ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى

ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 447 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى

ئىختىساسلىقلار بولسا كارخانىنىڭ بىرىنچى دەسمايىسى. "خەلقئارالىق رىقابەت، تۈپتىن ئېيتقاندا ئونىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى، مۇھىم نۇقتىسى بولسا پەن-تېخنىكا رىقابىتى، پەن-تېخنىكا رىقابىتىنىڭ ماھىيىتى بولسا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى." سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخنىكا ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ، بازار رىقابىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، كارخانىنىڭ ئىختىساسلىقلار ساپاسىغا بولغان تەلىپىمu بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بازار ئىقتىساد رىقابىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىپادىلىنىشى ئىختىساسلىقلار ئۈستىدە بولدى. يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار توپىغا كىم ئىگە بولسا، شۇ غەلىبە ئاساسىغا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بولسا كارخانا باشقۇرۇش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يادروسى.

ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ماددىي باشقۇرۇشتىن ئادەم باشقۇرۇشقا ئۆتۈش بولسا كارخانا ئىجادىي باشقۇرۇشتىكى بىر خىل يۈزلىنىش، ئادەم پەقەت باشقۇرۇش ۋاسىتىسى، شۇنداقلا باشقۇرۇشنىڭ مەزمۇنى؛ باشقۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى شۇنداقلا باشقۇرۇشنىڭ گەۋدىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇش ئىجادىيىتىدە، تېخنىكىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، باشتىن ئاخىر بىر تۈركۈم ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردىكى ياراملىق، قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. دۆلىتىمىز كارخانىلرىنىڭ ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، ساپاسى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، تۆۋەندىكىدەك چارىنى قوللىنىش كېرەك: ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك ئىلمى بولغان قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈش، شۇنداق قىلغاندا بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق، پىشىپ يېتىلگەن كارخانا قوشۇن قۇرۇلۇشى ھاسىل بولىدۇ.

كارخانا رىقابىتى يەنە بىر تەرەپتىن ئىختىساسلىقلار رىقابىتى. ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش جەھەتتە، ئاۋۋال مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، ھەرقايسى ۋەزىپە ئورۇنلىرىغا ئېنىق ئۆلچەم قويۇپ، پەقەت ئۆلچەمگە لايىق بولسىلا ھەممىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ كىرىپ، ئادىل، ھەققانىي بولغان سۇپا ھازىرلاپ، خىزمەتچىلەرگە تولۇق ھوقۇق بېرىش، شۇنداقلا ھەربىر كىشىگە باھالاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش، باھالاش كىرىم بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، مۇكاپات جازا ئېنىق ئايرىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاقىتلىق ھالدا باشقۇرغۇچىلارغا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش تەكشۈرۈشىنى يۈرگۈزۈش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى