ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىركەت قەرز چېكى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىركەت قەرز چېكى

ۋاقتى: 2016-06-09 ئاۋاتلىقى: 805 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


7. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىركەت قەرز چېكى

1.شىركەت قەرز چېكى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

شىركەت قەرز چېكى دېگىنىمىز، شىركەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپكە ئاساسەن تارقىتىدىغان مەلۇم مۇددەت ئىچىدە دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش پۈتۈشۈلگەن باھالىق ئاكسىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ.

شىركەتنىڭ قەرز چېكىگە شىركەتنىڭ نامى، قەرز چېكىنىڭ چەكتىكى سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش ۋاقتى قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق يېزىش ھەمدە مۇدىرىيەتنىڭ باش مۇدىرى ئىمزا قويۇپ، شىركەتنىڭ تامغىسىنى بېسىش كېرەك.

«شىركەت قانۇنى»نىڭ 168-ماددىسىدا: «شىركەت قەرز چېكى ئىسمى يېزىلىدىغان قەرز چېكى ۋە ئىسمى يېزىلمايدىغان قەرز چېكى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئىسمى يېزىلىدىغان قەرز چېكى دېگەندە، شىركەت قەرز چېكى ھەقدارنىڭ ئىسم- فامىلىسى ياكى نامى يېزىلىدىغان شىركەت قەرز چېكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىسمى يېزىلمايدىغان شىركەت قەرز چېكى دېگىنىمىز، شىركەت قەرز چېكىگە ھەقدارنىڭ ئىسم-فامىلىسى ياكى نامى يېزىلمايدىغان شىركەت قەرز چېكىدىن ئىبارەت.

2. شىركەت قەرز چېكىنىڭ تارقىتىلىشى

1)شىركەت قەرز چېكىنى تارقىتىشنىڭ شەرتلىرى

دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەر. دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق كارخانا ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچى باشقا سۇبيېكتلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى ۋە چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت مەبلىغى توپلاش ئۈچۈن «شىركەت قانۇنى» بويىچە شىركەت قەرز چېكى تارقاتسا بولىدۇ.


شىركەت قەرز چېكىنى تارقىتىش تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك: چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ ساپ مال-مۈلۈك سوممىسى 60 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى؛ تارقاتقان قەرز چېكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى شىركەتنىڭ ساپ مال- مۈلۈك سوممىسىنىڭ 40%دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەقسىم قىلغىلى بولىدىغان پايدا شىركەت قەرز چېكىنىڭ بىر يىللىق ئۆسۈمىنى تۆلەشكە يېتىدىغان بولۇشى؛ توپلىنىدىغان مەبلەغنى ئىشلىتىش يۆنىلىش دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ قەرز چېكىنىڭ ئۆسۈمى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئۆسۈم سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى ھەمدە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا شەرت قاتارلىقلار.

شىركەت قەرز چېكىنى تارقىتىش ئارقىلىق توپلىغان مەبلەغنى تەستىقلىغۇچى ئورۇنلار تەستىقلىغان ئىشلارغا ئىشلىتىش كېرەك. زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ياكى غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى چىقىملارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، شىركەت قەرز چېكىنى يەنە تارقىتىشقا بولمايدۇ: بىرىنچى، ئالدىنقى قېتىم تارقاتقان قەرز چېكىدە ياكى ئۇنىڭ قەرز ئىشلىرىدا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان ياكى دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەن، شۇنداقلا يەنىلا داۋاملاشتۇرۇش ھالىتىدە تۇرغانلار.

2)شىركەت قەرز چېكىنى تارقتىشنىڭ تەرتىپى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى شىركەت قەرز چېكى تارقاتماقچى بولسا، مۇدىرىيەت لايىھە تۈزىدۇ. پايچىلار ئۇيۇشمىسى قارار چىقىرىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەر شىركەت قەرز چېكى تارقاتماقچى بولسا، ئۇنىڭغا دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتلار ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماقلار قارار قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى قارار ياكى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغاندىن كېيىن، شىركەت گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىشى كېرەك. شىركەت قەرز چېكى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ بېرىشكە سۇنغاندا، تۆۋەندىكى: شىركەتنى تىزىملاش ئىسپاتى؛ شىركەتنىڭ نىزامنامىسى؛ شىركەت قەرز چېكىنى توپلاش چارىسى؛ مال- مۈلۈكلەرنى مۆلچەرلەش دوكلاتى ۋە مەبلەغنى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يوللاش كېرەك.


شىركەت قەرز چېكىنىڭ تارقىتىلىش كۆلىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقى شىركەت قەرز چېكىنى تارقىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندا گوۋۇيۈەن بېكىتكەن كۆلەمدىن ئاشۇرۋېتىشكە بولمايدۇ. كېلىدىغان شىركەت قەرز چېكىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسلارنى تەستىقلىمايدۇ. تەستىقلىتىپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەن جايلار بايقالسا، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. شىركەت قەرز چېكىنى تارقىتىپ بولغان بولسا، تارقاتقان شىركەت قەرز چېكىنى سېتىۋالغۇچىلارغا تاپشۇرغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەمدە بانكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە ئۇلارغا ئۆسۈم بېرىش كېرەك.
شىركەتنىڭ قەرز چېكىنى تارقىتىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ قەرز چېكىنى توپلاش چارىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك. شىركەت قەرز چېكىنى توپلاش چارىسىدە: شىركەتنىڭ نامى؛ قەرز چېكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ۋە قەرز چېكىنىڭ چەكتىكى سوممىسى؛ قەرز چېكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى؛ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتى ۋە شەكلى؛ قەرز چېكىنىڭ تارقىتىلىش ۋە توختاش؛ شىركەتنىڭ ساپ مال-مۈلۈك سوممىسى؛ تارقىتىلىپ بولغان بولسىمۇ، تارقىتىلىپ بولغان، لېكىن تېخى قەرەلى توشمىغان شىركەت قەرز چېكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى؛ شىركەت قەرز چېكىنى ھۆددىگە ئېلىپ ساتقۇچى ئاپپارات قاتارلىقلارغا ئائىت مۇھىم ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

3)شىركەت قەرز چېكىنىڭ كۆتىكىنىڭ تەييارلىنىشى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى

شىركەتلەر شىركەت قەرز چېكى تارقاتقاندا، شىركەت قەرز چېكىنىڭ كۆتىكىنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك.

ئىسمى يېزىلىدىغان قەرز چېكىنى تارقاتقانلار شىركەت قەرز چېكىنىڭ كۆتىكىگە تۆۋەندىكى ئىشلارنى يېزىپ قويۇش كېرەك: بۇلار قەرز چېكىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى؛ قەرز چېكىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ قەرز چېكىنى قولغا ئالغان ۋاقتى ۋە قەرز چېكىنىڭ نومۇرى؛ قەرز چېكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، قەرز چېكىنىڭ چەكتىكى سوممىسى، قەرز چېكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى، قەرز چېكىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتى ۋە شەكلى؛ قەرز چېكى تارقىتلغان ۋاقىت قاتارلىقلار.
ئىسمى يېزىلمايدىغان شىركەت قەرز چېكى تارقىتىدىغانلار شىركەت قەرز چېكىنىڭ كۆتىكىگە قەرز چېكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇلۇش مۇددىتى ۋە شەكلى، تارقىتىلغان ۋاقتى ۋە قەرز چېكىنىڭ نومۇرىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.


3. شىركەت قەرز چېكىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى

شىركەت قەرز چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ، شىركەت قەرز چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش چوقۇم قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاكسىيە سودىسى ئورنىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
شىركەت قەرز چېكىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئۆزئارا پۈتۈشىدۇ.

ئىسمى يېزىلىدىغان قەرز چېكىنى ئۇنىڭ ئىگىسى قەرز چېكىگە ئىمزا قويۇش شەكلى ياكى قانۇن ۋە  مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. ئىسمى يېزىلىدىغان قەرز چېكىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، شىركەت بۇ قەرز چېكىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنىنى شىركەت قەرز چېكىنىڭ كۆتىكىگە يېزىپ قويىدۇ.

ئىسمى يېزىلمىغان قەرز چېكىنى قەرز چېكىنىڭ ئىگىسى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە سودا ئورۇنلىرىدا ئالغۇچىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىك كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى