ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: نادىر ئۈزۈندىلەر (1)

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: نادىر ئۈزۈندىلەر (1)

ۋاقتى: 2016-03-03 ئاۋاتلىقى: 519 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلقۇتتىن ئىلاۋە:
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ بىر كەسپىي تور بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قوشۇنىمىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، ھەمدە شىركەت دېگەننىڭ زاى قانداق بولىدىغانلىقى، شىركەتنىڭ فونكىسىيەسى، شىركەتنىڭ ئېنىقلىمىسى، شىركەتنىڭ رولى، شىركەتنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى بۇرچى قاتارلىقلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن مەخسۇس فىلىم «شىركەتنىڭ قۇردرىتى» نىڭ يېزىق ھۆججىتىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. ماتېرىيال ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ. كەڭ كارخانىچىلارنىڭ تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.
--------------------------------
بىرىنچى قىسىم: شىركەت! شىركەت!                                         
ئۆتۈپ كەتكەن بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان شىركەت ئادەملەر ئارىسىدىكى ئۇچرىشىش تەرتىپى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەت قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا، شەكىللىكتىن تارتىپ شەكىلسىزلىككىچە بولغان ھەرخىل نەتىجىلەر ئارقا-ئارقىدىن شىركەت دېگەن بۇ ئىسىمنى بەرپا قىلدى.
شىركەت دېگەن بىر تەشكىلات، بىر خىل تۈزۈم، بىر خىل مەدەنىيەت. شىركەت دېگەن بىر خىل ياشاش ئۇسۇلى ھەم بىر خىل تىرىكچىلىك يولى، ئۇ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە  ئوخشىمىغان ھالەتتە پەيدا بولۇپ، ھەرخىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە  تەرەققىيات يوللىرىنى كۈتىۋالىدۇ. 
قانۇن ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىقلاشتۇرۇش دەل ئەركىن سودا ۋە بازارنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
 
نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى روبېرت مۇندەل(Robert Alexander Mundell)نى زىيارەت
مېنىڭچە، تارىخقا نەزەر سالساق كارخانىچىلار سىياسى داھىيلارغا ئوخشاش مۇھىم. ئاشۇ ئۇلۇغ كارخانىچىلار ئىلگىرى ياۋروپانى قۇدرەت تاپقۇزغان، ئامېرىكىنى كۈچلەندۈرگەن، ھېلىھەممۇ جۇڭگونى تەرەققىي قىلغۇزىۋاتىدۇ، ئۇلار سىياسى داھىيلارغا ئوخشاش مۇھىم كىشىلەردۇر.
شىركەت دېگەن زادى نېمە؟ دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، جەمىيەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە، كىشىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىدا شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى ئەھمىيىتى نېمە؟
بارلىق سوئاللارنىڭ ئەزەلدىن بىردىنبىر ياكى ئۆزگەرمەس جاۋابى بولمايدۇ.
شىركەت بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن شىركەت ئاللىقاچان يىلتىز تارتىپ بولغانىكەن، بىز ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇ يەنىلا بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز ھەم كەلگۈسىمىز.
بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىنمۇ ئۇزۇن ھەم ياش تېمىنى ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولمايدۇ. تارىخ ۋە ھازىرنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، بىز يەنە بىر قېتىم كەلگەن يولىمىزغا ئىنتىزار بولىمىز. 
سىز قانچىلىك يىراق تارىخنى كۆرەلىسىڭىز شۇنچىلىك يىراقلىقتىكى كەلگۈسىنى كۆرەلەيسىز.
#p#
ئىككىنچى قىسىم: بازار چەكسىز
سىمىز (Adam Smith)نىڭ قارىشىچە: "ھەممە ئادەم ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ كۆرسەتكىلى بولىدىغان ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى بار بولۇشنىڭ ئۆزى بىر قۇدرەتلىك پىرىنسىپ." ئۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شۇنى كۆرسەتتى، باشقا نەرسىنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭغا ئوخشاش شەخسنىڭ تىرىشچانلىقى جەمئىيەتكە بايلىق ۋە يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىدۇ.
 
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى چىيەن چېڭدەن
سانائەت ئىنقىلابى خېلى كۆپ بىر تۈركۈم كىچىك زاۋۇت ئىگىلىرى، كارخانىچىلارنى بەرپا قىلىپ، ئۇلارنى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئىتتىرىپ ئاپارغاندا، بۇ كىشىلەر دۆلەتنىڭ مونوپولىيە سىياسىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، بەزى چوڭ سودا گۇرۇھلىرى ۋە سودا شىركەتلىرى ئىقتىسادتىكى مونوپولىيە پائالىيىتىدە ئۇلار ماڭىدىغان يولنى توسۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر چوڭ شىركەتلەرگە باغلانمىسىلا،شاللىنىپ كىتىدۇ.
 
يالى ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى پائۇل كېننېدى (Paul Kennedy)
بىز سودا قورۇقچىلىقى ئارقىلىق  داۋاملىق باشقىلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئوڭچە مونوپولىيە ئورنى بىلەن نۇرغۇن پۇل تاپالايمىز، ئەمما ئەگەر بىز ئەركىن سودىنى تاللىساق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت باشقىلارنىمۇ پۇل تاپقىلى قويغاندىلا ئاندىن ئۇلاردا بىزنىڭ ماللىرىمىزنى سېتىۋالالايدۇ.
 
ئۈچىنچى قىسىم: بايلىق تالىشىش دەۋرى
1776-يىلى، ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ ھارپا كۈنى.
20 بەتكىمۇ بارمايدىغان بىر كىچىككىنە كىتابچە تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ كىتابنىڭ ئىسمى «ئومۇمىي ساۋات»، ئاپتور توماس فەنئىن ئاددىي قەلىمى بىلەن كىشىلەرنى زوراۋانلىققا ۋە قۇلچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شىمالى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە «ئومۇمىي ساۋات»نىڭ كىشىلەردە پەيدا قىلغان تەسىرى «ئېنجىل»دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
1904-يىلى ئامېرىكا «كارخانىچىلار» ژۇرنىلى «ئومۇمىي ساۋات»نىڭ ئىچىدىكى بىر جۈملە سۆزنى تۇنجى نەشرىگە كىرىش سۆز قىلغان. ئۇنىڭدى كېيىنكى يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بۇ ژۇرنال مىسلىسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولسىمۇ باش بەتتىكى بۇ بىر جۈملە سۆز ئۆزگىرىپ باقمىدى. ئۇ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن"كارخانىچىلار قەسىمى" دەپ ئاتالدى:
 
"مەن بىر ئاددى ئادەم بولۇشنى تاللىمايمەن. ئەگەر قولۇمدىن كەلسە مېنىڭمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئادەم بولۇش ھوقوقۇم بار. مەن توختىماي پۇرسەت ئىزدەيمەن، ئەمما خاتىرجەملىك تەلەپ قىلمايمەن، دۆلەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا بىر كاپالىتى بار ئاددى پۇقرا بولۇشنى تېخىمۇ خالىمايمەن، چۈنكى ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كۆزگە ئېلىنمايدۇ، شۇنداقلا مېنىمۇ ئازابلايدۇ.
مەن بىر ئەھمىيەتلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىم كېرەك. ئارزۇ قىلىمەن، يېڭىلىق يارىتىمەن، مەغلۇپ بولىمەن، لېكىن غەلبىمۇ قازىنىمەن.
مېنىڭ خاراكتېرىم قەددىمنى رۇسلاش، مەردانىلىق بىلەن ھېچ نەرسىدىن قورۇقماسلىق. مەن قەيسەرلىك بىلەن بۇ دۇنياغا يۈزلىنىپ،  پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېيىشىم كېرەك: "ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن مەن ئاخىرى قىلالىدىم." 
تارىختىكى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بۇ پەقەت جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئۆلچىمى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان جەمئىيەت ئەخلاقى بولۇپ قالدى.
فېرانكلىن كىشىلەرگە مۇنداق دېگەنىدى: پۇل تېپىش ئاچكۆزلۈك ئەمەس، ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز، بىر خىل روھ، ئەڭ چوڭ چەكلىمىدە تۇرمۇشنى سەرخىللاشتۇرىدىغان ۋە تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغان ئەڭ ياخشى يول.
"ۋاقىت ۋە ئىشەنچ دېگەن بايلىق"تا بۈگۈنگە قەدەر فېرانكلىننىڭ بۇ سۆزى دۇنيا سەھنىسىدە نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. سىناپ كۆرۈشكە ئالدىرىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىددىيەسىنى ئازات قىلىشتىنمۇ ئارتۇق بايلىق بولسۇنمۇ!
#p#
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى سوداشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى سالونېر گارز(Saloner Garth)
مۇنۇ تەرەپلەردىن ئويلاشقاندا، كارخانىچىلار شىركەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نۇرغۇن غايە تىكلەيدىغان ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كىشىلەردۇر، كارخانىچىلارنىڭ مەقسىتى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇسۇلدا بايلىقنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش. مانا بۇ كارخانىچىلارنىڭ ئېنىقلىمىسى.
 
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېييىڭ
بازار ئىقتىسادىدا ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەندە، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، كەلگۈسىنى توغرا پەرەز قىلالايدىغان ئادەمگە مۇھتاج بولىمىز، بۇنداق خاسلىققا ئىگە كىشىلەر كارخانىچى دەپ ئاتىلىدۇ.
 
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش فاكۇلتىتىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېييىڭ
ئەگەر ئادەمدە ئەركىنلىك بولمىسا، قانۇن، مەدەنىيەت ئۇنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىنى قوللىمايدۇ، يېڭىلىق يارىتىشىنى تېخىمۇ قوللىمايدۇ، ئۇنداقتا بۇ جەمئىيەتتە ھەقىقىي كارخانىچىنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.
قەدىمكى ئافېنالىقلار ئېيتقاندەك: نامراتلىقنى ئېتراپ قىلىش نۇمۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس، ئەمما تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلماسلىق چۈشكۈنلۈك.
 ئەركىن رىقابەت جەمئيەتتىكى كۆرەش قىزغىنلىقى بار كىشىلەرنى تاللاپ چىقتى. بۇ ئىلگىرى نامراتلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئالاھىدە ھوقوق سىرتىدا ياشىغان كىشىلەر ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇلاردا ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭىلىق يارىتىش روھى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.
"ئۆزىدىن كۈچلۈك كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، ئەكسىچە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلماسلىق كېرەك."  بۇ دالى كارنىگ بىر ئۆمۈر ئىشەنگەن "ساۋات". ئۇ يەنە باشقىلارغا  ئالاھىدە بىر جۈملە سۆزنى قەبرىسىگە  يازغۇزغان : "بۇ يەردە ياتقان كىشى، ئۆزىدىن كۈچلۈك كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى."
 
ھەمكارلىق ئاقىلانىلىكنىڭ نەتىجىسى
بىر ئۆزى كۆرەش قىلىپ غەلبە قىلغان ئادەتتىكى ئادەم، باشقا ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ غەلبە قازىنىشىنى توسۇش ھوقۇقى يوق؛ بىر جەمئىيەت ئاتا قىلغان ئەركىنلىك بىلەن سەھنىگە چىققان شىركەتنىڭ، باشقا شىركەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى توسۇش ھوقۇقى يوق.
كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئەركىنلىكنى يوقاتقۇچى بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىگىمۇ زىيان سالىدۇ.
 
 جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لۇيېس گالون
ئامېرىكىنىڭ  ئاساسى جەھەتتىن تەكىتلەيدىغىنى پۇرسەتنىڭ تەڭلىكى، نەتىجىنىڭ تەڭلىكى ئەمەس. كىرىم بىلەن بايلىق ئوخشىماس بولمىسىمۇ، پۇرسەت چوقۇم ئوخشاش بولۇشى كېرەك.
ھىچقانداق بىر كارخانىچىسى بولمىغان دۆلەت نامرات دۆلەتتۇر، ھىچقانداق بىر ئۇلۇغ كارخانىچى يارىتالمىغان دەۋرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاجىزدۇر. كارخانىچىلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى بىر خىل جەمئىيەتنى يۆلەيدىغان (جەمئىيەتكە مەسئۇل بولىدىغان) كوللېكىتىپ پائالىيەتكە ئايلانغاندا، ئەمەلىيەتتە ئاچكۆزلۈكنىڭ جەمئىيەت تەڭپۇڭلۇقىنى ھاسىل قىلىدۇ.
#p#
تۆتىنچى قىسىم: ئىلگىرىلەشنىڭ ئازابى
 شىركەت ئىلگىرى شۇ زاماننىڭ ئەڭ جەسۇر غەلبىسىگە ئېرىشكەن. ئادەملەرنىڭ شىركەتكە بولغان قىزغىنلىقى  بىر قېتىملىق كوللېكىتىپ ھەج تاۋاپ قىلىشقا ئوخشاپ كېتەتتى. سانائەتنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىشى سەۋەبىدىن، دۇنيانىڭ 19-ئەسىردىكى يۈز يىللىق ئۆزگىرىشى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى 3000 مىڭ يىللىق ئۆزگىرىشتىنمۇ كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئەكسىچە، دۇنيا مۇشۇ سەۋەبلىك مەجبۇرىي ھالدا ئىلگىرىلەش بىلەن بىرگە زىددىيەت، توقۇنۇش ھەتتا ئاپەتكىمۇ دۇچ كەلدى.
ماركىس كەسكىن قىلىپ كاپتالىزمنىڭ ئاچكۆزلۈك ماھىيتىنى ئېچىپ تاشلىدى: "%10 پايدا ئۈچۈن كاپىتال ھەممە جايدا ئىشلىتىلىدۇ؛ %20 پايدا ئۈچۈن كاپىتال جاللىنىپ كېتىدۇ؛ %50 پايدا ئۈچۈن كاپىتال خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ؛ %100 پايدا ئۈچۈن كاپىتال ئىنسانىيەتتىكى ھەممە قانۇننى ئاياغ ئاستى قىلىشقا پېتىنىدۇ؛ ئەگەر %300 تىن ئارتۇق پايدا بولسا، كاپىتال ھەرقانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىنمۇ يانمايدۇ."
 
بەشىنچى قىسىم: كىرزىس دەۋرى
ئامېرىكا مالىيە مۇزېيىنىڭ ئارخىپ مەسئۇلى  لېيەننا  ئاخېتار
مالىيە دېگەن مۇنداق بىر مېخانىزم، پۇلغا مۇھتاج كىشىلەر دەسمايە سالغۇسى بار كىشىلەردىن پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ، بانكا مۇشۇنداق بىر مېخانىزم، پايچەك بازىرىمۇ شۇنداق. ۋال سترېت كوچىسى بولسا ئاساسى جەھەتتىن بىر ماتور.
 
يالى ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى ئىممانىئېل ۋاللېرستېن (Immanuel Wallerstein)
بارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى پۇل تېپىش ئۈچۈن. بۇ  شىركەتنىڭ ئەسلى گۇناھى بولۇشى مۇمكىن، ئادەملەر پەقەت ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پايدا يارىتىش ئۈچۈن سودا قىلىدۇ.
كەيئىنسېننىڭ نەزەرىيەسى ئىقتىسادتىكى بىر "ئىنقىلاب" دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى خۇددى كولومبونىڭ ئاسترونومىيەگە، ئېنىشتىيىننىڭ فىزىكىغا بولغان تەسىرىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن پەقەت بازار مۇتەخەسسىسلىرىلا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دېگەن قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتتى، شۇنىڭدىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادتا ئوينىغان رولى قايتىدىن مۆلچەرلىنىشكە باشلىدى.
"ھىچكىم ئۆزگىرىشنى دەڭسىيەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىدىلا ماڭالايدۇ." ئىقتىسادى كىرزىس بازارنىڭ قايتىدىن تىزىلىش جەريانى. ھەربىر يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە شىركەت كىرزىستىن پۇرسەت ئىزدەيدۇ.
----------------------
داۋامى بار...

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى