«ئەمگەك قانۇنى»غا سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشى ۋە قىسمەن ئىناۋەتسىز بولۇشى جەھەتتە قانداق ئوخشىماسلىقلىرى بار؟
يانفوندا كۆرۈش
«ئەمگەك قانۇنى»غا سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشى ۋە قىسمەن ئىناۋەتسىز بولۇشى جەھەتتە قانداق ئوخشىماسلىقلىرى بار؟
جاۋاب: «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالداش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، پەقەت دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەندىلا ئاندىن ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز دەپ قارايدۇ.
بىر تەرەپ ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن ياكى قارىغۇنى ياردا قىستاپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ ھالدا توختام تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپ سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ بىۋاسىتىلا ئىناۋەتسىز ھېسابلىمايدۇ، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بولسا ئىناۋەتسىز دەپ ھېسابلايدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ئەمگەك توختام قانۇنى» توختام ئىناۋەتسىز بولىدىغان ئەھۋاللارنى كېڭەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي ھالدا قوغدىغان.