ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ما يۈن: «قوش 11» ھەرگىزمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا جېڭى ئەمەس

ما يۈن: «قوش 11» ھەرگىزمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا جېڭى ئەمەس

ۋاقتى: 2016-09-28 ئاۋاتلىقى: 488 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ يىللىق «قوش 11» ھەققىدە ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: «ئۈمىدىمىز جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىغا نەپ يەتكۈزۈشتۇر. بۇ خىل رەھمەت بىلدۈرۈشتەك (ئىستېمالچىلارنىڭ ئىزچىل قوللاپ بەرگىنىگە دېمەكچى) مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھالەتنىڭ ئىستېمالچىلارغا ھەر جەھەتتىن پايدىسى بولۇپ، مال ساتقۇچىلارمۇ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ھازىرقى ئېلېكتىرونلۇق سودا بازار ئەھۋالى ئەنئەنىۋىي سودا ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئاغدۇرۇش بولۇپ، بۇ خۇددى شىرنىڭ ئورماندىكى بارلىق قويلارنى يەپ بولۇشى ھەرگىزمۇ قوينىڭ ئاغرىنىشى ئەمەس، بەلكى بۇ ئېكولوگىيەلىك قانۇنىيەتتۇر.
ئويۇن ئاللىبۇرۇن باشلاندى. خۇددى تېلېفون، فاكىس قاتارلىقلارنىڭ زور تۈركۈمدىكى خەت-چەكلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئوخشاش، ھازىرقى بازار ئەھۋالىمۇ مۇقەررەر يۈزلىنىش. شۇڭا، ئورماندىكى قويلارنىڭ ھەممىسى يەپ تۈگىتىلگەندىن كېيىن، شىرنىڭ يەيدىغىنى بولمىغاندا، شىر ھامان ھالىدىن قالىدۇ. دېمەك، يېڭىچە ئىقتىسادنىڭ باش كۆتۈرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. 
بىزمۇ كىم بىلەن جەڭ قىلىشنى بىلمەيمىز. ھەمدە «جەڭ»مۇ مەۋجۇت ئەمەس. بىز ناھايىتى ئاز ساندا رىقابەتنى ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىي كەسىپى قىلىمىز-دە، رىقابەتچىنى يوقىتىش كويىدا بولىمىز. رىقابەتچىنى يوقىتىش چوقۇم جەڭدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ناتايىن، ھەمىشە رىقابەتچىنى مەغلۇب قىلىشنىلا ئويلىغاندا، ئۇ ھالدا شىركەت بىر كەسپىي ئۆلتۈرگۈچى قاتىلغا ئايلىنىدۇ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، رىقابەتچىڭىز سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىغا راۋان مېڭىشىڭىزدا بەلكىم بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئەمەس. ئاچقۇچلۇق مەسىلە، قانداق قىلغاندا خېرىدارىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت.
ئەمەلىيەتتە، رىقابەتچىسىز ياشاشمۇ ئاددىي ئەمەس، بۇ بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېما، ئورماندىكى بارلىق شىرنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، قوي توپىنىڭ چوقۇم ياخشى ياشىشى ناتايىن. شۇڭا مېنىڭچە، بۈگۈنكى ئەلى بابانىڭ قىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ بىر شىركەت ئەمەس، بىز تېخىمۇ بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا ئوخشايمىز. بۇ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىدا، ھەر خىل تىپتىكى ھايۋان بولۇشى كېرەك. ھەر خىل تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئېكولوگىيەلىك سىستېما بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ.»
ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىيەت رەئىسى ما يۈن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، تىيەنماۋنىڭ بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك تېزلىتىپ سېتىشى بىر مەيدان ئېلېكتىرونلۇق سودا جېڭى ئەمەس، بەلكى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىغا نەپ يەتكۈزۈش تىيەنماۋ «مال سېتىۋېلىش شادلىق بايرىمى»نىڭ ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى ۋە نىشانى دەپ بىلدۈردى. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى