ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەشتىكى تۆت چارە

ئىگىلىك تىكلەشتىكى تۆت چارە

ۋاقتى: 2016-03-19 ئاۋاتلىقى: 385 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىگىلىك تىكلەشتىكى تۆت چارە


ئىشنى كىچىكتىن باشلاشتىن قورقماسلىق


ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى قىيىن، ھەممە ئىشنى كىچىكتىن باشلاش كېرەك. شۇڭا ئىگىلىك تىكلەش نىيىتى بارلار ئىشنى كىچىكتىن باشلاشتىن قورقماسلىقى كېرەك.


كىچىك تىجارەتنىڭ پايدىسى ئاز بولسىمۇ، تىرىشسىلا زور ھاسىلاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.


دەسمايىسى ئاز كىشىلەر ئەڭ ئاددىي سېتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ، مەسىلەن: چوڭ شەھەرلەردىن كىيىم – كېچەك، تۈرلۈك ماللارنى توپ ئېلىپ كىچىك شەھەرلەرگە ئاپىرىپ سېتىش قاتارلىقلار.


ئەقىل ئىشلىتىش


ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ قولىدا مۇۋاپىق دەسمايە بولسا ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ.


كۈندىلىك تۇرمۇشتا لازىم بولىدىغان، لېكىن باشقىلار كەشىپ قىلىپ باقمىغان نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىش ياكى ئېھتىياجغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ ياساش قاتارلىقلار.


ئىقتىسادى ئوتتۇرا ھاللار


ئىقتىسادى ئوتتۇراھال، لېكىن تۈرنى ئۆزى يالغۇز ئايلاندۇرۇشقا يېتەرلىك دەسمايىسى يوقلار، باشقىلارنىڭ دەسمايىسى، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە بايلىق ياراتسا بولىدۇ. مەسىلەن: ھازىر نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئىجارىگە ئالسا ياكى شۇ كارخانىلارنىڭ ئەتراپىدا ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارسا بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا دەسمايە ئاز كېتىدۇ، باھاسىمۇ ئەرزان بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا خېرىدارلار ئەلۋەتتە ئەرزىنىنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ ياكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى قوشۇمچە ماتېرىيال، زاپچاس قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، سودىنى راۋاجلاندۇرسا بولىدۇ.

 
دەسمايىسى بار، لېكىن ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلار


بۇنداق كىشىلەر تۈرلەرنى ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كىرگۈزۈشى كېرەك. ئامال بار ئىستىقبالى پارلاق تۈرنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن: قۇياش ئېنېرگىيەسى، مۇھىت ئاسراش، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار، ھازىر بازارنىڭ بۇ جەھەتلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك، لېكىن، بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئاز ياكى مۇكەممەل ئەمەس. ئاۋۋال قول سالغانلار غەلىبە قىلىدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى