ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلاش كېرەك؟

ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلاش كېرەك؟

ۋاقتى: 2012-08-30 ئاۋاتلىقى: 396 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كامىل 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى مەلۇم ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتىگە يۆلەك قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ تىجارەت قىلغان. بۇ مەزگىلدە، ترانسپورت شىركىتى مەزكۇر يۈك ئاپتوموبىلىغا يول يۈرۈش ۋە تىجارەت قىلىشتا ھامىي بولغان، كامىل مەزكۇر يۈك ئاپتوموبىلىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتىنىڭ نامىدا يۈك ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كامىل بەختىيار بىلەن تەكلىپ قىلىش كېلىشىمى تۈزۈپ، كامىلنىڭ بەختىيارنى يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقى، ئۇنىڭ كامىل ئۈچۈن يۈك ترانسپورتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، بەختىيارنىڭ ئەمگەك ھەققىنى كامىلنىڭ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا پۈتۈشكەن. 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بەختىيار مەزكۇر يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يۈك توشۇۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر زەخىملەنگەن. ئىشتا زەخىملىنىش تەمىناتى مەسىلىسىدە بەختىيار بىلەن ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، بەختىيار ئەمگەك تالاش-تارتىش كېسىم كومىتېتىغا ئەرز قىلىپ، ئۆزى بىلەن ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 

بۇ مەسىلىگە قارىتا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابى قانداق؟ بۇ خىل دېلونى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ئەگەر بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابى: 
ئالدى بىلەن، يازما ئەمگەك توختامى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۈت ياكى مەۋجۈت ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتتۇر. «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، كارخانا بىلەن ئەمگەكچى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئەمگەك توختامى ئىمزالاش كېرەك.«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، «ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلىدۇ.»
 يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك:
بىرىنچىدىن، ئەمگەك مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمگەك توختامى بىرلا ۋاقىتتا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. يەنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئەمگەك توختامى ئىمزالايدۇ، بۇ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ؛
ئىككىنچىدىن، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئەمگەك توختامىدىن ئىلگىرى بولىدۇ. يەنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئەمگەكچى بىلەن دەرھال ئەمگەك توختامى تۈزمەي، ئادەم ئىشلەتكەن بىر ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەمگەك توختامى تۈزگەن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلماستىن، بەلكى ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلغان بولىدۇ؛#p#分页标题#e#
ئۈچىنچىدىن، ئەمگەك توختامى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىشتىن ئىلگىرى بولىدۇ. يەنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چۈنكى ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامىغا ئاساسەن ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا باشلىمىغان بولغاچقا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلغان بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا، ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلىرىنى چىقىرىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا بولىدۇ. «ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا دائىر ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بېكىتكەن ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ: (1) مائاش بەرگەنلىك ئىسپاتى ياكى خاتىرىسى؛ (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە تارقىتىپ بەرگەن خىزمەت گۇۋاھنامىسى، مۇلازىمەت كىنىشكىسى قاتارلىق سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامىلەر؛ (3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم قوبۇل قىلغاندا ئەمگەكچىلەر تولدۇرغان تىزىملاش جەدۋىلى، تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلى قاتارلىق قوبۇل قىلىش خاتىرىسى؛ (4) يوقلىما خاتىرىسى؛ (5) باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە (1)، (3)، (4) تۈردىكى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.» 

ئۇنداقتا، يۇقىرىكى دېلونىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسىمى قانداق بولغان؟ قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
 بۇ دېلودا، ئەرز قىلغۇچى بەختىيار بىلەن ئەرز قىلىنغۇچى ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك توختامى تۈزۈلمىگەن، لېكىن كامىل ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى يۈك ئاپتوموبىلنى ئەرز قىلىنغۇچى ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتىگە نامغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئەرز قىلىنغۇچى ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتى قانۇنىي مۇناسىۋەت جەھەتتە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ. كامىل شەخس بولۇپ، ئۇ ئەمگەك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئىبارەت سۇبيېكتلىق سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان. ئەرز قىلىنغۇچى ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتى مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيەتكە ئىگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندۇر، كامىل ئەرز قىلىنغۇچى ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتىنىڭ نامىدا ئاپتوموبىل يۈك ترانسپورت تىجارىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتوموبىل يۈك ترانسپورت كەسپى ئۈچۈن ئەرز قىلغۇچى بەختىيارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش ھەرىكىتى ئەرز قىلىنغۇچى ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتىنىڭ تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش ھەرىكىتى، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بەختىيارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئورۇن دەل ئەرز قىلىنغۇچى ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىيەتتىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولىدۇ. بەختىيار گەرچە ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت گۇۋاھنامىسى، تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلى، يوقلىما خاتىرىسى قاتارلىق ئىسپاتلار ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا بولىدۇ. #p#分页标题#e#
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى