ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئالما»، «سامسۇڭ» دۆلىتىمىز بازىرىنى ئىگىلىدى

«ئالما»، «سامسۇڭ» دۆلىتىمىز بازىرىنى ئىگىلىدى

ۋاقتى: 2012-08-20 ئاۋاتلىقى: 513 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى تاۋىس مەككورت دۆلىتىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، «ئالما» بىلەن «سامسۇڭ»نىڭ جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مەككورت دوكلاتىدا مۇنداق دېدىلگەن: جۇڭگو بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىغا ئايلىنىپ، يەر شارى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىلىش مىقدارىنىڭ %23 ىنى ئىگىلىدى. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 1 مىليارد 10 مىليون كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىسى، 151 مىليون 970 مىڭ 3G ئابۇنىچىسى بار، كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى 100 مىليوندىن 300 ~ 250 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن.
مەككورتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، جۇڭگو بازىرىدىكى يان تېلېفون سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى 25~ 20 مىليارد دوللار ئاساسىدا بىر ھەسسە ئاشىدىكەن. «خۇاۋېي» يان تېلېفونى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىلىش قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، غەربنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىشى ياخشى بولغان. مەككورت مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار غەربتىكى ئىستېمالچىلار بىلەن ئوخشاش ماركا ۋە ئوخشاش ئىقتىدار قوغلاشغاچقا، «ئالما» بىلەن «سامسۇڭ» ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالدى. بىز بىرىنچى پەسىلدە تۆۋەن دەرىجىدىكى ساختا يان تېلېفون بازىرىنىڭ زور دەرىجىدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، لېكىن بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ «ئالما» ۋە «سامسۇڭ» غا كۆرسەتكەن تەسىرى بەكمۇ چەكلىك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى