ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىش ئىستېمالغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ

ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىش ئىستېمالغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ

ۋاقتى: 2016-08-24 ئاۋاتلىقى: 858 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچى ۋە ئىستېمالچىلار چوقۇم زىچ ماسلىشىپ، ئۆز-ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە سەل قارايدىغان، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك. مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، چوقۇم ۋاقىتىدا تەرتىپكە سېلىپ، تېزدىن ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئىقتىساد تەرەققىياتىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.
خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە فوند تەشكىلاتى(IMF)نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق تۇنجى ۋەكىلى لى يىخېڭ (李一衡) مۇھاكىمە دوكلاتنى ئېلان قىلدى، جۇڭگودا ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىش ئېغىر بولۇپ، ھالبۇكى يۇقىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان زور بېسىمنى كەڭ ئامما زىممىسىگە ئېلىپ كەلگەن، گەرچە كىرىزىس پەيدا قىلمىسىمۇ، لېكىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يوشۇرۇن ئاپەتكە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
جۇڭگو ئەزەلدىن دۇنيانىڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا يوشۇرۇن كۈچى ئاجايىپ زور. بۇنىڭ سەۋەبى پەقەتلا نوپۇسى دۇنيادا ئەڭ كۆپ بولۇپ قالماستىن يەنە، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ناھايىتى زور بولغان ماددى تېرەك بولغان. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى ئانچە روشەن بولمىغان، شۇنداقلا پەرەز قىلغاندەك ئۇنداق ياخشى ئەمەس، بازار ناھايىتى زور، لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رولى يوق. ئەكسىچە، خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاشتىن كېيىن، ئىستېمال ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى بولسا ئەڭ ئاجىز ھالقىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. دەل مۇشۇ سەۋەبدىن ئىستېمال بازىرى ھوشسىز ھالەتتە بولۇپ، ئىستېمال بوشلۇقى ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئېلىپ كېلەلمىگەن، مۇشۇ نۇقتا بىۋاستە بازارنىڭ سىغىمچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىش قەدىمىگە تەسىر يەتكۈزگەن.
#p#
ئىستېمال بازىرىنىڭ ھوشسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ سېلىش ئىستېمالىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن زور بېسىم پەيدا قىلىپ، ئىستېمالنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەكشۈرۈش دوكلات مۇھاكىمە سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ھازىرقى مەبلەغ سېلىش نىسبىتى GDP (دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى) نىڭ %50 گە يېقىنلاشقان، بۇ ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن 10~20 پىرسەنت پوئېنتى ئېشىپ كەتكەن. ئەكسىچە، ئىستېمال بولسا 2000-يىلدىكى %62.3 تىن 2011-يىلى %49.1 بولۇپ چۈشۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە، ئاھالە ئىستېمال نىسبىتى %46.4 تىن %35.4 كە چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ يېقىنقى مەزگىلىدىكى ئىقتىساد ئەمەلىي ئەھۋالىدا، ئىستېمالنىڭ زادى قانداق رول ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئىستېمال بازىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قانچىلىك قىممەت ياراتقانلىقىغا قىلچە گۇمانلىنىش كەتمەيدۇ.
ئىسلاھات ئىشكىنى ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى، پۇقرالاردا پۇل يوق، ئىستېمال قىلىشنى ئويلىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا ئىقتىدارى يوق، ھالبۇكى ئىستېمال نىسبىتى %60 تىن ئاشقان. ھازىر، پۇقرالارنىڭ يانچۇقى پۇلغا تولۇپ، ئىستېمال ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاشقاندا بولسا، ئىستېمال نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. بولۇپمۇ ئاھالە ئىستېمالى ئاللىبۇرۇن ئىستېمال بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ بوغما ھالەتكە ۋە ئەڭ قىسقا تاختىغا ئايلانغان. راستىنى ئېيتقاندا، كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ئارزۇسى يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك، پەقەت ئىستېمال پسىخىك مۆلچەرى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئىستېمالغا بولغان ئىشەنچى يېتەرلىك بولمىغان. سەۋەبى بۇنداق بولمىغاندىمۇ، ئىستېمالنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان ئامىل ناھايىتى كۆپ، ھالبۇكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىل بولسا بارغانسېرى ئازىيىپ بارغان. ئۇنىڭ ئىچىدە، ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىشتىن كېلىپ چىققان بېسىم بەك ئارتىپ كەتكەن، شۇنداقلا ھەر خىل كاپتالسىز مەبلەغنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان مەبلىغى، چوڭ كارخانىنىڭ كىچىك كارخانىغا بولغان مەبلەغ بېسىمى بەكلا ئېغىر بولۇپ، ئاخىرىدا ئەمەلىي ئىستېمال ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئىستېمال بازىرىدا تارقىلىپ، ھازىرقى ئىستېمال ھوشسىز ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئومۇمەن دېگۈدەك «مەبلەغ سېلىش ئېچىرقاش كېسىلى»، «مەبلەغ سېلىش مەجنۇنلۇق كېسىلى»، «مەبلەغ سېلىش تايىنىۋېلىش كېسىلى» قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە «يەر ھۆكۈمىتى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشقا يەنە ئەسلىدە ئاممىۋىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئاممىۋىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلەتسە بولىدىغان مەبلەغنى شەھەر قۇرۇلۇشى، نەتىجە قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، جەمئىيەت بايلىق ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە، 150 مىليوندىن ئارتۇق قەرز بولۇپ، ئولتۇراق ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇلار قانداق قىلىپ ئىستېمالىنى جانلاندۇرالايدۇ، ئىستېمال بازىرىنىڭ يەنە جانلىنىشىدا ئۈمىد بارمۇ؟
#p#
بەزىلەر يەنە مۇنداق دېيىشى مۇمكىن، ئەگەر مەبلەغ سېلىش ئاشمىسا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد يۈرگۈزۈشى تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالدا قېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ ناچار بولمامدۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان بىر ھەقىقەت، بۇنىڭ يەنە يېتەرلىك بولغان سەۋەب ئاساسىمۇ بار. بىراق، %20 تىن ئارتۇق بولغان مەبلەغ ئاشۇرما نىسبىتى، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى ئېلىپ كېلەلمىسە، ئىقتىساد يۈرگۈزۈلۈشىنى ياخشىلىنىشقا ئېلىپ بارالمىسا، بۇ يەنە نېمە ئۈچۈن؟ بىلىشىمىز كېرەككى، ئىلگىرى، گەرچە مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ ئېشىش نىسبىتى يەنىلا %20 ئەتراپىدا بولسىمۇ، كۆپ يىللاردا يەنىلا %20 دىن تۆۋەن بولغان، لېكىن ئىقتىساد ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل %10 تىن يۇقىرى بولغان. ھەمدە، پەقەت مەبلەغ سېلىش نىسبىتى %20 تىن ئېشىپ كەتسىلا مەبلەغ زىيادە قىزىش دەپ ئاتىلىپ، ۋاقتىدا تەڭشەشكە ئېھتىياجلىق بولغان. مانا بۇ مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ قايسى دەرىجىگە چۈشۈپ قالغىنىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى سانلىق مەلۇماتقا قارىساق ئېنىق كۆرەلەيمىز، ئىزچىل داۋاملاشقان ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىش، ئىستېمالغا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلغاندىن باشقا يەنە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىزچىل تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىساد كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. بولۇپمۇ خەلقئارالىق ئىقتىساد كرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ مەبلەغ ئېشىش نىسبىتى %20 نى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بىر يىللىق ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىغا قارساق، مەبلەغ سېلىش ئېشىش نىسبىتى %20 تىن ئاشقان، لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى بولسا مۆلچەرلىگەن %8 لىك ئېشىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، پەقەت %7.7 بولغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى ئاجىزلاپ بارغان. بۇنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بار دېسەكمۇ، ھەرگىزمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش رولى يوق. ئەگەر مۇشۇ ئەھۋال ئاستىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان بولسا ئىدى بىزمۇ بۇنى قوبۇل قىلاتتۇق، لېكىن نېمە ئۈچۈن روشەن بولمايدۇ، ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ؟ بۇنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى، ئىناۋەتسىز مەبلەغ سېلىش بەكلا كۆپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈنۈمى ناچار بولسا، مەبلەغنىڭ ئىجابىي رولى ۋە ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ.
ئىستېمال ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ بېسىمىغا ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ئەستايىدىللىق بىلەن قانداق قىلىپ مەبلەغ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ھەددىدىن زىيادە مەبلەغنى توختىتىش، مەبلەغ ۋە ئىستېمال ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش، ھەدىدىن زىيادە مەبلەغنىڭ ئاھالىگە بەرگەن بېسىمىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئويلاشمىغاندا، ئەكسىچە باشقا ئىستېمالىنى غىدىقلاش چارىسى ئارقىلىق ئىستېمالغا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، بۇ باش-ئايىغىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ قويغانلىق بولامدۇ قانداق؟ بۇ خىل چارىنىڭ ئىستېمالغا مەلۇم غىدىقلاش رولى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنە قانداق قىلىپ داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىستېمالغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىغا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىغا چوقۇم توغرا قاراپ، ئۈنۈملۈك چارىنى قوللىنىپ، مەبلەغ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، مەبلەغ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەنە ھەدىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىش يولىغا مېڭىشتىن ساقلىنىپ، ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، مەبلەغنى ياخشىلاش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى