ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتىنى تۈزۈش پىرىنسىپى

كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتىنى تۈزۈش پىرىنسىپى

ۋاقتى: 2016-06-16 ئاۋاتلىقى: 864 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

(1) كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشنىڭ مەزمۇنى
كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇش يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 4 ئاي ئىچىدە (ھازىر ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بولۇشقا ئۆزگەرتىلدى)، باج قانۇنى، قانۇن-نىزامى، قائىدىسى ۋە باشقا كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلۈكىدىن يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ، ئايلىق ۋە پەسىللىك تاپاۋەت باج سوممىسىنى ئالدىن تاپشۇرۇشقا ئاساسەن، مۇشۇ يىللىق تولۇقلاشقا ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى بېكىتىپ، ھەمدە يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، مەسئۇل باج ئورگىنىغا يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىپ، باج ئورگىنىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى پۇلىنى ھېسابلاپ چىقىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھېساب تەكشۈرۈپ باج ئېلىشنى يولغا قويغان كارخانا (A تۈر) ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، نورما بويىچە يىغىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرغۇچى (B تۈر)، ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرمايدۇ. A تۈردىكى كارخانا ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرغاندا بىر قانچە تەرەپتىن ئويلىشىدۇ: 
1) كىرىم: كارخانا كىرىمىنىڭ ھېسابقا كىرگۈزۈلگەن-كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ مۇئامىلە پۇللىرى تۈرىدىكى كىرىم دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئەمما ھېسابقا كىرگۈزۈلمىگەنلىك ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلىقى؛
2) تەننەرخ: ھېسابقا يۆتكەلگەن كارخانا تەننەرخى بىلەن كىرىمنىڭ ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى، كارخانىنىڭ تەننەرخ سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن-ئەتتۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش؛1
3) خىراجەت: كارخانا خىراجەت چىقىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باج قانۇنى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى، خىراجەت تۈرى بىلەن باجدىن بۇرۇنقى ھېسابلاپ چىققان چىقىم تۈرىنىڭ باج قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش؛
4) باج : كارخانا ھەر تۈرلۈك باج پۇلىنى ئېلىش ۋە تاپشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان-ئاشۇرمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش؛
5) تەڭشەش: يۇقىرىقى تۈرلەرنى باج قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاشۇرۇپ ياكى كېمەيتكەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە شۇ كارخانىنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلاپ، شۇ ئارقىلىق شۇ يىللىق ئەمەلىي تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاش؛
6) زىياننى تولۇقلاش: كارخانىنىڭ شۇ يىللىق ئەمەلگە ئاشۇرغان پايدىسى بىلەن بۇرۇنقى يىللىق يۈز بەرگەن قانۇنلۇق زىياننى تولدۇرۇش (5 يىل ئىچىدىكى)؛
7) تاپاۋەت بېجى: كارخانىنىڭ تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى ھېسابلاش. 
@p#
ئالاھىدە دىققەت: تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشتا دېيىلگەن باج تاپشۇرۇشنى تەرتىپكە سېلىش، جەدۋەلنى تەڭشەپ ھېساباتنى تەڭشىمەسلىك، بوغالتىرلىق جەھەتتە كەسىپ بىجىرمەسلىك، پەقەت مەلۇمات جەدۋىلىنى تەڭشەش، تەسىر قىلىدىغىنىمۇ پەقەت تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسى بولۇپ، كارخانىنىڭ باجدىن بۇرۇنقى پايدىسىغا تەسىر قىلمايدۇ. 
 
(2) ئوبيېكتى ۋە شەكلى
تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى بولسا دۆلەت باج  ئىدارىسى كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرغۇچىلاردىن باج يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. كارخانا ئۆز خاھىشى بويىچە ۋاستىچىلىك ئورگىنىنىڭ باج مەلۇم قىلىشىغا ۋاكالىتەن ھاۋالە قىلىپ، ھېساباتنى تاپشۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ۋاستىچىلىك ئورگىنى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تەرتىپكە سېلىنغان باج تۈرى، سەۋەبى، ئاساسى، ھېسابلاش جەريانى، سوممىنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتنى تاپشۇرۇشى لازىم.
كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ ئىككى خىل باج ئېلىش ئۇسۇلى بار: بىرىنچىسى ھېساب تەكشۈرۈپ باج ئېلىش، يەنە بىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىش. 
 
(3) تەرتىپ ۋە ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن كارخانا تولدۇرغان يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلى ۋە قوشۇمچە جەدۋەلنى، كارخانىنىڭ پايدا جەدۋىلى، ئومۇمىي ھېساباتى، تەپسىلىي ھىساباتى قاتارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھېساباتنى، ھېسابات جەدۋىلىنى تەكشۈرۈش؛ 
ئاندىن كارخانىنىڭ باج مەلۇم قىلىش باش جەدۋىلىدىكى «باج ئىشلىرىنى تەڭشەش مەلۇمات جەدۋىلى»گە قارىتا ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەمدە چېتىشلىق بولغان بوغالتىرلىق ھېساب تۈرىگە بىرمۇ-بىر ھېسابلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش؛
ئەڭ ئاخىرىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باج قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى تاپشۇرۇش كىرەك، دوكلات پىكىرى ئۆز پىكىرىنى ساقلىمىغان ۋىزا دوكلاتى، ئۆز پىكىرىنى ساقلىغان ۋىزا دوكلاتى، پىكىرىنى ئىنكار قىلغان ۋىزا دوكلاتى ۋە پىكىرىنى ئىپادىگىلى بولمايدىغان ۋىزا دوكلاتى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى