ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەزەر ئەيلەيلى

توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەزەر ئەيلەيلى

ۋاقتى: 2016-03-14 ئاۋاتلىقى: 608 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىستېمالچىلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مال سېتىش تور پونكىتلىرى ئېتىبار بېرىش شوئارلىرىنى بەس – بەستە توۋلاپ، ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى. ئىستېمالچىلار كۆزنى ئالا – چەكمەن قىلىدىغان تاۋارلارنى تاللاش بىلەن ئالدىراش بولماقتا، توردا مال سېتىۋېلىشتا ھەر خىل توزاقلاردىن ساقلىنىش تەسكە چۈشمەكتە.
زىيادە تۆۋەن باھا ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك
يېقىندا، ئۈرۈمچىدىكى جاڭ خانىم بىر تور دۇكىنىنىڭ ئەسلىي باھاسى 200 يۈەنلىك پاختىلىق كىيىمنى ئون يۈەنگە چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇ باھانىڭ تېخى پوچتا ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدىلا 3000دىن كۆپ پاختىلىق كىيىمنىڭ سېتىلغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ دۇكان خوجايىنىدىن باھانىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق تۆۋەن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى سورىغاندا، دۇكان خوجايىنى: «خېرىدار جەلپ قىلىپ، ئىناۋىتىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق، تاۋارلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، ئەگەر خېرىدارلار رازى بولمىسا يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى ئالماشتۇرسا، قايتۇرسا بولىدۇ.» دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جاڭ خانىم پاختىلىق كىيىمدىن بىراقلا سەككىزنى سېتىۋالغان ھەم بۇ تور ئادرېسىنى دوستلىرىغىمۇ ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ: «ئەگەر سېتىۋالغان كىيىمنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، قايتۇرۇۋەتسەم بولىدىغۇ، ماڭا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ.» دەپ ئويلىغان.
جاڭ خانىم پۇلنى تۆلەپ ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، مال كەلمىگەن. ئۇ دۇكان خوجايىنىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، دۇكان خوجايىنى يەتتە كۈندىن كېيىن مالنى بىر تۇتاش ئەۋەتىمىز، دەپ قويۇپ مالنى ئەۋەتمىگەن. يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن، جاڭ خانىم سۈرۈشتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ تور دۇكىنىنىڭ ئادرېسىغا ھەر قانچە قىلىپمۇ قايتا كىرەلمىگەن. جاڭ خانىم تور بېكىتىنىڭ مۇلازىمەتچىلىرىگە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇلار: بۇ تور دۇكىنى ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇ دۇكاننى تور بېكىتىمىزدىن چىقىرىۋەتتۇق، دېگەن.#p#
توردا مال سېتىۋېلىشتا تەجرىبىلىك جاڭ مىڭيىڭ: بۇنىڭدا ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن، بىرى، ساتقۇچى خېرىدارلار ئەۋەتكەن چىقىم تالونىدىن ئۇنىڭ ئادرېسى، تېلېفونى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ، يۇقىرى باھادا سېتىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، ساتقۇچى ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىنىپ قالغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئازراق پۇل ئۈچۈن ئاۋارە بولۇپ يۇرۈشتىن قاچىدىغان پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق قىلغان. شۇڭا، توردىن مال سېتىۋالغاندا زىيادە تۆۋەن باھادىن چوقۇم ھوشيار بولۇش، توردا مال سېتىۋېلىش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن، باھاسى زىيادە تۆۋەن تاۋارلارنى سېتىۋالماسلىق كېرەك، دېدى.

ساتقۇچى تەرەپنىڭ ئىناۋىتىگە دائىر باھالارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك كېرەك
ئۈرۈمچىدىكى جىن لىڭ چاغاننىڭ ئالدىدا ئوغلىغا توردىن ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، توردىن «شۇاڭخۇاڭگۈەن (قوش تاج)» تور دۇكىنىنى تاللىغان. تور دۇكىنىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈرەتلىرى ئىنتايىن چىرايلىق، باھاسىمۇ تاللا بازىرىدىكىدىن خېلىلا ئەرزان بولغاچقا، جىن لىڭ ئانچە كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا شاكىلات، پېچىنە قاتارلىق نۇرغۇن يېمەكلىك سېتىۋالغان. يېمەكلىكلەر كەلگەندە جىن لىڭ مالنى تەكشۈرمەيلا ئېلىپ قالغان. ئۆيگە كېلىپ قاراپ، پېچىنىنىڭ ساقلاش مۇددىتىنىڭ ئۈچ كۈن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن. جىن لىڭ ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ مالنى قايتۇرماقچى بولغاندا، ساتقۇچى: «شىنجاڭ بەك يىراق بولغاچقا، مال بارغىچە ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بۇنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق!» دېگەننى باھانە قىلىپ مالنى قايتۇرۇشقا ئۇنىمىغان.
مەن توردىكى يېمەكلىك ساتىدىغان بىر قانچە تور دۇكانلىرىغا كىرىپ، تور دۇكىنىنىڭ باش بېتىدە يېمەكلىكلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە نومۇرى، زاۋۇت ئادرېسى، زاۋۇت ئىسمى، ساقلاش مۇددىتى قاتارلىقلارنىڭ يېزىلغانلىقىنى، بىراق ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى كۆردۈم. بىر تور دۇكىنىنىڭ خوجايىنى: «يېمەكلىكلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ئوخشاشمايدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىنى يېزىپ كۆرسىتىشكە ئىلاجىسىزمىز.» دېدى.#p#
جىن لىڭ: ئىناۋەت دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى تور دۇكىنىنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن، دەيدۇ. دۆلىتىمىزدىكى مەلۇم داڭلىق توردا مال سېتىش بېكىتىنىڭ مۇلازىمەتچىسى: «ساتقۇچىنىڭ ئىناۋىتىگە دائىر باھالار مۇھىم پايدىلىنىش ئۆلچىمى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى تور دۇكانلىرىدىكى تاۋارلارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇشى ناتايىن. ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا بولىدۇ. ئىستېمالچىلار ساتقۇچى بىلەن بولغان سۆزلىشىش خاتىرىسى، يوللانما ئالاقىسى، نەرسە سېتىۋېلىش تالونى قاتارلىقلارنى ياخشى ساقلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئىسپاتى قىلىشى كېرەك.» دەيدۇ.

«بېلىق تۇتىدىغان» تور بېكەتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك
ئۈرۈمچىدىكى ئەن گوچىڭ يېقىندا توردا مال سېتىۋالغاندا كۆڭۈلسىز بىر ئىشقا يولۇققان. ئۇ ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا بارىدىغان ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالماقچى بولۇپ، پۇل تۆلىمەكچى بولغاندا، ساتقۇچى پۇل تۆلەش سىستېمىسى رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا باشقا بىر پۇل تۆلەش ئادرېسىنى بەرگەن. ئەن گوچىڭ پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، بېلەتنىمۇ ئالالمىغان، پۇلىنىمۇ قايتۇرۇۋالالمىغان، توردىكى ساتقۇچىمۇ يوقاپ كەتكەن. ئەن گوچىڭ 12315 ئىستېمالچىلار ئەرز قىلىش مەخسۇس لىنىيەسىگە ئەرز قىلماقچى بولغاندا، قانۇن ئىجراچىلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12315 قوماندانلىق مەركىزىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل مۇنداق دەيدۇ: بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىستېمالچىلار بىرىنچىدىن ئەرز قىلىنغۇچىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلىشى، ئىككىنچىدىن، ئەرز قىلىنغۇچى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ فۇنكسىيەلىك باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك. ئەمما، توردىن نەرسە سېتىۋالىدىغان نۇرغۇن ئىستېمالچىلار ئەرز قىلىنغۇچىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرەلمەي، دېلو بېجىرىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كۆپ ئەھۋالدا، تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار ئىككى جايدا، بولۇپمۇ تىجارەتچىنىڭ تور بېكىتى ئۈرۈمچىدە بولمىغاچقا، تەكشۈرۈش قىيىنغا چۈشىدۇ.
مەلۇم تور بېكىتىنىڭ مۇلازىمەتچىسى: توردا سودا قىلغاندا ئامال بار رەسمىي پۇل تۆلەش سۇپىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش، باشقىلار ئەۋەتكەن تور ئادرېسىغا ئاسانلا كىرمەسلىك، بىخەتەرلىك ئۈچۈن، توردا نەرسە سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرىنى تازىلىۋېتىش كېرەك، دېدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى