ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دۇنيا خاراكتېرلىق نەتىجىسى

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دۇنيا خاراكتېرلىق نەتىجىسى

ۋاقتى: 2016-06-02 ئاۋاتلىقى: 614 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىلى دۇنيادىكى «مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى! ئالىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرىستىتى خەۋىرى:
«دەۋر» ژۇرنىلى يېقىندا 2013-يىللىق «10 چوڭ بۆسۈش»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) تەتىقات مەركىزى غول ھۆجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق «مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.  دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۆجەيرىسىنى «تەن ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش» تېخنىكىسى بىلەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئۇنى مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشتۈردى.



بۇ بايقاش ئىنسانلاردىكى پاركىنسون كېسەللىكى (Parkinson’s disease)، كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇلۇن زەخمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
http://www.ohsu.edu/blogs/researchnews/2013/12/05/dr-mitalipovs-stem-cell-discovery-named-a-top-10-medical-breakthrough-of-2013

«دەۋر» ژۇرنىلى 2013-يىلى «مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش»نىڭ ئىچىدىكى 4-سى:
17-يىل ۋە بىر كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ئىلىم-پەندىكى زور ئالدامچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىملار ئاخىرى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى «دولىي» ئىسىملىك كلون قوينى يېتىشتۈرگەندە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى مانا ئەمدى ئىنسانلاردا رىئاللىققا ئايلاندۇردى. ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 1996-يىلى كلون قوي دولىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىشلىتىلگەن «يادرو كۆچۈرۈش» دەپ ئاتىلدىغان تېخنىكىنى ئىنسان تېرە ھۆجەيرىسىدە سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئىلگىرى كورىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دەپ ئېلان قىلىنغان بۇ تېخنىكا ئەمەليەتتە «يادرو كۆچۈرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى «تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللانغان يالغانچىلىق بولۇپ چىققان ئىدى. 

لېكىن، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنى كلونلاش ئەمەس. ئۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تېرە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىنى تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈپ ئاندىن ئېلېكتىرلىق ۋە خىمىيەلىك غىدىقلاش ئارقىلىق بۇ تۇخۇمنى بۆلۈندۈرۈپ بىمارغا خاس تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالغان. ھۆجەيرە ئادەم بەدىنىنى تۈزگۈچى بىرلىك بولۇپ، غول ھۆجەيرىلەرنى ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق كەلگۈسىدە قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىدىن تارتىپ يۈرەك كېسەللىكلىرى، دىئابىت كېسەللىكلىرىگىچە كەڭ دائىرىدىكى ھازىر داۋاسى يوق نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاش مەقسىىتىگە يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن. 
http://healthland.time.com/2013/12/04/health-and-society/slide/top-10-medical-breakthroughs

==============
ئامېرىكا ئالىي مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرى دوكتۇر تاشپولات روزى مۇنداق دەيدۇ: 
مۇبارەك بولسۇن! 10 يىلنىڭ ئالدىدا كورىيەلىك «ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كلونلىدىم.» دەپ تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتىدا، پۇتۈن كورىيە خەلقى بىز دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق دەپ جار سالغان ئىدى. بىراق ئۇ كورىيەلىكنىڭ ماقالىسى يالغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن توقۇپ چىقىرىلغان ماقالە ئىكەنلىكى پاش بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماقالىسى تەبىئەت ژۇرنىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ كورىيە تەرەپ ئۇنى قولغا ئالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق دۇنيادا تەس دەپ قارالغان تەتقىقاتنى بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىزدىن چىققان پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ بۇ يېڭىلىقنى جاكارلىدى. بىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى ئالىمىمىزغا ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا تەبرىكلەرنى ياغدۇرۇۋەتتى. باشقىلار ئۇنۇڭدىن سەن قايسى ئىلغار مىللەتتىن دەپ سورىۋىدى ئۇ: «مەن ئەقىللىق ئۇيغۇر مىللىتىدىن!» دەپ ئۆزىنى دۇنياغا جاكارلىدى. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەقىللىق دەپ يۈرگەن يەھۇدىيلارمۇ بۇ ساھەدە بىزنىڭ كەينىمىزدە!  شۇڭا بىزلەر ئۇنىڭدىن ئۆگىنەمدۇق بۇنىڭدىن ئۆگىنەمدۇق دەپ گاڭگىراپ يۈرمەي پەخىرلىك ئالىمىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىشىمىز، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقنى بېسىپ چۈشىدىغان قەيسەر روھىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم! ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدۇر! 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى