ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار؟
ۋاقتى: 2016-06-24
ئاۋاتلىقى: 461 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسلىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 6 جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
1.ئەمگەكچىنىڭ قانۇن بويىچە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشىگە ۋە ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىشىغا ياردەم ۋە يېتەكچىلىك قىلىش. 2.ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن يەككە تەرەپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئىشتىن بۇرۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 3.ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانا خىزمەتچىلىرىگە ۋاكالەتەن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن كوللېكتىپ توختام تۈزىدۇ. 4.ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن كوللېكتىپ توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 5.ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ. 6.ئەمگەكچى كېسىل قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا، ئەرز قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.