ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە قانداق تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىگەندە خىزمەتچى بىلەن مۇلازىمەت مۇددىتى شەرتى ئىمزالىيالايدۇ؟

ئىدارە قانداق تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىگەندە خىزمەتچى بىلەن مۇلازىمەت مۇددىتى شەرتى ئىمزالىيالايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-19 ئاۋاتلىقى: 505 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە قانداق تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىگەندە خىزمەتچى بىلەن مۇلازىمەت مۇددىتى شەرتى ئىمزالىيالايدۇ؟

 

جاۋاب: بىر ئەمگەكچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، مۇلازىمەت مۇددىتى بېكىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان تەربىيەلەشنىڭ قاتتىق شەرتى بار.

 

1.ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مەخسۇس تۈر تەربىيەلەش خىراجىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇش. بۇ مەخسۇس تۈر تەربىيەلەش خىراجىتىنىڭ سوممىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشى كېرەك، زادى قانىچىلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمگەك توختام قانۇنىدا كونكرېت بەلگىلىمە يوق، كەلگۈسىدە ھەرقايسى جايلار كونكېرتلاشتۇرسا بولىدۇ.

2.ئەمگەكچىگە ئېلىپ بارغىنى كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيەلەش بولۇش. كەسپىي بىلىم ۋە كەسپىي تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن چەتئەلدىن بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، بىر تۈر كىرگۈزگەن بولسا چوقۇم مەشغۇلات قىلالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمگەكچىنى چەتئەلگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ ئىشنى قىلسا، بۇ تەربىيەلەش دەل مۇشۇ ماددىدا كۆرسىتىلگەن تەربىيەلەش بولىدۇ.

3.تەربىيەلەشنىڭ شەكلى ئىشلەپچىقىرىشتىن پۈتۈنلەي ئاجرىغان بولسا بولىدۇ، يېرىم ئاجرىغان بولسىمۇ بولىدۇ، ئاجرىمىغان بولسىمۇ بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاجرىغان بولسۇن-بولمىسۇن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن دۆلەت بەلگىلىگەن خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش خىراجىتىدىن سىرت، مەخسۇس بىرقەدەر يۇقىرى سوممىلىق پۇل خەجلەپ ئەمگەكچىگە يۆنىلىشلىك كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بارغانلا بولسا، ئەمگەكچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، مۇلازىمەت مۇددىتى بېكىتسە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى