ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆز-ئۆزىنى خۇلاسىلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان كەسپىي ئىقتىدار

ئۆز-ئۆزىنى خۇلاسىلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان كەسپىي ئىقتىدار

ۋاقتى: 2016-06-18 ئاۋاتلىقى: 530 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن خادىملار شىركەتتە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىسىمۇ، يۇقىرىغا  ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ؟ سەۋەب شۇكى  خىزمەتتە خۇلاسە چىقىرىش  ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل   بولغانلىغى.
ئۆز-ئۆزىنى خۇلاسىلاش ئانچە تەس ئىش ئەمەس. بىز پەقەت كۆڭۈل بولمىدۇق ۋە ئۇنى يېزپ چىقمىدۇق خالاس. 
ئۆز-ئۆزىمىزنى خۇلاسىلىغىنىمىزدا ئالدى بىلەن نەتىجىنى، ئاندىن مەسىلىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەدبىرنى خۇلاسىلىشىمىز كېرەك.
ھەر كۈنى كەچتە بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ شۇ كۈندىكى خىزمەتلىرىڭىزدىن خۇلاسە چىقىرىڭ. يەنى ئالدى بىلەن شۇ كۈندىكى نەتىجىڭىز، ئەڭ ياخشىسى سان-سىفىر بىلەن ئىپادىلەڭ، ئاندىن ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى بىرمۇ-بىر يېزىڭ، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ  مەسىلىنى ھەل  قىلىشنىڭ تەدبىر ۋە چارىلىرىنىڭ ئۆزىڭىز ئويلىيالىغانلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ.
خىزمەتتە پىلان بىلەن خۇلاسە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. خۇلاسە بىزنىڭ كۈندىلىك پىلانلىرىمىزنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىمىزنى ئانالىز قىلىپ  ۋە يىغىنچاقلاپ بېرىدۇ. شۇڭا خۇلاسىلاشنى بىلگەن خادىم پىلان تۈزەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق يېڭى پىلانلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق خادىمنىڭ ئىستىقبالى زور بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىردا شۇنى دېمەكچىمەنكى مەسىلىنىلا كۆرۈپ ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى بىلمىگەن خادىم شىركەتنىڭ ئاۋارىچىلىغىدۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى