ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەيسىز؟

نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەيسىز؟

ۋاقتى: 2015-10-03 ئاۋاتلىقى: 844 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۇقىرىقى سوئالنى ھەربىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى چوقۇم ئەستايدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر سىز بۇ مەسىلىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بولسىڭىز، سىزگە نەسىھىتىم ئالدىراپ ئىگىلىك تىكلەيمەن دېمەڭ.
بۇ سوئالغا كۆپ ئۇچرايدىغان جاۋابلار تۆۋەندىكىدەك بەش خىل بولۇشى مۇمكىن.
بىرىنچى خىلى، مەن بىر سودا پۇرسىتىنى بايقاپ قالدىم.
ئىككىنچى خىلى، مېنىڭ بىر ئۆمۈر باشقىلار ئۈچۈن ئىشلىگۈم يوق.
ئۈچىنچى خىلى، بىزنىڭ خوجايىننىڭ پۇل تاپمىقى بەك ئاسان، مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشقۇدەك يىرىم يوق، ئۇ قىلغان ئىشنى مەن نېمىشقا قىلالمايمەن؟
تۆتىنچى خىلى، قولۇمدا ئازراق مەبلەغ بار، بانكىنىڭ ئۆسۈمى بەك يۇقىرىمۇ ئەمەس، پايچېكىنىڭ خەتىرى بەك چوڭ، ئۇنىڭىدىن كۆرە مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ پۇلدىن پۇل تاپاي.
بەشىنچى خىلى، مەن ياخشىراق خىزمەت تاپالمىدىم، بىكار قالسام بولمايدۇ.
...........
ئەگەر سىزنىڭ جاۋابىڭىز يۇقىرىقىدەك بەش خىلنىڭ بىرى بولسا، قېرىندىشىم، ئەڭ ياخشىسى ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىبارەت بۇ كېچىككە سىز كىرمەڭ.
يۇقىرىقى بەش خىل جاۋابنىڭ بىرىنى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ سەۋەبى قىلىۋېلىشتا، كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئىگىلىك تىكلەشنى بەك ئاسان ئويلاپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ غەلبە مېۋىسىنى قولنى سوزۇپلا ئالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. ھەممىلا ئادەم ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئىچىدىمۇ ھەممىسىنىڭلا غەلبە قىلىشى ناتايىن.
ئىگىلىك تىكلەش ناھايىتىمۇ مۇشەققەتلىك ھەمدە سىزدىن كۈچلۈك تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان جەريان. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بازار رىقابىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئۇنىڭ ئۈستىگە بازار مۇھىتى تازا پىشىپ يېتىلمىگەن شارائىتتا، بىر كارخانىنىڭ قۇرۇلۇپ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى ھەمدە مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشەلىشى ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق دەپ ئويلايدۇ، «ئىگىلىك تىكلەشكە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بولسا، ئاندىن بوشاشماي تىرىشسىلا، يەنە...» ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقاي، سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىز نەدىن كەلگەن، سىز نېمىشقا بوشاشماي تىرىشالايسىز؟ سىز نېمىنىڭ بوشاشماي چىڭ تۇرۇشقا، نېمىدىن ۋاز كېچىش كېرەك ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟
#p#
مۇشەققەتلىك ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىشقا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلمىسىڭىز، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلىشىڭىز ناھايىتى قىيىن. بۇ يولدا سىز بۇرۇن ئۇچراپ باقمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئۇچرايسىز، ھەتتا سىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئېنىقسىز مەسىلىلەر، خەۋپلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇمۇ نېمىشقا نۇرغۇن يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەت-كارخانىلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك. ھەممە كىشىنىڭ بەل قويۇۋەتكۈسى يوق، ھەممىمىز بىلىمىز، غەلبە ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەرگە مەنسۈپ. لېكىن كىم ئېيتىپ بىرەلەيدۇ، سىز نېمىشقا بەرداشلىق بىرەلەيسىز؟
بەلكىم سوراپ قالارسىز، نېمىشقا يۇقىرىقى بەش خىل جاۋابنى بەرگەنلەرنى ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىسىز، دەپ. يۇقىرىقى جاۋابلارنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ كارخانىنى قانداق باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ يوق، بىرسىنىڭمۇ يوق!
ئۇنداقتا بۇ بەش خىل جاۋاب نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسى تەرىپىدىن چەتنەپ كېتىپ قالدى؟
ئەگەر ئىگىلىك تىكلەشنى باي بولۇش ئۈچۈن دېيىلسە، ئۇنداقتا پەقەت باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنىلا كۆرەلەيسىز، مۇنداق بىر مەسىلىگە سەل قارىغان بولىسىز: باشقىلار نېمىشقا پۇلنىڭ ھەممىسىنى سىزنىڭ تېپىشىڭىزغا ئۆتۈنۈپ بەرگۈدەك؟ مانا بۇ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاساسى مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەگەر سىز بۇنىڭغا «مەن ئۇنداق ياكى مۇنداق مەھسۇلات (ياكى مۇلازىمەت) بىلەن تەمىنلىيەلەيمەن، باشقىلارمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالايدۇ.» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ناھايىتى ياخشى، سىز ئىگىلىك تىكلەشتىكى يەنە بىر ئاساسى مەسىلىنى، يەنى قىممەت تۈگۈنىنى بايقىدىڭىز.
ئەگەر ئىگىلىك تىكلەش باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ يول سىزنى سىز ئۆچ كۆرگەن بۇرۇنقى خوجايىنىڭىزغا ئوخشاش ئەھۋالغا ئېلىپ بارىدۇ: پىخسىق، ئىچى تار، مەدەنىيەتسىز... مۇشۇ خىلدىكى جاۋابنى بەرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: «باشقىلار نېمە ئۈچۈن ماڭا ئەگىشىپ ئىشلەشنى خالايدۇ؟» بۇمۇ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاساسى مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەگەر سىز مەن باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىشىغا ياردەم بېرەلەيمەن، دەپ جاۋاب بېرەلىسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن، يەنە بىر ئاساسى مەسىلىنى---ئادەم بايلىقى مەسىلىسىنى بىلىپ يېتىپسىز.
ئەگەر ئىگىلىك تىكلەشنى سىزنىڭ خوجايىنىڭىزدىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاش دېيىلسە، ئۇنداقتا سىز خوجايىنىڭىزنىڭ پۇل تاپالىشىدىكى ھەقىقى سەۋەبنى كۆرۈپ يەتمىگەن بولىسىز. ئۆزىڭىزدىن يەنە سوراپ بېقىڭ، باشقىلار نېمە ئۈچۈن ئاسانلا پۇل تاپالايدۇ؟ دەپ. ئەگەر سىزنىڭ جاۋابىڭىز «مەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان بىر تىجارەت ئەندىزىسىنى كۆپەيتىپ ئەكىلىپ، مۇناسىۋەتلىك بولغان مەنبەلەرگە ئىگە بولالايمەن.» بولسا، ئۇنداقتا سىز ئىگىلىك تىكلەشتىكى يەنە بىر ئاساسى مەسىلىنى---تىجارەت ئىقتىدارى مەسىلىسىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولىسىز.
#p#
ئەگەر ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن دېيىلسە، ئۇنداقتا سىز قولىڭىزدا بار بولغان مەبلەغنىڭ كۈچىنى بەكلا ئارتۇق مۆلچەرلەپ كەتكەن بولىسىز. بۇ ۋاقىتتا سىز مۇنداق بىر ئاساسى مەسىلىنى ئويلاپ يەتمىگەن، يەنى مەن ئىگىلىك تىكلەشتە كېرەك بولغان مەبلەغنى قانداق توپلايمەن؟
ئەگەر سىز «قولۇمدا بار بولغان مەبلەغنى قانداق ئىشلىتىشىم كېرەك؟» دېگەن مەسىلىنى ياخشى ئويلىنىپ كۆرگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئىگىلىك تىكلەشتىكى يەنە بىر ئاساسى مەسىلىنى –مالىيە باشقۇرۇش ئىقتىدارى مەسىلىسىنى بىلىپ يېتىپسىز.
ئەگەر ئىگىلىك تىكلەش بىر كىشىلىك خىزمەت ئۈچۈن دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ خىل خىيال سىزنى ئىقتىدارىڭىزنىڭ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولۇش يولىغا باشلاپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا مۇنداق بىر مەسىلىنى ئويلاپ كۆرۈڭ: بىر كىشلىك خىزمەتمۇ تاپالمىغان بىر ئادەم بىر شىركەتنى قانداق باشقۇرىدۇ؟ ئەگەر سىز «مېنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىم ناھايىتى كۈچلۈك، توغرا ئىش قىلىش، ئىشنى توغرا قىلىش ئىقتىدارىم بار.» دەپ جاۋاب بېرەلىسىڭىز، سىز يەنە بىر ئاساسى مەسىلىنى---تېخنىكا مەسىلىسىنى ئويلاپ يەتكەن بولىسىز.
«نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەيسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەش، ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاساسى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش جەريانى بولۇپ، ئۆزىڭىز باشلىماقچى بولغان ئىشنىڭ غەلبە قىلالىشىدىكى مەركىزى قىممىتىنى تېپىپ چىقىش ھېسابلىنىدۇ.
ئەمدى، ما يۈننىڭ بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى: «ئىنتېرنېت تورى چوقۇم دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ!» ما يۈن ھەرگىزمۇ مەن جۇڭگو IT ساھەسىنىڭ غوجا ئاكىسى بولىمەن، دېمىگەن؛ پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ مەبۇدىغا ئايلىنىمەن دېمىگەن؛ مەن قىلىدىغانغا پەقەتلا باشقا ئىش تاپالمىدىم، شۇڭا مۇشۇ ئىشنى قىلىشنى تاللىدىم، دېگەن سۆزنى تېخىمۇ قىلمىغان. ئۇ پەقەت «ئىنتېرنېت تورى چوقۇم دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ!» دېيىش ئارقىلىق ئۆزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدىكى قىممەت تۈگۈنىنى يېشىپ بەرگەن. ما يۈننىڭ ئەينى ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي (ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 24 دوستىنى بىرلىكتە ئىش باشلاشقا تەكلىپ قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 23 ى قارشى تۇرۇپ پەقەت بىرىلا سىناپ بېقىشنى، قاملاشماي قالسا دەرھال كەينىگە يېنىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان)، جۇڭگودىكى ئالتۇن تور بېكەتنى بەرپا قىلالىشىدىمۇ ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى بۇ ئاساسى قىممەت تۈگۈنىنى تونۇپ يېتىپ، سودىگەرلەر ئۈچۈن سودا قىلغىلى بولىدىغان بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەد قىلغانلىقى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
#p#
ئەمەلىيەتتە بىز ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق مۆجىزە ياراتتى دەپ قارىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى «نېمە ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەيسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاساسى مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن.
«بىز يەنە بىر يىلى (伊利) بەرپا قىلايلى!» مانا بۇ مېڭ نىيۇ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى نىيۇ گېڭشېڭنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابى. يىلى شىركىتىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۇ سۈتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ساھە بىلەن ناھايىتى تونۇش بولۇپ، يىلى شىركىتى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەينى ۋاقىتتا يىلى شىركىتىنىڭ %80 تىن ئارتۇق پايدىسى نىيۇ گېڭشېڭ باشقۇرغان ھەر قايسى بۆلۈملەردىن كەلگەن. نىيۇ گېڭشېڭ «يەنە بىر يىلى بەرپا قىلىش»نى ئۈمىد قىلىشىدىمۇ ئىگىلىك تىكلەشتىكى بىر ئاساسلىق مەسىلىنى، يەنى--- تىجارەت ئىقتىدارىنى تېپىپ چىققانلىقىدا.
«تورداشلارنىڭ تورغا چىقىشىنىڭ تېخىمۇ ئاسان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» مانا بۇ دىڭ لېينىڭ ئۆز شىركىتىگە نېمىشقا ۋاڭيى (网易) دەپ ئىسىم قويغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلدى، ئۇنىڭدا ھەم شۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇدەك ئىقتىدار بار. ۋاڭيىنى قورۇپ چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نىڭبو تېلېگراف ئىدارىسى، Sybase (مۇناسىۋەت تىپىدىكى ساندان سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇدچىسى)، فېي جىې (飞捷، ئىنتېرنېت ئۇلاش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت) قاتارلىق شىركەتلەردە ئىشلىگەن. ئۇ Unix سىستېمىسى بىلەن ناھايىتى تونۇش، مۇناسىۋەت تىپىدىكى ساندان سىستېمىسى بىلەنمۇ تونۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ فېي جىېدا مۇنبەر (BBS)نى بارلىققا كەلتۈرگەن. ۋاڭيى مەۋھۇم مەھەللىسىمۇ دەل مۇشۇ ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىسى دىڭ لېينىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى دەل ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى، يەنى---تېخنىكا ئىقتىدارىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدە.
«نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەيسز؟» بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئەمەس، سىزنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىڭىز سىزنىڭ نىشانىڭىز. لېكىن يەنە ئەپسۇسلىنارلىقى «نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەيسىز؟» سىزنىڭ نىشانىڭىز ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ نىشانىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا. ھەر قانداق بىر ئىش ۋۇجۇدقا چىقالايدىكەن، ئۇنىڭدا چوقۇم بىر ئاساسى چىقىش نوقتىسى بولۇشى كېرەك. ئاساسى چىقىش نۇقتىسىدىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا بۇ نىشان يىلتىزسىز دەرەخ، مەنبەسىز سۇ بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر سىز «نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەيسىز؟» دېگەن سوئالغا قايىل قىلارلىق جاۋاب ئىزدەپ تاپالمىغان بولسىڭىز، جاۋابىڭىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىمۇ قايىل قىلالمىسا، ئۇنداقتا يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرلىرىنى بىر رەتلەپ چىقىپ ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن!
خەنزۇچە مەنبە:  يۇۋمى تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى