ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ 4 خىل تۈرى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ 4 خىل تۈرى

ۋاقتى: 2016-08-02 ئاۋاتلىقى: 735 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا ۋەزىپىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەررېنس دىل (TerrenceE.Deal) ۋە ئاللان كەننېدى (AllanKennedy) كارخانا مەدەنىيىتىنى تۆت خىل تۈرگە بۆلگەن: قابىللار مەدەنىيىتى؛ جان تىكىپ ئىشلەيدىغان، پۇخادىن چىققۇچە ئوينايدىغان مەدەنىيەت؛ توسۇقلارغا ھۇجۇم قىلىش مەدەنىيىتى؛ باسقۇچ مەدەنىيىتى.

1. قەيسەر ئادەم تۈرىدىكى مەدەنىيەت. بۇ خىل مەدەنىيەت ئىچكى قىسىمدىكى رىقابەت ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تەۋەككۈل قىلىشقا ئۈندەيدۇ. رىقابەت بىر قەدەر كۈچلۈك، مەھسۇلاتنىڭ تېز يېڭىلىنىشى بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.
2. تىرىشىپ ئىشلەش ۋە بەھرلىنىش تۈرىدىكى مەدەنىيەت. بۇ خىل مەدەنىيەت خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، خىزمەتچىلەرنى خېيىم-خەتىرى بىر قەدەر كىچىك بولغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. رىقابەت ئانچە كۈچلۈك بولماسلىق، مەھسۇلات بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇش بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.
3. دوغا تىكىش تۈرىدىكى مەدەنىيەت. بۇنىڭ ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ھەممىنى بىر يولىلا دوغا تىكىش ئالاھىدىلىكى بار. ئادەتتە سېلىنغان مەبلەغ كۆپ بولۇش، ئۈنۈم كۆرۈلۈشى ئاستا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بار.
4. باسقۇچ مەدەنىيىتى. بۇ خىل مەدەنىيەت ئاساسلىقى قانداق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ، خىزمەتنىڭ قايتۇرما ئىنكاسى بولمايدۇ، خىزمەتچىلەر ئاسانلىقچە ئۆزلىرى قىلىۋاتقان خىزمەتنى دەڭسىيەلمەيدۇ. مىخانىزملىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، قەدەممۇ قەدەم ئىشلىسىلا ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالايدۇ.
 
كارخانىنىڭ ھالىتى ۋە ئىستىلى بويىچە تۈرگە بۆلگەندە:
1. جانلىق كارخانا مەدەنىيىتى.
ئالاھىدىلىكى: تەشكىلگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئېنىق نىشانى بولىدۇ، سىرتقا يۈزلىنىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ياخشى، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.
2.قاششاق كارخانا مەدەنىيىتى.
ئالاھىدىلىكى: بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، ئۇلۇغ نىشانى بولمايدۇ، شەخسىيەتچىلىك ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش پىسخىكىسى بولىدۇ، ئىچىگە يۈزلىنىدۇ، ھەرىكەت ئاستا، مەسئۇلىيەتسىز بولىدۇ.
3.بىيۇروكرات كارخانا مەدەنىيىتى.
ئالاھىدىلىكى: شەكىلۋاز، قۇرۇق رەسمىيەتچى بولىدۇ.
 
ئەگەر كارخانىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كۆلىمىگە ئاساسەن بۆلگەندە قايسىلارغا بۆلىنىدۇ؟ قېنى قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
كارخانىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كۆلىمىگە ئاساسەن تۈرگە بۆلگەندە:
1. پارنىك تۈرى. بۇ ئەنئەنىۋىي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى. سىرتقى مۇھىتقا قىزىقمايدۇ، تەۋەككۈل قىلىش روھى كەمچىل، ئىلھاملاندۇرۇش ۋە چەكلەشمۇ كەمچىل.
2. باشاق تەرگۈچىلەر تۈرى. بۇ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئىستراتېگىيەسى ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، لېكىن تەشكىل قۇرۇلمىسىدا تەرتىپ كەمچىل، فۇنكسىيە بىر قەدەر تارقاق. قىممەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى بولسا رەھبەرلەرنى ھۆرمەتلەش.#p#分页标题#e#
3. كۆكتاتلىق تۈرى. پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنئەنىۋىي بازاردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ، ئائىلە باشلىقىغا ئوخشاش باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە بولىدۇ.
4. چوڭ كۆلەملىك ئۆسۈملۈك تېرىش تۈرى. چوڭ كارخانىلارغا خاس بولۇپ ، بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۈزلۈكسىز مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقى رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.
 
كارخانىنىڭ ھەرخىل ئامىللارغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۈرگە بۆلگەندە:
1. بۆلۈم قاتلام تۈرى. مونوپول قىلىنغان بازاردىكى باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. خاسلىقى بولمىغان باشقۇرۇش ئىستىلى، پىرامىدا شەكىللىك تەشكىل قۇرۇلمىسى، ئۆلچەم، تۈزۈم ۋە ئۆلۈك پىروگراممىغا بويسۇنۇش قاتارلىقلار، تەشكىلنىڭ ئىچكى قىسمىدا رىقابەت كەمچىل، كىشىلەر ئاستىرتتىن بىر-بىرىگە ئورا كولايدۇ.
2. خىزمەت بويىچە باشقۇرۇش تۈرى. خىزمەت يۆنىلىشى ۋە ئۆلچەم ئېنىق، جازالاش-مۇكاپاتلاش تۈزۈمى قەتئىي، تەشكىل قۇرۇلمىسى جانلىق، ئىچكى قىسىمدىكى رىقابەت كەسكىن قاتارلىقلار.
3. تېخنىكا تۈرى. تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ھوقۇق تۇتىدۇ، ئائىلە باشلىقىغا ئوخشاش باشقۇرۇش ئىستىلى، تېخنىكىغا بەكرەك يۆلىنىدۇ، ئىقتىدار تەشكىل قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئەگەر كارخانىنىڭ قىممەت يۆنىلىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۆلگەندە قايسىلارغا بۆلىنىدۇ؟ قېنى قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
كارخانىنىڭ قىممەت يۆنىلىشى ياكى ھەرىكەت ئۆلچىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۈرگە بۆلگەندە:

  مىللىي مەدەنىيەت تۈرى بازار مەدەنىيەت تۈرى
خاسلىق ۋە تەشكىلنىڭ مۇناسىۋىتى 1. قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى 2. ئۆزئارا ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەدە بېرىش 3. ئۆزئارا پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى زىچ باغلىنىشلىق 4. مەزكۇر شىركەتكە بولغان ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى 5. دەرىجە تۈزۈمىنىڭ قۇرۇلما مۇناسىۋىتى 1. توختام مۇناسىۋىتى 2. ئۆزئارا قىسقا مۇددەتلىك ۋەدە بېرىش 3. شەخسنىڭ مەنپەئەتىگە يۆلىنىش، مەنپەئەتچىلىك ئىدىيەسى 4. تەشكىل ئەزالىرى بىلەن تەشكىلنىڭ ئالماشتۇرۇش شەرتى بويىچە ئۆزئارا مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈش
تەشكىل ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 1. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىش 2. ئۆزئارا ھەمكارلىشىش تۇيغۇسى بولۇش 3. كەڭ بولغان خىزمەتداشلار مۇناسىۋەت تورى 4. بىردەك بېسىم بىر قەدەر چوڭ 5.شەخسنىڭ ئەمەس بەلكى  كوللېكتىپنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى تەكىتلەش 1. خىزمەتدىشىغا نىسبەتەن مۇستەقىللىقىنى ساقلاش 2. چەكلىك بولغان ئۆزئارا ئارىلىشىش 3. بىردەك بېسىم چەكلىك بولۇش 4. شەخسنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى تەكىتلەش
شىركەت مەدەنىيىتىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقى 1. ئۇزۇن باسقۇچلۇق ماسلىشىش جەريانى 2. يۇقىرى دەرىجىدىكى كىشىلەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، تەربىيەلىشى ۋە ئۈلگە بولۇشى 3. پىرامىدا شەكىللىك تەشكىل 1. جەمئىيەتلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن 2. يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىدىكىلەرنىڭ ئارىلىقى يىراق، لېكىن خىزمەتتە پىكىرلەشكۈچى ۋە بايلىقنى تەقسىم قىلغۇچى 3. يايپاڭ شەكىللىك تەشكىل
#p#分页标题#e#
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى