ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: شىركەت، شىركەت يەنە شىركەت (1)

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: شىركەت، شىركەت يەنە شىركەت (1)

ۋاقتى: 2015-10-17 ئاۋاتلىقى: 581 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىرىش سۆز
1858-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تايمىس (Thames) دەريا ساھىلىدا 95 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يېڭى قۇرلۇش قۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئىچىگە ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ سائەتنىڭ ئېغىرلىقى 15 توننا، مىنۇت سىتىرىلكىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان، دەسلەپ ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى "دەل ۋاقىت"دەك  يېڭى بىر ۋاقىت كۆز قارىشى ياراتقان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەرقايسى رايونلار سائىتىنى قۇياشنىڭ ئايلىنىشىغا قاراپ ئۆزلىرى تەڭشەيتتى، كىشىلەر قۇياش چىقسا ئىش باشلاپ، قۇياش پاتقاندا ئارام ئالاتتى، ئەمما يېڭىدىن قۇرۇلغان تۆمۈر يول شىركىتى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزگەرمەي كەلگەن تەبىئەت قانۇنىيىتىگە رىقابەت ئېلان قىلدى، چۈنكى، ئەگەر ھەربىر رايون قۇياشنىڭ ئۆز چېركاۋىغا سايە تاشلىغان ئورۇن بويىچە سائەت توغرىلىسا پويىزنىڭ يۈرۈشۈشى چوقۇم قالايمىقانلىشىدۇ، شۇڭلاشقا پويىزنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر ئاستا-ئاستا تەڭرىگە ئەگەشمەيدىغان بولدى، يەر كۆلىمى تېخىمۇ كەڭ بولغان ئامېرىكىدا ئۆلچەملىك ۋاقىتقا بولغان تەلەپ تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. 1883-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۆلچەملىك پويىز ۋاقىت جەدۋىلى بارلىققا كەلدى، بۇ كۈنى دەل چۈش بولغاندا ئامېرىكىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى سائەتنىڭ ھەممىسى قايتىدىن تەڭشەلدى، شۇنىڭدىن بۇيان تەڭرىنىڭ ۋاقتى ئىنسانلار ئارىسىدىكى كىچىككىنە يىڭنە ئارقىلىق ئۆلچىنىدىغان بولدى، بۇلارنى  ئۆزگەرتكىنى دىن، سىياسەت ۋە ياكى ئىلىم-پەننىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى شىركەت دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىل ئەلۋەتتە. شىركەت تەرىپىدىن ئۆزگەرگىنى  ھەرگىز ۋاقىتلا ئەمەس، تارىختىكى بىر قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان شىركەت كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىش تەرتىپىنى ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەت قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا، شەكىللىكتىن تارتىپ شەكىلسىزلىككىچە بولغان ھەرخىل نەتىجىلەر ئارقا-ئارقىدىن شىركەت دېگەن بۇ ئىسىمنى بەرپا قىلدى.
شىركەت دېگەن بىر تەشكىلات، بىر خىل تۈزۈم، بىر خىل مەدەنىيەت. شىركەت دېگەن بىر خىل ياشاش ئۇسۇلى ھەم بىر خىل تىرىكچىلىك يولى، ئۇ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە  ئوخشىمىغان ھالەتتە پەيدا بولۇپ، ھەرخىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە  تەرەققىيات يوللىرىنى كۈتۈۋالدى.

شىركەت، شىركەت يەنە شىركەت
بۇ بىر ئادەتتىكى شەھەر، ئادەتتىكى بىر ئەتىگەن بۇ كىشى سىز، مەن، بىز ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۆز شىركىتىمىزگە ئائىت ھېچنېمە ھېس قىلالمايمىز، چۈنكى ھەممە نەرسە ھاۋاغا ئوخشاش تەبىئىيلىشىپ كەتكەن، ئەمما ھەممىمىزگە مەلۇم ھاۋاسىز ھېچكىممۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
2009-يىلى، شىركەت دۇنيادىكى %81 دىن كۆپرەك كىشىلەرنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، پۈتۈن يەرشارىنىڭ %90 ئىقتىساد كۈچىنى  ھاسىل قىلدى، يەرشارى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %94 نى ئىگىلىدى، دۇنيادىكى 100 چوڭ ئىقتىساد گەۋدىسىنىڭ ئىچىدە 51 شىركەت، 49 دۆلەت بار، دۇنيادا 161 دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى ۋورمات (沃尔玛) شىركىتىنىڭكىگە يەتمەيدۇ، خەلقئارادىكى 10 شىركەتنىڭ سېتىش ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك 100 دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ  يىغىندىسىدىن ھالقىپ كەتكەن.
پارىژ يۇقىرى سودا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ----بوناد لامانەنچۇا (伯纳德. 拉马南楚阿): شىركەت بايلىق يارىتىدىغان ئەڭ ياخشى قاتناشقۇچىنىڭ بىرى.
خارۋات ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي قوشۇمچە مۇدىرى----جون كۇيىچ (约翰. 奎奇): شىركەت يەنە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىمۇ ناھايىتى مۇھىم تۈرتكۈچ رول ئوينايدۇ.
ياپونىيە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ---داچىيەن يەنيى (大前研一): ياللىنىپ ئىشلەش ئارقىلىق بىز تۇرمۇش خېراجىتىگە ئېرىشىمىز، نەتىجە قازىنىمىز، ئائىلىمىزنى باقىمىز، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى شىركەتتىن كېلىدۇ.
گېرمانىيە باشقۇرۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسى ---خېرمان سىمون (Hermann Simon): تارىختىكى نۇرغۇن مۇھىم ئىنقىلابلار دۆلەت قاتلىمىدا ئەمەس بەلكى شىركەتتە بارلىققا كەلگەن.
نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى –روبېرت مۇندەل (Robert A. Mundell) شىركەت دېگەن بىر جەريان، ھەممە دۆلەت ئۇنىڭغا موھتاج.

#p#
دۇنيادا ھەر كۈنى ئوخشىمىغان شىركەتلەر قۇرۇلۇپ ۋە تاقىلىپ تۇرىدۇ، ھەر كۈنى ئوخشىمىغان شىركەتلەرنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش ھېكايىلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشى ئاللىقاچان سىر ئەمەس.
ئەنگلىيە ۋېرس شىركەت تىزىملاش ئورنى (英国威尔士公司注册处)
ئەنگىلىيە شىركەت تىزىملاش ئورنى  كارخانا ئىستراتېگىيە يېتەكچىسى---دىم موس (蒂姆. 莫斯): ھەر يىلى قۇرۇلىدىغان يېڭى شىركەتنىڭ سانى 350 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئەنگىلىيە تىزىملىتىدىغان شىركەت چەكلىمىسى ناھايىتى ئاز، پايچېك سوممىسى تۆۋەنلىكىدىن چەتتا 1 فوند ستېرلىڭغىچە چۈشىدۇ، دېگۈدەك ھەممە ئادەم شىركەت قۇرسا بولىۋېرىدۇ.
كەلگىسىشۇناس---جون كۇيىس (约翰. 奎斯): ئامېرىكىدا شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىنتايىن ئاسان، ھېچقانداق پۇل كەتمەيدۇ، بىر كۈن ئىچىدىلا شىركەت قۇرغىلى بولىدۇ، سىز پەقەت مەن شىركەت قۇرماقچى، مانا بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى دېسىڭىزلا بولىدۇ.

ئامېرىكا تېلاخۇا شىتاتى شىركەت تىزىملىتىش ئورنى (美国特拉华州公司注册处)
بىز مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن ھۇزۇرلانغان چىغىمىزدا، خىزمەت ئىزدىگەن ۋە ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان چىغىمىزدا، خوجايىندىن خاپا بولغان ۋە خىزمەتداشلار بىلەن رىقابەتلەشكەن ۋاقىتتا شىركەت دەل بىزنىڭ يىنىمىزدا.
 NBA بولسا بىر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، شۇنداقلا بىر شىركەت، ھەر بىر مۇكەممەل مۇسابىقە توختام ۋە پۇلغا ئايلىنىدۇ، شىركەت بىر ئادەمنى، ھەتتا بىر مۇشتۇمنى، بىر پۇتنى ئوراپ باھاسى ئېنىق يېزىلغان تاۋارغا ئايلىنىدۇ.
بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياڭراق سادا، شۇنداقلا مالىيە جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان سودا، شىركەت مېتافىزىكىلىق سەنئەتنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، ئەڭ ئېسىل روھى ھوزۇرلىنىشنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ مەلۇم بىر سانغا ئايلاندۇرىدۇ.
بۇ بىر قېتىملىق دۆلەت زىيارىتى، بۇ يەنە بىر قېتىملىق سودا سۆھبىتى، زۇڭتۇڭنىڭ ئارقىسىدىكى داڭلىق شەخس چوڭ گېنرال ئەمەس بەلكى چوڭ خوجايىن، ھازىرقى زامان تۈزۈلۈش شەكلىگە تەسىر كۆرسەتكىنى يالغۇز سىياسى (考量)دىن باشقا يەنە شىركەت تالونىمۇ بار.
بۇ بىر مەيدان ھازىرقى زامان ئۇرۇشى، كۆرگىلى بولىدىغىنى تۈتۈن ۋە ئۇرۇش ئوتى، كۆرگىلى بولمايدىغىنى ئەشيا ئوبورتى ۋە ئۇچۇر كاپالىتى تەمىنلەيدىغان شىركەت. ئارمىيەنىڭ ئۈنۈمى سىرتتىن، مەجبۇرلاشتىن كېلىدۇ، شىركەتنىڭ ئۈنۈمى بولسا ئىچىدىن ۋە ئاكتىپ پەيدا بولىدۇ. ئاخىرى، ئارمىيەدەك بۇنچە كۈچلۈك تەشكىلمۇ ئامالسىزلىقتىن شىركەتتىن باشقۇرۇشنى ئۆگۈنۈشكە باشلىدى ياۋروپاچە ھەربىي مەكتەپلەر ھەتتا ئەڭ ياخشى سودا ئىنىستىتۇتى دەپ باھالاندى.
ۋاشېنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى---مول ۋېدېڭباۋمۇ (默里. 韦登鲍姆): تەشكىللىك سودا پائالىيتىدىن ئايرىلساق بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيتىمىز بولمايتتى، نۇرغۇن تاۋار ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالمايتتۇق، مەيلى ئاممىۋى ئىشلار بولسۇن ياكى توك تەمىنلەش، ئۇچۇر ئالاقىلىشىش، بانكا سىستېمىسى ۋە ئاددى بىر مەھسۇلات نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان، شىركەت جانلىنىپ باققان تىنىچلىنىپمۇ باققان. ئۇ بارلىققا كېلىپ، قۇدرەت تېپىپ ھەمدە ئاستا-ئاستا جەمئىيەتنىڭ تومۇرلۇرىغا سېڭسۇن، ئاخىرى ئۆزىنى ھەممە يەردە تېپىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى، ئۇنداقتا شىركەت زادى قانداق بىر تەشكىل، ئۇ قانداق بارلىققا كەلگەن؟

داۋامى جىددىي تەھرىرلىنىۋاتىدۇ... پات ئارىدا دىققىتىڭىزگە سۇنۇلىدۇ... دىققىتىڭىز داۋاملىق ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا بولغاي!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى