ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات بىلەن داڭلىق ماركىنىڭ 11 خىل پەرقى

مەھسۇلات بىلەن داڭلىق ماركىنىڭ 11 خىل پەرقى

ۋاقتى: 2016-10-26 ئاۋاتلىقى: 425 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىستېمالچىلار 35 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ سېتىۋالغىنى ھەرگىزمۇ بىر ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى بولغان، تەۋرىنىشنى يەڭگىللىتىشچانلىق، چىرايلىق گۈللەر بولغان يۈگۈرەش ئايىغى ئەمەس. ئىستېمالچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە سېتىۋالىدىغىنى بىر خىل مەڭگۈ مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغان ھەرىكەت روھى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى چولپان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان تەشنالىقتۇر. مانا بۇ NIKE نىڭ باشقا داڭلىق ماركىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىدۇر.
----NIKE نىڭ ئىجرائىيە باش لىدىرى
 
ئاشۇ Starbucks يەنى (星巴克) نىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۈچرەتتە تۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۈچرەت ساقلاپ ئېرىشمەكچى بولغىنى ھەرگىزمۇ بىر ئىستاكان قەھۋە ئەمەس. بەلكى قەھۋە ۋە ئۇنىڭ ئۇرالمىسىدىن سىرت دۇكاننىڭ ئىچكى مۇھىتى، باشقا خېرىدارلار، دۇكان ئورنى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللاردىن كەلگەن ھېسسىيات جەھەتتىكى ھوزۇرلىنىش ۋە قانائەتلىنىشتۇر.
------Starbucks نىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى
 
مەھسۇلات زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان نەرسە، داڭلىق ماركا بولسا ئىستېمالچىلار سېتىۋالىدىغان نەرسە. مەھسۇلات رىقابەتچى تەرىپىدىن ئوخشىتىلىپ ياسىلىدۇ. ئەمما داڭلىق ماركىنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. مەھسۇلات تېزلا سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازانغان داڭلىق ماركا مەڭگۈ سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ. داڭلىق ماركا قىممىتى ئۇزۇن مۇددەت كارخانىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
--------ھازىرقى زامان كارخانىچىلىقى
 
1. مەھسۇلات ماددىي، شەكىللىك، يەككە بولىدۇ؛ داڭلىق ماركا مەنىۋىي، شەكىلسىز، ئۇنىۋېرسال بولىدۇ.
2. مەھسۇلات تولىمۇ ئۆلۈك، جانسىز بولىدۇ؛ داڭلىق ماركا جانلىق، ھېسسىياتقا باي بولىدۇ.
3. مەھسۇلات ئىقتىدارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ؛ داڭلىق ماركا سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە، مەلۇم ئىقتىدار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
4. مەھسۇلات ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىچىسى، پەقەت ماددا بىلەن ماددىنى ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ داڭلىق ماركا ئالاقە قورالى، داڭلىق ماركا ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
5. مەھسۇلات كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باھا؛ داڭلىق ماركىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى قىممەت.
6. مەھسۇلات كارخانىنىڭ زاۋۇتىغا تايىنىدۇ؛ داڭلىق ماركا قوللىغۇچى ئاممىنىڭ نىيىتىگە تايىنىدۇ.
7. مەھسۇلاتنى ئاسانلا ئوخشىتىپ ياساپ چىققىلى بولىدۇ؛ ئەمما داڭلىق ماركىنى ئاسانلىقچە ئوخشىتىپ چىققىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ تەڭداشسىزدۇر.
8. مەھسۇلاتنىڭ ئامىلى خام ماتېرىيال، ھۆنەر-سەنئەت، سۈپەت قاتارلىقلاردۇر؛ ماركىنىڭ ئامىلى بېكىتىش (ئورۇن)، ئۆزگىچىلىك، ئوبراز قاتارلىقلاردۇر.
9. مەھسۇلاتنىڭ مەلۇم ھاياتلىق دەۋرى بولىدۇ؛ ئەمما داڭلىق ماركىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇزۇنغىچە تەسىرىنى يوقاتمايدۇ.
10. مەھسۇلاتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، مەلۇم بىر تىپقا تەۋە؛ ماركىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، مەلۇم بىر تىپ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. 
11. مەھسۇلات شەكىللىك بايلىق بولۇپ، ئاسانلىقچە جۇغلىغىلى ۋە قەۋەتلىگىلى بولمايدۇ؛ داڭلىق ماركا شەكىلسىز بايلىق بولۇپ، ئۈزلۈكسىز جۇغلىغىلى ۋە قەۋەتلىگىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى