ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4Rs نەزەرىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

4Rs نەزەرىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 596 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

4Rs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى رىقابەتنى يۆنىلىش قىلىپ، يېڭى قاتلام ئۈستىدە تىجارەت رامكىسىغا يىغىنچاقلاپ، بازارنىڭ ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىشى ۋە رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتتە خېرىدار ۋە كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە تەڭ پايدا ئېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن خېرىدار تەلىپىنى قاندۇرۇپلا قالماي يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېھتىياج يارىتىپ، ياخشى بولغان سىستېمىلىق ئىدىيىلىك ماسلىشىشچان تىجارەتنى قوللىنىپ، باغلىنىش، مۇناسىۋەت، ئەكس ئەتتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خېرىدار بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، كارخانا بىلەن خېرىدارنى بىرلەشتۈرۈپ، رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
"ئىنكاس قايتۇرۇش" بولسا تەننەرخ ۋە تەڭ پايدىغا ئېرىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنكاس قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىشتا، كارخانا چوقۇم تۆۋەن تەننەرخ ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى، خېرىدارنىڭ چىقىم قىلىشىنى خالايدىغان تەننەرخىنى تولۇق ئويلىشىپ، تەننەرخ ئەڭ ئاز بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، شۇنداقلا مۇشۇ ئاساستا تېخىمۇ كۆپ بازار سىغىمچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆلەم ئۈنۈمى ھاسىل قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا كارخانا خېرىدارغا تەمىنلىگەن قىممەت بىلەن جاۋابقا ئېرىشىشى ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبيېكتىپ ھالدا بىرخىل تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
 1. 4R تىجارەت رىقابىتىنى يۆنىلىش قىلىپ، يېڭى قاتلام ئۈستىدە تىجارەت يېڭى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش
بازار رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتكە ئاساسەن، 4R بازارشۇناسلىق كارخانىسى بىلەن خېرىدارنىڭ تەڭ پايدا ئېلىش مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېھتىياج يارىتىپ، باغلىنىش، مۇناسىۋەت، ئەكس ئەتتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خېرىدار بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، كارخانا بىلەن خېرىدارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە بولغان رىقابەت ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈش. 

#p#
 
2. 4R بازارشۇناسلىقى مۇناسىۋەت بازارشۇناسلىق ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ھالدا ئەكس ئەتتۈردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى
4R بازارشۇناسلىقى قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، قانداق قىلىپ ئۇزاق مۇددەت خېرىدارغا ئىگە بولۇش، قانداق ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىغا ئېرىشىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بولسا مۇناسىۋەت بازارشۇناسلىقىدىكى ناھايىتى چوڭ ئىلگىرىلەش. 
3. 4R بازارشۇناسلىقى بولسا ئۆز-ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە تەڭ پايدىغا ئېرىشىشنىڭ كاپالىتى
4R بازارشۇناسلىقىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش مىخانىزمى بولسا كارخانا بىلەن خېرىدار مۇناسىۋىتىنى باغلاش، ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە تەڭ پايدىغا ئېرىشىشنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتى، شۇنداقلا يەنە بازارشۇناسلىقنىڭ قولايلىق بولۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشىدۇر. 
4. 4R بازارشۇناسلىقنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشى كارخانىنى تەننەرخ ۋە تەڭ پايدىغا ئېرىشىش جەھەتتىكى مەزمۇنغا تەڭ ئېتىبار بەرگۈزىدۇ
پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كارخانا چوقۇم تۆۋەن تەننەرخ ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى، خېرىدارنىڭ چىقىم قىلىشىنى خالايدىغان تەننەرخىنى تولۇق ئويلىشىپ، تەننەرخ ئەڭ ئاز بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، شۇنداقلا مۇشۇ ئاساستا تېخىمۇ كۆپ بازار سىغىمچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆلەم ئۈنۈمى ھاسىل قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا كارخانا خېرىدارغا تەمىنلىگەن قىممەت بىلەن جاۋابقا ئېرىشىشى ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق تەڭ مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى