىش بولۇپ باققان. ئۇ ۋاقىتلار مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەردۇر. مەن زالدا كۆپچىلىككە يۈزلىنىپ تۇرۇپ: «رون (Ron)، ئۇ دۇكان قارىماققا بىر كاللەك پوققىلا ئوخشاپ قاپتۇ.» دېسەم ھېچقانداق يامان تەسىرى بولماسلىقى كېرەك. ياكى مەن مەسئۇل خادىمغا يۈزمۇ-يۈز ھالدا: «ئاھ تەڭرى، ئاناڭنى، بىز بۇ ھۆنەر-سەنئەتنى بۇزۇپ قويدۇق.» دېيەلىشىم كېرەك. بۇ دەل بىزنىڭ قائىدىمىز: سىز چوقۇم ئادەتتىن تاشقىرى سەمىمىي بولۇشىڭىز كېرەك. بەلكىم مۆتىۋەرلەر كۇلۇبىغا ئوخشاش كىشىلەر گالىستۇك تاقاپ يۇقىرىدىكىلەرنىڭ براخمان تىلى ۋە ھەشەمەتلىك سۆزلىرىنى قىلغىنىدەك تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئۇ خىل ئۇسۇلنى چۈشەنمەيمەن. چۈنكى مەن كالفورنىيە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەسىدىن كەلگەن.
مەن بەزىدە باشقىلارغا بەك قاتتىق قول بولىمەن، بەلكىم ئۇنداق قاتتىق قول بولۇش بىھاجەتتۇر. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئوغلۇم رەد(Redd) ئالتە ياشقا كىرگەندە، مەن ئالما شىركىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلدىم. مەن ئەينى ۋاقىتتا، بىر ئادەم ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى قانداق ئۇسۇلدا دېيىشى كېرەك؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، بۇنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەمما چوقۇم بىر ئادەم بۇ ئىشنى قىلىشى كېرەك. مېنىڭچە بىر كوللېكتىپنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەگەر مەن ئۆزۈم بۇ ئىشنى قىلمىسام، ھېچكىم قىلمايدۇ.
#p#
سىز چوقۇم ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر دىلان (Dylan) داۋاملىق نارازىلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقان بولسا، بەلكىم ئۇ نۇرغۇن پۇل تاپقان بولاتتى. ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ چوقۇم ئالدىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك. 1965-يىلى ئۇ ئېلېكترونلۇق مۇزىكا ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەردىن ھالقىپ كەتتى. 1966-يىللىق ياۋرۇپادىكى سەييارە ئويۇن قويۇش ئۇنىڭ كەسپىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى ئىدى. ئۇ ئاۋۋال سەھنىگە چىقىپلا ئەسلى ئاۋازلىق گىتتاردا نومۇر ئورۇنلىغاندىن كېيىن، تاماشىبىنلار ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇ The Band مۇزىكا ئەترىتىنى باشلاپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكترونلۇق چالغۇلارنى چالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، تاماشىبىنلار قىلچە ئالقىشلىمايدۇ. بىر قېتىم ئۇ ئەمدىلا «بىر پارچە يۇمىلاق تاشقا ئوخشاش» ناملىق ناخشىنى ئېيتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، تاماشىبىنلار «يوقال» دەپ توۋلىغاندا، دىلان: «ئاناڭنى قولاقنى يېرىۋەتكۈدەك قىلدىغۇ.» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تاماشىبىنلا شۇنداق قىلغان ئىدى. The Beatles مۇزىكا ئەترىتىمۇ ئوخشاشلا، ئۇلارمۇ ئىزچىل ھالدا تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ كەلدى. بۇ دەل مەن قىلماقچى بولغان ئىش —- ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش. بولمىسا، دىلان ئېتقاندەك، ئەگەر سىز بۈگۈن تىرىشىپ ياخشى ئىشلىمىسىڭىز، ئەتە چوقۇم تىرىشىپ ئىش ئىزدەيسىز.
مېنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچۈم نېمە؟ مېنىڭچە كۆپلىگەن ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈم ئىشلەتكەن تىل ۋە ماتىماتىكىنى كەشىپ قىلمىغان. مېنىڭ تامىقىمنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆزۈم ئەتمىگەن. كىيىم-كېچەكنىڭ بىرىنىمۇ تىكىپ باقمىغان. مەن قىلغان ھەربىر ئىشنىڭ ھەممىسى بىز ئىنسانلارنىڭ باشقا ئەزالىرىغا تايانغان، ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ۋە نەتىجىسى بەدىلىگە كەلگەن. بىز ھەممىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاز-تولا رەڭ قوشۇپ، ئۇلارنى رەڭدار ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئاندىن جەمئىيەتكە قايتۇرۇشنى ئويلايمىز. بۇ بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمىزغا تايىنىپ ئىپادىلىگەن بىردىن بىر ئۇسۇلىمىزدۇر. چۈنكى بىز دىلانغا ئوخشاش ناخشىلارنى ياكى توم ستوپپارد (Tom Stoppard) قا ئوخشاش دىراممىلارنى يېزىپ چىقالمايمىز. بىز پەقەت ئۆزىمىزدە بار بولغان تالانتقا تايىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ چوڭقۇر تەسىراتىمىزنىڭ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بارلىق تۆھپىسىگە بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ چىقالايمىز خالاس.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى