ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى 5 يىل...

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى 5 يىل...

ۋاقتى: 2015-09-27 ئاۋاتلىقى: 971 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېمىغا كىرىش سۆزى: ئىككى ئادەم ئەڭ قەدىرلىكتۇر: بىرى بىلىم ئىزدىگۈچىلەر، يەنە بىرى بىلىم تارقاتقۇچىلار--- قۇتادغۇبىلىك
 
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭ بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ «ئىشلەمچى شاھ» تاڭجۈننىڭ ئېيتقىنىدەك: «مۇنداق ئىككى خىل ئادەم باشقىلار بىلەن مەنپەئەت ۋە قىممەت تالاشماسلىقى كېرەك. بىرىنچى خىلى ئەمدىلا شىركەتكە كىرگەنلەر بولۇپ، دەسلەپكى 5 يىلىدا ھەرگىزمۇ ماڭا مائاش قوشۇپ بەرسىڭىز دېگەن گەپنى قىلماسلىقى كېرەك، ئەڭ مۇھىمى شىركەتتە ئازراق نەرسە ئۆگىنىش، بۇ كېيىنكى تەرەققىياتقا پايدىلىق..."
ئادەمنىڭ ئاسان ئىشتىن قوبۇل قىلغان ساۋىقى ئاز، ئەمما قىيىنچىلىقتىن ئېرىشكەن ساۋىقى كۆپ بولىدۇ؛ ئاسان ئىش ئىچىدىن ئېرىشكەن ساۋاق يۈزەكى، قىيىنچىلىق ئىچىدىن ئېرىشكىنى چوڭقۇر بولىدۇ. باش ئاغرىتىدىغان بىر ئىشنى تاللىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي چۈشىنەلەيسىز؛ بىر كىشى ياش ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان توسالغۇنى باشتىن كەچۈرگەن بولسا، مەسىلەن توغرا قاراش، قاراڭغۇلۇقتىن بۆسۈپ چىقىش، ئۇنداقتا ئۇ كىشىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە تېگىشلىك بولغان ئادەم بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئاۋۋال ئىچكى دۇنياسىنى چېنىقتۇرۇش، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچكى دۇنياسىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، پەقەت ئىچكى دۇنياسىنى ياخشى چېنىقتۇرغاندا، ئاندىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېگىزگە يامىشالايدۇ.
#p#
چىقىش يولى قەيەردە؟ چىقىش يولى ئىدىيەدە!
ئەمەلىيەتتە، پۇل يوق، تەجرىبە يوق، كۆرگەن كۆچكىنى يوق، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. پۇل بولمىسا، تىرىشچانلىق بىلەن ئەمگىكىگە تايىنىپ تاپسا بولىدۇ؛ تەجرىبە بولمىسا، سىناق قىلىش ئارقىلىق خۇلاسە قىلسا بولىدۇ؛ كۆرگەن كۆچكىنى بولمىسا، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن توپلىسا بولىدۇ؛ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولمىسا، ئاز ئازدىن يىغسا بولىدۇ. بىراق غايە بولمىسا، ئىدىيە بولمىسا بۇ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ، ئۆزىنى چەتكە قاچۇرىدۇ!
ئادەمدە چوقۇم بىر توغرا يۆنىلىش بولۇشى كېرەك. مەيلى سىز قانچە غەيرەت جاسارەتلىك بولۇڭ، مەيلى سىزدە قانچىلىك ئەقىل پاراسەت بولسۇن، مەيلى سىز قانچىلىك قان تەر ئاققۇزۇڭ، ئەگەر سىزدە بىر توغرا يۆنىلىش بولمىسا، سىز تېنەپ قالىسىز، ئاستا-ئاستا ئىرادىڭىزنى يوقىتىپ، ئەڭ دەسلەپكى غايىڭىزنى ئۇنتۇيسىز، ھەتتا قايتىپ كېلەلمەس يولغا كىرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىل پاراسىنى ئىسراپ قىلماڭ، ياشلىق باھارىڭىزنى خاتا يولغا باشلىماڭ.
گومېرو تارىخى شېئىر «ئودىسسا» ئىچىدە مۇنداق بىر داڭلىق جۈملە بار: «نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئارىسالدى بولۇشتىن باشقا ئازاب يوق.» ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بەش يىل ئىچىدىكى گاڭگىراش، 10 يىلدىن كېيىنىكى قۇرقۇنچقا، 20 يىلدىن كېيىنكى جان تالىشىشقا، ھەتتا بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇ 5 يىل ئىچىدە تېزدىن ئىككىلىنىش ۋە تۇمان ئىچىدىن بۆسۈپ چىققاندا، بىز 10 يىلدىن كېيىنكى، 20 يىلدىن كېيىنكى ئۆزىمىزگە ھۆرمەت بىلەن قارىيالايمىز. ئوقۇش پۈتتۈرگەن 5 يىل ئىچىدە، بىزدە نۇرغۇنلىغان ئېنىقسىزلىق، نۇرغۇنلىغان مۇمكىنچىلىك بولىدۇ.
ئوقۇش پۈتتۈرگەن 5 يىل ئىچىدە، بىزدە نۇرغۇنلىغان ساقلاش، يەنە نۇرغۇن قارار چىقىرىش بولىدۇ.
ھودۇقۇش بىلەن گاڭگىراشنى ھەممە ئادەم باشتىن كەچۈرىدۇ، قورقۇش بىلەن قېچىشنى ھەممىمىز باشتىن كەچۈرۈپ باققان، بىراق ھودۇقۇش بىلەن گاڭگىراشنى ئۆزىگە قويۇپ بەرمەسلىك، پۇشايماننىڭ باھانىسى قىلماسلىق، ئۆكۈنۈشكە ئايلاندۇرماسلىق، ئۆزىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغان ئاچچىق ھاراققا ئايلاندۇرماسلىق كېرەك. 
ھاياتقا مەسئۇل بولۇش، تەقدىرنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە، يۆنىلىشنى قانچە بۇرۇن تاپسا شۇنچە ياخشى، ھودۇقۇش ئىچىدىن قانچە تېز چىقسا، ھاياتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى شۇنچە تېز تېپىپ، ئېسىل سەھىپىنى يارىتالايدۇ. بېشىنى ئىچىگە تىقىپ، يۆنىلىش تاپالماي، تۆت تەرەپكە چېپىپ يۈرگەندە، چىقىش يولىنى تاپالماي، گاڭگىراپ قالىدۇ، قورقۇنچ باسىدۇ.
#p#
تۇرمۇشتا، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، بىز دائىم چىقىش يولىنى تاپالمىغاندەك ھېس قىلىمىز. ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەڭ، بەرداشلىق بېرىڭ، ياشلاردا تۇيۇق يولنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىڭ، قىيىنچىلىق ئالدىنقى تەرەپتە، ئۈمىد بولسا دوقمۇشتا. پەقەت بىزدە بىر توغرا ئىدىيە بولسا، بىز چوقۇم تۇيۇق يولنى ئاز مېڭىپ، چىقىش يولىنى تاپالايمىز!
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشى چىقىش نۇقتىسىدا ئەمەس، بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا يېڭىدۇ.
ئاز بولمىغان ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلار، دائىم ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك خىزمەت تېپىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، كۆپلىگەن خىزمەت ئادەمنى ساقلىمايدۇ، سىز چوقۇم بىر خىزمەتنى تاللاپ ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرۇشىڭىز كېرەك. خىزمەت جەريانىدىكى بىرىنچى خىزمەت، سىزنىڭ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىڭىزدىكى باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ. بەلكىم  كىشى ئانچە كۆزگە ئىلمايدىغان بىر خىزمەتنى تاپقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا مۇشۇ يەردىن يولغا چىقىڭ، ئۆزىڭىزنى ياخشى بىر تىندۇرۇپ، مۇشۇ خىزمەت ئىچىدىن قىممەتكە ئىگە بولغان ئوزۇقلۇقنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزىڭىزنى قاناتلاندۇرۇڭ. ھەر قانچە ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ، پەقەت يولغا چىقسىڭىز، چوقۇم ئۈمىد قىلغان نىشانغا يېتىپ بارالايسىز.
چىقىش نۇقتىسى ئوخشاش بولسا بولىدۇ، بىراق ئوخشاش بولمىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تاللىغاندا، ئاخىرقى نىشاندا زور بولغان ئوخشاشماسلىق بولىدۇ!
ئوقۇش پۈتتۈرگەن مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا، بىزنىڭ تۇرمۇش، ھېسسىيات، كەسىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆپلىگەن ئېنىقسىز ئامىل ساقلانغان بولىدۇ، كەلگۈسى نۇرغۇنلىغان مۇمكىنچىلىققا تولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، چوقۇم تاللاشنى ئۆگىنىش، ۋاز كېچىشنى بىلىش، ئۆزىگە بىر ئورۇن بەلگىلەپ، ئۆزىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئاكتىپ بىر ئورۇن بەلگىلىمسىڭىز، باشقىلار ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن "بەلگىلىنىسىز"!
مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: ئادەم ئوقۇش پۈتتۈرگەن 5 يىل ئىچىدە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرىدۇ، بۇ مۇشۇ ھاياتتىكى ئورۇننى بەلگىلەيدۇ. بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولىشىمىز، مەلۇم دەرىجىدە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان باھا ۋە ئورۇن بەلگىلىشىمىزدىن بولىدۇ. ئۆزىڭىزگە قانداق باھا بەرسىڭىز سىز شۇ بولىسىز. ئورۇن بەلگىلەش ھاياتنى بەلگىلەيدۇ، ئورۇن بەلگىلەش تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ. كۆرۈمسىز ئۆردەكنىڭ ئاققۇغا ئايلىنىشى ئۈچۈن پەقەت بىر جۈپ قانات بولسىلا بولىدۇ؛ كۈلقىزنىڭ مەلىكىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن پەقەت بىر جۈپ خرۇستال ئاياغ بولسىلا بولىدۇ.
#p#
ئادەمنىڭ ھاياتى، ئۈچ ئۆلۈشىنى تەقدىر بەلگىلىگەن بولسا، يەنە يەتتە ئۈلۈشى تىرىشچانلىقىغا باغلىق، غايە بولسا تونۇلىدۇ، تىرىشچان بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ غايىسىنى كەڭ قانات يايدۇرغاندا، ھەر قانداق ئادەم سىزنىڭ ئېگىز ئۇچۇشىڭىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتىكى ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يىراق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزنىڭ ئۈستۈنلۈك تۇيغۇڭىز ئاستا-ئاستا ئۈمىدسىزلىنىش ۋە مەغلۇب بولۇشقا ئايلانغاندا، سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز ئاستا-ئاستا يوقالغاندا، ئاچچىقلىنىش، ھودۇقۇش، ئۆزىنى كەمسىتىش، دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە تەپسىلىي ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، سىز ھەقىقىي گۆھەرمۇ؟ ھەقىقىي گۆھەر بولسىڭىز، قولىڭىزدا ماھارەت بولسا، ئاندىن باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشەلەيسىز. مۇنداق بىر سۆز بار: تالانت ئەمەلىي كۈچكە تايىنىپ ئىسپاتلىنىدۇ، پەقەت ئۆزىنى چېلىقتۇرغاندا، ئاندىن كېيىنىكى ھۇزۇرلىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشقا سالاھىيىتى توشىدۇ.
ھەر بىر گۆھەر ئەسلىدە بىر دانە شېغىل، بىراق ھەر بىر دانە شېغىلنىڭ گۆھەرگە ئايلىنىشى ناتايىن.
باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم مۇشۇ توپنى قۇرۇش سالاھىيىتى بولۇش كېرەك. زەربە ۋە قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەندە، كەمسىتىش ۋە ئاددىيلىققا چىدىمىغاندا، تەڭداشسىز نەتىجىنى كەلتۈرۈش ناھايىتى قىيىن. ياشلار ئۆزىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىشىنى ئويلىسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئويلىسا، چوقۇم پارچە شېغىل تاشتىن گۆھەرگە ئايلىنىشى كېرەك.
كۈندە يامغۇر يېغىش كۈن چىقىش بولىدۇ، ھاياتلىقتا يۇقىرى پەللە ۋە جىلغا بولىدۇ.
تۇمان بىلەن كۆز ئالىدىڭىزنى توسۇپ قويماڭ، مەنزىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن دىققىتىڭىزنى يىغىڭ.
پەقەت تۇماندىن ئۆتكەندە، ئاندىن كۆز ئالدىڭىزدا كۆپكۈك ئاسمان كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز خىزمەت ئۈستىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز، ئىشىنىڭ ئادەم ھەرگىزمۇ جىلغىدا تۇرۇۋەرمەيدۇ، ھامان بىر كۈنى قات-قات بۇلۇتتىن ئۆتۈپ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. ئۆزىڭىزگە ئېيتىڭ: مەن مەغلۇب بولمىدىم، پەقەت ۋاقتىنچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمدىم! پەقەت قەلبىدە بىر تال ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇرغاندا، چوقۇم بارلىق قاراڭغۇ تۇماننى ھەيدەپ چىقارغىلى، يورۇقلۇقنى قارشى ئالىدۇ.
#p#
ئەلۋەتتە، تەجرىبىنى سۆزلىگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى، كەسىپ بىلىمى چوڭقۇر ئەمەس، تونۇشى ناھايىتى ئاز، خىزمەتتە دائىم ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ بېسىمى پاتمانلىق تاشقا ئوخشىمايدۇ، بەلكى يامغۇر يېغىش ئالدىدىكى ئاسمانغا ئوخشايدۇ، خۇنۈك چۈشكۈن، بوشلۇق ناھايىتى ئېنىق، بىراق خۇنۈك رەڭ ھەممە ئارىلىقنى تولدۇرۇپ بولغان، پەقەت يامغۇردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاسماننى كۆرگىلى بولىدۇ.
"توخۇدىن بۇرۇن ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ئىتتىن كېيىن ئۇخلايمەن، ئېشەكتىن كۆپ ئىشنى قىلىمەن، يەيدىغىنىم ھەممىدىن ناچار." بۇ سۆز ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى ئىپادىلەپ ئېيتىدىغان سۆزى. گەرچە بۇ سۆز مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئادەمنى ھەقىقەتەن كۈنۈكلۈك چىرمىۋالغان، قەلبى كۈنۈكلۈكتىن مەڭگۈ چىقالمايدۇ. ئېسىمدە بىر پەيلاسوپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئازابىمىزنى مەسىلىنىڭ ئۆزى ئېلىپ كەلمىگەن بەلكى بىز مەسىلىگە قارىغاندا كېلىپ چىققان.» باشقا بىر نۇقتىدىن ھاياتقا قارىغاندا، بولسا بىر خىل بۆسۈش، بىر خىل خالاس بولۇش، بىر خىل ئېشىش، بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى تىنچلىق ۋە ئاددىيلىق، شۇ ئارقىلىق ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىمىز.
بىر پەيلاسوپ مۇنداق دېگەن: «ھاياتلىق بىر تۇتاش كەتكەن تاللاش، ھەر بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسى ۋە تەقدىرى، پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئالقىنىدا بولىدۇ، پەقەت تىرىشسا، ئاخىرىدا غەلىبە قىلىدۇ.» خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ياكى خىزمەت تاللاش بولسۇن، ئىگىلىك تىكەلەشمۇ شۇنداق، پەقەت تىرىشقاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. سىز ھاياتنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرامسىز ياكى ئۇنى باشقا بىر ئادەمگە تاپشۇرۇپ بېرەمسىز؟
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى بەش يىل تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى. مۇشۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش دەۋرىدە، ئەگەر ياخشى تۇتمىسىڭىز، سىز يەنە قايسى ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرىسىز؟ ئادەم ھاياتنىڭ خوجايىنى، تەقدىر ئۆز قولىمىزدا.
#p#
ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىكى سۆز بىلەن ياشىماڭ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قارىشى بىلەن ياشىماڭ، بەلكى ھاياتىڭىزنى ئۆز قولىڭىزغا ئېلىڭ.
ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشۈم يوق دېمەڭ، ئۆزىڭىز ئەڭ چوڭ بولغان ئارقا كۆرۈنۈش. ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى جېك كەيلۇك مۇنداق بىر سۆزنى ئېيتقان: «مەن تېخى ياش، مەن ئۈمىد يولىدا.» ھاياتلىق سەپىرىدە، بىز مەڭگۈ ياش، ھەركۈنى ئۈمىد بىلەن تولغان. ھەر بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، مۇھىم بولغىنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى توغرا بايقاش ۋە توغرا تونۇش، شۇنداقلا ئۆزىگە ماس بولغان بىر ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش سەھنىسى تېپىپ چىقىش، ھەرگىزمۇ سەھنىنىڭ ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرۇش ئەمەس. ئۆزىڭىزنى تېزدىن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈڭ. ئوبيېكتىپ، ئادىللىق بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىغا قاراڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە قىزىقىشىغا قاراپ تاللاڭ، ئىمكانقەدەر ئۆزىڭىزگە ماس بولغاننى، ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق بولغاننى تاللاڭ.
ئادەم كۈچى باشقۇرۇش ساھەسىدە، مۇنداق بىر دېيىلمە ناھايىتى كەڭ تارقالغان، يەنى: «ئاتنى مىنىش، كالىنى ھەيدەش، ئىتىنى ئۇرۇش» نەزەرىيەسى: ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، ئىقتىدارلىق، بۇ بولسا بەيگە ئېتى، بىز ئۇنىڭغا مىنىمىز؛ ئەخلاق پەزىلىتى ناھايىتى ياخشى بىراق ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە، بۇ كالا، بىز ئۇنى ھەيدەيمىز؛ ئەخلاق پەزىلىتى ناچار، ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغىنى بولسا ئىت، بىز ئۇنى ئۇرىمىز.
مېنىڭچە، ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر، ئوخشاشلا يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە، ئوخشاشلا باشقىلار تەرىپىدىن تونۇلىدۇ، ئوخشاشلا جەڭ مەيدانىدا توزان توزۇتۇپ ماڭالايدىغان بەيگە ئېتىغا ئايلىنالايدۇ. ئۇنداقتا، سىز ياخشى ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بىر دەرىجە تۆۋەن بولسا ھەرگىزمۇ بىر دەرىجە تۆۋەن ئادەمگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، بۈگۈنكى تۆۋەنلىك بەلكىم ئەتىدىكى ئۈستۈنلۈك. ھاياتنىڭ قىممىتى دېگىمىزدە، بولسا بىزنىڭ ھاياتلىقىمىزنىڭ باشقىلارغا كۆرسەتكەن قىممىتى. باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىش ياخشى ئىش، ھېچكىم بىلمەسلىك بولسا ھەقىقەتەن ئازابلىق ئىش! 
#p#
خىزمەت قىلىش، خىزمەتنى ياخشى قىلىش بولسا خىزمەت مەيدانىدىكى ئاساسى كاپالەت.
ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن خىزمەت قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا مۇشۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، مۇشۇ خىزمەتنى ياخشى قىلىشقا ئىقتىدارى بولۇش، ھالبۇكى، مۇشۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا كەلسەك، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەيدىغان، قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىدىغان پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك.
قىلىشنى بىلىشنىڭ ئاساسىدا قېتىرقىنىپ ياخشى قىلىش.
خىزمەت جەريانىدا، باشقىلاردىن كۆپ قىلىشنى زىيان تارتىش دەپ قارىسىڭىز؛ پۇلنى باشقىلاردىن ئاز ئېلىشنى زىيان تارتىش دەپ قارىسىڭىز؛ دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى زىيان تارتىش دەپ قارىسىڭىز، ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىنچىكە ھېسابلاشنىڭ ئورنى يوق، زىيان يارىتىش ئاپەت ئەمەس، مەغلۇبىيەتمۇ ئەمەس، زىيان تارتىشمۇ بىر خىل پەلسەپە. ھازىر ئازراق زىيان تارتسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ئاساس سالغان بولىسىز، بەلكىم كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا، سىزگە تۇيۇقسىز كەلگەن بەختنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
زىيان تارتىشنى بىلىش ئادەم بولۇشتىكى بىر خىل چېگرا، ھايات كەچۈرۈشتىكى بىرخىل ئاقىلانىلىك.
خىزمەت جەريانىدا كۆپرەك ئىشلەش ياكى باشقىلارغا ياردەملىشىپ خىزمەت قىلىش ھەرگىزمۇ زىيان تارتىش ئەمەس. ئەگەر رەھبەر سىزنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە بۇيرىسا، ھەرگىزمۇ زىيان تارتتىم دەپ ئويلىماڭ، ئەكسىچە، بەخت ھېس قىلسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى رەھبەر پەقەت سىزنى چاقىردى، باشقىلارنى چاقىرمىدى، بۇ سىزگە ئىشەنگەنلىكىنى، سىزنى ئېتىبارغا ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. زىيان تارتىش بىر خىل ھەسسە قوشۇش، سىزنىڭ قوشقان ھەسسىڭىز قانچە كۆپ بولسا، ئېرىشكىنىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش مانا مۇشۇنداق زىيان تارتىش.
بېرىشكە قىيغاندا، ئاندىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؛ مۇۋاپىق ۋاقىتتا زىيان تارتىشنى بىلىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ دۆت ئەمەس، بەلكى ئاقىل.
باشقىلارغا چىقىش بوشلۇقى بېرىش دەل ئۆزىگە چىقىش بوشلۇقى بېرىشتۇر؛ باشقىلارغا قولايلىق يارىتىش دەل ئۆزىگە قولايلىق يارىتىشتۇر؛ باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش دەل ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتۇر.
#p#
ساددا ئادەم بەختلىك بولىدۇ، چۈنكى ساددا ئادەم باشقىلار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. مۇشۇنداق ئادەم بىلەن بىرگە ئۆتكەندە، پۈتۈن بەدىنى ئازادە بولۇپ، ئاگاھلىنىش ئاز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. ساددىلىقتا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چىداشلىق ۋە سادىقلىق بولىدۇ، يەنە كۆڭلى كۆكسى كەڭلىك ۋە سەمىمىيلىك بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا باشقىلار بىلىپ بىلمەي سىز تەرەپتە تۇرىدۇ. ساددا ئادەم بىلىپ بىلمەي ئەقىللىق ئادەمدىن كۆپ نەرسىگە ئېرىشىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر نەچچە يىلدا، سىزنىڭ ئاسمىنىڭىزدا پەقەت بىر نەچچە پارچە قار پارچىسى چۈشسە سىز رازى بولامسىز؟ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بەرداشلىق بېرىش ۋە توپلاشقا ئېھتىياجلىق، قار پارچىسىنى توپلاشقا دىققەت قىلغاندىن، پەسكە چۈشۈپ قار دۆۋىسىنى يۇمىلاتقان ياخشى. بافېت مۇنداق دېگەن: «ھاياتلىق قار دۆۋىسىنى يۇمىلاتقانغا ئوخشايدۇ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھۆل بولغان قار دۆۋىسىنى بايقاش ۋە ئۇزۇن يانتۇ تەكشىلىكنى تېپىش." ئۆزىنى بېسىۋېلىش، بايقاشنى ئۆگىنىش "نەم قار دۆۋىسى"، "ئۇزۇن يانتۇ تەكشىلىك" نى تىرىشىپ ئىزدەش. ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئايرىم بولغان قار پارچىسى ناھايىتى ئاسانلا ئېرىپ كېتىدۇ، تېزلا يوقايدۇ، پەقەت قار دۆۋىسى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرالايدۇ.
ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە، سىز باشقىلاردىن كۆپ كۈچ چىقىرىشنى، تىرىشىشنى بىلىشىڭىز كېرەك، بۇ بىر خىل مەبلەغ، بۇ ئۆزىگە كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت پۇرسىتى بەرگەنلىك.
كەسىپلىشىش دېگەن نېمە؟ كەسىپلىشىش دېگەنلىك خىزمەت ھالىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈشى، قېلىپلاشتۇرۇشى، تۈزۈملەشتۈرۈشى، يەنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا، مۇۋاپىق ئورۇندا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا سۆزلەش، مۇۋاپىق ئىشنى قىلىش، بىلىم، ئىقتىدار، ئىدىيە، پىكىر، پوزىتسىيە قاتارلىق مۇۋاپىق تەرەپلەردىن قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش. "ھەر بىر ساھە ئىچىدە، كۆپلىگەن ئىقتىدارلىق ئادەم چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقتىن، تېخىمۇ ئەقىللىقلىقدىن، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىن بولىدۇ. بىراق، ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسىپلەشكەن! مانا بۇ سىزنىڭ ھازىرغىچە خوجايىن بولمىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى. بىر ئادەمنىڭ پەقەت مەخسۇسلىشىشى يېتەرلىك ئەمەس، پەقەت كەسپىلەشكەندە، باشقىلاردىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ!" ھەرگىزمۇ ھازىر ناھايىتى مۇقىم دەپ خاتىرجەم بولۇپ كەتمەڭ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدىكى ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەلگۈسىدىكى تۆت چاقىرىقنى تونۇپ يېتىش كېرەك.
#p#
بىرىنچى، ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش
ئىككىنچى، توي قىلىپ بالىلىق بولۇش
ئۈچىنچى، خىزمەتتە ئۆرلەپ مائاش قوشۇلۇش
تۆتىنچى، تۇرمۇش سۈپىتى
بەزى ئادەملەر ياشاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، دائىم نەزىرىنى كەينىگە قارىتىدۇ، ئۈچ كۈن بېلىق تۇتسا ئىككى كۈن تور قۇرۇپ، ئىشىنىڭ باش ئاخىرى بولمايدۇ.
بەزىلەر تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، نەزىرىنى ئالدى تەرەپكە تىكىپ، ھەر كۈنى ئاز ئازدىن ئىلگىرىلەيدۇ، بەرداشلىق بېرىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە، قوغلىشىش ۋە تەھلىل قىلىش بولمىسا، غايە ۋە ئىرادە بولمىسا بولمايدۇ. ھاياتلىق سۇغا قارشى قولۋاق ھەيدىگەنگە ئوخشاش، ئالغا ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدۇ. ھازىرقى تۇرمۇشىدىن قانائەتلىنىپ ئالغا ئىلگرىلىمىگەندە، زاماننىڭ قەدىمىگە يېتىشكىلى بولمايدۇ.
چوقۇم ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىش قىلىش كېرەك، بۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك، ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىنىڭ پاتېنت ئەمەس. بىلەرمەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆرەلەيدىغىنى بولسا: ئۆزىنىڭ قانداق ئىشنى قىلىپ باققىنى. ئاقىل ئادەمنىڭ ئەڭ ئىنتىلىدىغىنى بولسا: ئۆزىنىڭ يەنە نېمە ئىشنى قىلىدىغانلىقى.
بىلەرمەن كىشى بولسا تاكتىكا بەلگىلەيدۇ، ئاقىل بولسا ئىستراتېگىيە بەلگىلەيدۇ؛ بىلەرمەن كىشى كۈنجۈتنى كۆرسە، ئاقىل كىشى تاۋۇزنى كۆرىدۇ. 
بۇ دۇنيادا ئاقىللارمۇ، بىلەرمەنلەرمۇ بار، ئاقىللارنىڭ ئاقىلانە تۇرمۇش ئۇسۇلى بار، بىلەرمەنلەرنىڭ  بىمالاللىقى بار، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە ماس بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بار، بۇنى ھېچكىم باشقىلارغا زورلاپ تاڭالمايدۇ. بىراق، بىلەرمەنلەردە پەقەت كىچىك نەتىجە ۋە كچىك بولغان قاراش بولىدۇ، ئاقىللاردا چوڭ نەتىجە ۋە زور بولغان قاراش بولىدۇ. كىچىك كارخانا خوجايىنغا قارايدۇ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا تۈزۈمگە قارايدۇ، چوڭ كارخانا مەدەنىيەتكە قارايدۇ.
#p#
مەيلى چوڭ ياكى كىچىك شىركەت بولسۇن ھەممىسىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ، بۇ ياخشى يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، بىراق بۇ ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كىچىك شىركەت چوقۇم تەرەققىي قىلىپ چوڭ شىركەتكە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ بىر نىشان، ياشلارمۇ ئۆزىگە بىر خىزمەت نىشانى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، سىز دائىم قورقۇنچ ئىچىدە يۈردىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىزنى ھالسىز ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خەۋپ خەتەرنى ئويلاش ھەرگىزمۇ ۋەھىمە بىلەن ئۆزىنى قورقۇتۇش ئەمەس! بۇ ۋاقىتتا مۈگدەپ قالسىڭىز چۈش كۆرىسىىز؛ بۇ ۋاقىتتا ئۆگىنىش قىلسىڭىز، چۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. رىقابەت كەسكىن بولغان ھايات جېڭىدە، مۈگدەپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ!
ھەر بىر ياشنىڭ ھەممىسى جۇشقۇن جاسارەتلىك، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، بىراق ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر كۈنى ئۆي، خىزمەت، ئائىلە بېقىش دېگەندەك ئىشلارنى ئويلايدىغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ياش ۋاقتىدىكىدەك "ئاسمانغا چىقىپ يۇلتۇز سانايدىغان، دېڭىزدىن ئاينى سۈزۈۋالىدىغان" جۈرئەت قالمايدۇ. بىز تۇرمۇشنى ئۆزگەرتتۇقمۇ ياكى تۇرمۇش بىزنى ئۆزگەرتتىمۇ؟ بىزنىڭ ئىدىيەمىز بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى بىزدە تېخىمۇ كۆپ بولغان قىيماسلىق، تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىككىلىنىش بولۇپ، بىز دائىم ئۇياقتىن بۇياققا ئويلاپ گاڭگىراپ قالىمىز. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر ئىككى يىل ئىچىدە، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىمى بىزنى نەپەس ئالدۇرمايدۇ، ئوڭۇشسىزلىق ۋە توسالغۇ تۆت تەرەپنى توسۇۋالغان، بىز دائىم ئۆزىمىزنى قىستاپ ئاندىن يوشۇرۇش كۈچىنى جارى قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن قاتمۇ-قات توسالغۇدىن ئۆتۈپ، چىقىش يولىنى تاپىمىز. بىراق ئىككى ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈستىمىزدىكى بېسىم يېنىكلەپ، خىزمەت ئوڭۇشلۇق بولۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز بوشىشىشقا باشلايمىز، يوشۇرۇن خەتەر ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كېلىدۇ. خەتەر يېتىپ كەلگەن كۈنگە قەدەر، بىز ھېچقانداق تەييارلىقسىز زەربىگە ئۇچرايمىز... ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل، يەنىلا خەتەر ئىچىدە بولۇپ، چوقۇم خاتىرجەملىك ئىچىدە خەتەرنى ئويلاپ تىرىشىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا بىز ھەقىقىي بىخەتەر ھاياتقا ئىگە بولىمىز!
#p#
ئازاب ئوقۇبەتتە ياشاپ، باياشاتلىققا ئۆلۈش. ئەگەر سىز ھازىرقى مۇۋەپپەقىيەتتىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز سىزغان چەمبىرەك ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى چەكلىمەڭ، بەلكى باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىڭ. ھەممە نەرسىدىن قورقۇپ ئەنسىرەپ يۈرۈيدىغان ئادەم ئۈچۈن، ھەقىقىي خەتەر بولسا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالماسلىق بولىدۇ!
ياشلار جەمئىيەتنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا، ماسلىشىش ئىقتىدا بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ، ئۇلار ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا مۇھىت تەرىپىدىن ئىتىترىلىپ مېڭىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايدۇ، ئۆزىگە مەڭگۈلۈك پۇشايمان ئېلىپ كېلىشنى خالىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ: «مەن ئۆزۈمگە يۈز كېلەلەيمەن، ئۆيدىكىلەرگە يۈز كېلەلەيمەن، چۈنكى مەن بارلىق كۈچۈمنى چىقاردىم.» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەم پەقەت ئىزچىل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغاندا، خەتەردىن بۆسۈپ ئۆتكەندە ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزىدىكى خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرغاندا، ئىلمان سۇ ئىچىدىكى پاقىغا ئوخشاش، ئاخىرىدا ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
بىر نەچچە يىللىق جەمئىيەت تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، سىز چۈشىنىشىڭىز كېرەك: دۇنيادا بايلار نامراتلار بار، يەنە ئوچۇق-تۇرۇق، سەت-چىرايلىق، سىزنىڭ نېمىنى كۆرگەنلىكىڭىز، سىزنىڭ ئاكتىپ ياكى پاسسىپ ھالەتتە تۇرغانلىقىڭىز بەلگىلەيدۇ. ياش ۋاقتىدا تىرىشىپ خىزمەت قىلىش، بىر خىل ئوچۇق يورۇق تۇرمۇش ئىدىيىسى بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش، ئۇنداقتا، قولىڭىزنىڭ ئالقىنىنى ئاچسىڭىز، سىز شۇنى بايقايسىز، ئۇنىڭ ئىچىدە پارلاق تۇرمۇش ساقلانغان بولىدۇ.
مىننەتدارلىقنى تاشقا ئويۇش، باشقىلارنىڭ سىزگە قىلغان ياردىمىنى چوڭقۇر ئەستە ساقلاش، مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارماسلىق، بۇ ئادەم بۇلۇشنىڭ بىر چېگرىسى؛ ئۆچمەنلىكىنى قۇم شېغىل ئۈستىگە يېزىش، باشقىلارنىڭ قىلغان يامانلىقىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇش، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىش، باشقىلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئېقىن سۇغا ئوخشاش كەلمەسكە ئاققۇزىۋېتىش، بۇمۇ ئادەم بولۇشنىڭ يەنە بىر چېگراسى.
#p#
سۇنى ئاققۇزغاندا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ سۇنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، ھەر بىر كۈننى يېڭىدىن باشلاشنى ئۇنتۇماسلىق، ھەر بىر خىزمەتنى نۆلدىن باشلاش. ئەگەر سىز "نۆلدىن باشلاش" نى بىر خىل نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرسىڭىز، بۇنى بىر خىل ئىلغارلىق دەپ داۋاملاشتۇرسىڭىز، ھەر ۋاقىت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىلانىنى تاماملاپ توغرا بولغان پىلان بىلەن ئۆزىڭىزندىن ئېشىپ چۈشەلەيسىز.
كەسىپ باشلىنىشنىڭ قىسقىغىنە يولىدا، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز ئۆسۈپ يېتىلىمەكچى بولغاندا، چوقۇم نۆلدىن باشلاش ئىدىيەسى بىلەن دۇنياغا قاراش كېرەك. ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپتىكى نۇقسانسىزلىقنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلماسلىق، ئۆزىنى ناھايىتى ئىلغار ھېسابلىماسلىق، بەلكى ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى توغرىلاپ، ئۆزىنىڭ مەنمەنلىكىنى تاشلاپ، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى بىلەن مۇھىتقا ماسلىشىش، جەڭ ئېلان قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش. مەنمەنلىكنى تاشلىغاندا، ئاندىن قىممىتى ئاشىدۇ، ۋاقىتلىق سەل قارىلىش كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ياشلار مەكتەپ ياكى باشقا مۇھىتتىن يېڭى بىر مۇھىتقا كىرىدۇ، چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن مۇشۇ مۇھىت بىلەن تونۇشۇش، ئادەتلىنىش، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى قويۇپ، ئاندىن نۆلدىن باشلاش كېرەك. بىز خىزمەت مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمەن دەيدىكەنمىز، ئاۋۋال ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۇشىمىز كېرەك. تەبئىي ھالەتتىن خىزمەت ئورنىغا كىرگەندە خىزمەت ئورنىنىڭ ئاساسى شەرتلىرىگە سىڭىپ كىرىش. بىر ئادەمنىڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلۇق بولغىنى تۇرغان ئەھۋالىنىڭ تۆۋەن بولغىنى. ئۆزى بىلەن قانچە تىركەشسە، تەرەققىي قىلىش مەنزىلى شۇنچە بولمايدۇ؛ ئەكسىچە، قانچە ئاكتىپلىق بىلەن كۈچ چىقارسا، ئۇنداقتا شۇنچە تېز تەرەققىي قىلىدۇ. كۆپلىگەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە كەسپىي تارىخىنى نۆلدىن باشلىغان، ئۆزىنى سالماق تۇتقان، قايتا قايتا تىركىشىش، نۆلگە قايتىش بىلەن ئۇلار ھاياتلىق يولىدا زەپەر قۇچۇپ، سەپىرىدە ئۇتۇق قازانغان.
#p#
ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە، بىز ئۆتمۈشنى نۆلگە ئايلاندۇرغاندا ئاندىن خىزمەت مەيدانىدا ئۈستىگە ئېغىر قاپنى ئارتىۋالغان قۇلۇلگە ئايلىنىپ قالماي، بەلكى كۆكتە پەرۋاز قىلغان قۇشقاچتەك ئەركىن پەرۋاز قىلالايمىز. ئەستايىدىللىق بىلەن جېك ۋېرىچ ئېيتقان ماۋۇ سۆزنى كۆرۈپ بېقىڭ: «ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى توغرىلاش، ئۆزىنى تونۇش، نۆلدىن باشلىنىدۇ، سىز خىزمەت مەيدانىغا قايىتدىن كىرىسىز.» كونىنى چىقارغاندا ئاندىن يېڭىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، كۆڭلى تىنچ بولغاندا ئاندىن بەدىنى راھەت بولىدۇ، قويۇپ بەرگەندە ئاندىن قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، ئىچى قۇرۇق بولغاندا ئاندىن لىق سۇ تولدۇرغىلى بولىدۇ، قويۇپ بەرگەندە ئاندىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.
نۆلگە قايتىشنىڭ بەش خىل ئىپادىسى: كۆڭلىدە ئۆزى بولماسلىق، كۆزىدە توسالغۇ بولماسلىق، ئىدىيەسىدە ئۇ (ئۆزى) بولماسلىق، قارىغاندا باشقىلار بولماسلىق، ئۆگىنىشنىڭ چېكى بولماسلىق.
ياشلار ئاز تولا مەنمەنلىك بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ، ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان چاغلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، دەسلەپتە خىزمەت مەيدانىغا كىرگەندە يېڭى ئۇ تېخى "تۇغۇلغان بوۋاق"، ئۆمىلەشتىن، مېڭىش، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان. ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئۆزىدە چوقۇم ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلگەن شاگىرت ئىدىيەسى، بۇلۇت ئىدىيەسى، بوشلۇق ئىدىيەسى بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق ئىدىيەگە ئىگە بولغانلارنىڭ كۆڭلى كۆكسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا قوبۇل قىلالايدۇ ۋە بارلىق نەرسىلەردىن ئىلھام ئالالايدۇ، ئۇلار ھەر ۋاقىت مۇۋەپپەقىيەت پەرىشتىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت، سىزنىڭ قانچىلىك ئادەمنى يەڭگەنلىكىڭىزدە ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ باشقىلاردىن كۆپ قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشكىنىڭىزدە، قانچىلىك ئادەمگە ياردەم قىلغانلىقىڭىزدا. سىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن ئالغان ئادەم قانچە كۆپ بولسا، سىزگە ياردەم قىلىدىغانلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ، مۇلازىمەت رايونى شۇنچە كەڭ بولىدۇ، ئۇنداقتا سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىڭىز شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ساپ ئېنېرگىيە تارقىتىشنىڭ قوشقان تۆھپىسى چەكسىزدۇر!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى