ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوي – پىكرىڭىزدە بۇرۇلۇش بولسا، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ ياخشى

ئوي – پىكرىڭىزدە بۇرۇلۇش بولسا، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ ياخشى

ۋاقتى: 2016-09-20 ئاۋاتلىقى: 1050 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاڭ» بۇ يەردە!

 

ئوي – پىكرىڭىزدە بۇرۇلۇش بولسا، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ ياخشى

 

ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى كۆپ ئويلىماسلىق، باشقىلارنىڭ ئىشىنى كۆپرەك نەزەرگە ئېلىشنى مەشىق قىلىڭ.


ئۆز – ئۆزىڭىزنى مۇشۇنداق مەشىقلەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرالىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدا جەزمەن ناھايىتى زور بۇرۇلۇش بولىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ «ئاڭ ئىسلاھاتى»غا ئايلىنىشى مۇمكىن.


بەزى كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشىنى ئاڭ بەلگىلەيدۇ، ئاڭدىكى بۇرۇلۇشقا ئەگىشىپ، ئىنسانلاردىمۇ زور ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەك، دېيىشىدۇ.
ئاڭ بۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ھۈجەيرىلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ؛ ئىنسانلار ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان، ھۈجەيرىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان بولسا، ئۆزىڭىزمۇ «ئۆزگىرىپ» باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز.


بەرھەق، ئەگەر باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان «مەندىن خالىي» مەشىقنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغان بولساق، جەزمەن بېسىم ھېس قىلمايمىز.
ئۆزىڭىزنىڭ ئېڭىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇ ئانچە قىيىن ئىش ئەمەس.


بىزنىڭ ئادەتتە ئويلىغانلىرىمىز ھامان تەبىئىي ھالدا ئۆز ئېڭىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەگەر ئولتۇرسىڭىز – قوپسىڭىز ئويلىغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى بولغان بولسا، بۇنداق خىيالىڭىزنى ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاپ، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاڭ. شۇ چاغدىلا روھىي ھالىتىڭىزدە تەبىئىي ھالدا بۇرۇلۇش بولىدۇ.


ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ باشقىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق ھېس قىلىش ۋە ئۇنى ھۆرمەت قىلىش دېگەنلىك. بۇ باشقىلارغا بولغان مىننەتسىز، تەمەسىز مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى؛ بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىمى، ھەرقانداق چاغدا مىننەتدار قەلب بولۇش.


«مىننەتدار قەلب بولۇش» دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن مىننەتدار بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇش دېگەنلىك. باشقىلارنى ئويلاش بىلەن بىر چاغدا، مىننەتدار قەلب بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل. شەخسىيەتچى ئادەملەر «مىننەتدار قەلب»نى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ، باشقىلارنىڭ ياخشى نىيەتتە قىلغان ئىشلىرىغا مىننەتدار بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى ھەقلىق دەپ قارايدۇ. كاللىسىدا ئۆزىدىن باشقىسى يوق بۇنداق ئادەملەر ئاشۇنداق كېتىۋەرسە، تاش يۈرەك، رەھىمسىز، كاج – تەرسا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىن نېرىراق تۇراي دېسىڭىز، ئوي – پىكرىڭىزدە بۇرۇلۇش ياساپ، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلىسىڭىز، ئەھۋالدا تەبىئىي ئۆزگىرىش بولىدۇ.
بەزى كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ بەدىنى دېگەن بىر جابدۇق، قەلب ۋە ئاڭ دېگىنىمىز ئاشۇ جابدۇق بەدەن ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، دېيىشىدۇ. ئۇنداق بولسا ئۆز بەدىنىنىڭ ئەھۋالىنىلا ئويلاشنى تولىمۇ مەززىسى يوق ئوي دېسەك بولماسمۇ؟



ئەگەر بەدەن راستتىنلا ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىلگەن نەرسە بولسا، ئۇنداقتا «بەدەن يۈرەكنىڭ سايمىنى» دېگەن گەپمۇ بەك ئاشۇرۋەتكەنلىك ئەمەستەك تۇرىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇزۇلسا رېمونت قىلدۇرغان، كېسەل بولۇپ قالسا داۋالاتقان ياخى.


ئورۇنسىز غەم – ئەندىشە قىلىپ، ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. ھالبۇكى، بەدەننى ئازابلايدىغان ئىشنىڭ ياخشى دولقۇن پەيدا قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس؛ ياخشى دولقۇن بولمىسا، كىشىلىك ھاياتنى خۇشال – خۇرام ۋە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ياخشى دولقۇن ساغلام كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ، كىشىلىك ھاياتقا بەخت – ئامەت كەلتۈرىدۇ. سىزنى ياخشى تەرەپكە باشلايدۇ.


ئۆزىنىڭ ئىشىنىلا ئويلايدىغان، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئەسلا نەزەرگە ئالمايدىغان، ئاغزىدا ئۇنى – بۇنى دەپ قويغان بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەر ھازىرقى كۈندە بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.


ھەممە ئادەم ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، بارلىق ئىش ھەقلىق بولۇش كېرەك دەپ قارايدىغان بولۇپ كەتكەچكە، ئىنسانلار بارغانسېرى جىددىيلىك ئىچىدە ياشىماقتا، ئاخىرىدا بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت ئالدىراش جەمئىيەتكە ئالدىراش جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر مەسىلە. چۈنكى، ئۇ بىز ياشاۋاتقان مۇھىتنى بارغانسېرى ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ.


«ئۆزىگە كۆيۈنۈش، باشقىلارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئېلىش» كېرەك، دائىم مۇشۇنداق ئويلاپ، ئوي – پىكىردە بۇرۇلۇش ياشىسىڭىز، دۇنيانىڭ ئەسىلدىلا شۇنچە گۈزەللىكىنى بايقايسىز، تۇرمۇش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولىدۇ. ئىشلار ئادەمنى تەسىرلەندۈرگۈدەك جانلىنالايدۇ.


ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنىلا ئويلىماڭ، باشقىلارنىمۇ كۆپرەك ئويلاپ قويۇڭ... ئوي – پىكرىڭىزنى سەل – پەل ئۆزگەرتىپ، «رەھمەت، ھەشقەللا» دېگەن سۆزنى چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ ئېيتىشنى سىناپ بېقىڭ. بۇنداق ئاددىي ئىشنى پەقەت كۆڭۈل قويسىڭىزلا قىلماق تەس ئەمەس.


مەن مېنى تەسىرلەندۈرگەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.  ئەگەر كۆپچىلىك بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغان بولسا، مېنىڭچە بېسىم ئازابلاۋاتقان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ.


مىننىتى، تەمەسى يوق مۇھەببەت، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ھەقىقەتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.


ئىقتىسادىي جەھەتتە يار – يۆلەك بولغاندىن بۇ ھەقىقەتنى ئاۋامغا يەتكۈزۈپ قويغان تۈزۈك. ئىشىنىمەنكى، ئىنسانلارنى جەزمەن بەختلىك قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
-------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى