كەينى-كەينىدىن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنىڭ قېتىم سانى، قاچاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
كەينى-كەينىدىن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنىڭ قېتىم سانى، قاچاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؟
جاۋاب: ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزسە، يەنە كېلىپ ئەمگەكچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسى ۋە 40-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن بولسا، يەنە توختام تۈزگەندە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مۇقىم مۇددىتى يوق ئەمگەك توختامى تۈزسە بولىدۇ.
بۇ يەردە دېيىلگەن «كەينى-كەينىدىن مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەن قېتىم سانى» ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئەمگەك توختام قانۇنى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئىككى تەرەپ ئاللىبۇرۇن نەچچە قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
شۇ سەۋەبتىن، ئەمگەك توختام قانۇنى ئالايىتەن كەينى-كەينىدىن مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشنىڭ قېتىم سانى يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قايتا تۈزگەن مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ دەپ بېكىتكەن.