ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئامىنە» چوڭ ئىشلار يىلنامىسى

«ئامىنە» چوڭ ئىشلار يىلنامىسى

ۋاقتى: 2015-11-28 ئاۋاتلىقى: 1172 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە (2008-يىللىق سانلىق مەلۇمات) بولغان ئىش-پائالىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن «ئامىنە» چوڭ ئىشلار يىلنامىسى رەسمىي تۈزۈلۈپ تارقىتىلدى... 


ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سۆھبەت پىروگراممىسىنى كۆرۈپ چىقىڭ: ئۈمـىد غېنى ئامىنە خانىم بىلەن مـىسرانىمدا


«ئامىنە» چوڭ ئىشلار يىلنامىسى
2000-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۈچ پايچىك ھەمكارلىقىدىكى شـىـنـجـاڭ ئـامـىـنـە ئالاھـىدە يېـزا ئىگىلىك يـۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، «ئامىنە» ماركىسى ئەنگە ئالدۇرۇلدى.
تۇنجى تۈركۈم تالقان، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، ئۇن پىشۇرۇقلىرى، كولا، قەھۋە تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىندى.
2000-يىلى 9-ئايدا شىركەت 9-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «ئەلا ماركا مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.


2001-يىلى شــىركــەت ئـۈرۈمـچــى شەھەرلىك مىللـەت-دىن ئىشلىرى كـومىتېتى تەرىپىدىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېكىتكەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەش، پىششىقلاش كارخانىسى بولۇپ باھالاندى.
زەپە خۇشروھ ئىچىملىكى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېڭىلىق يارىتىش فۇندىنىڭ نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ھەم ش ئۇ ئا ر سەھىيە نازارىتىنىڭ «كۈچەيتىلگەن ئىچىملىك» ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى. 
شىركەت تەتقىقات خادىملىرى 4- نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلار پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»نىڭ ئىلغارلىقىغا ئېرىشتى. 
2001-يىلى 3-ئايدا «ئامىنە» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو (غەربىي قىسىم) داۋالاش، ساغلاملىق بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «ئالتۇن مۇكاپات»قا ئېرىشتى.
2001-يىلى 9-ئايدا شىركەت 10-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ «داڭلىق ماركا مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

2002-يىلى 4-ئايدا يـەككە تىجارەتچى ئـەمەتجان ئەپەندى شىركەتكە 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىركەت پايچىكى بولدى. 
2002-يىلى 9-ئايدا شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى غەيرەت ئەپەندى قولىدىكى %53.33 پاي چېكىنى ئەمەتجان ئەپەندىگە ئۆتۈنۈپ بەردى. 
پايچىك ئامىنە خانىم قولىدىكى %9 پاي چېكى ۋە «ئامىنە» ماركىسىنىڭ بارلىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئەمەتجان ئەپەندىگە ئۆتۈنۈپ بەردى. 
پايچىك ئالىم ئەپەندى قولىدىكى %16.67 پاي چېكىنى ئەمەتجان ئەپەندىگە ئۆتۈنۈپ بەردى. 
ئەمەتجان ئەپەندى شىركەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، شىركەت مۇدىرىيىتىنى قايتا تەشكىللىدى. 
شىركەت 11-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ «داڭـلىق ماركا مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.


2003-يىلى ج ك پ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى يولداش ۋۇ باڭگو، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى يولداش زېڭ پېييەن، مەملىكەتلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش تۆمۈر داۋامەت قاتارلىق رەھبەرلەر شىركىتىمىزگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. 
2003-يىلى 9-ئايدا شـىـركـەت 12-نـۆۋەتـلـىـك ئــۈرۈمـچـى يـەرمـەنـكـىسىنىڭ «داڭـلـىـق مەھسۇلات» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 
2003-يىلى 12-ئايدا شىركەت ج ك پ كـوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ش ئۇ ئا ر كومىتېتى، ش ئۇ ئا ر ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «شىنجاڭنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇچى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

2004-يىلى شىركـەت ئـۈرۈمـچـى يـۇقىرى، يـېڭى تـېخنىكــا تـەرەققـىـيــات رايـونى تەرىپىدىن «تـوختـامـغـا رىئــايــە قىلىدىغان ئىشەنچىـلىـك كارخانـا» شەرىپىگە ئېرىشتى. 
ش ئۇ ئا ر ئىتتىپاق كومىتېتى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «2004-يىللىق مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش تىزىملىكى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ تارقاتتى. 
2004-يىلى 9-ئايدا شىركەت 13-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ «كۈمۈش تاۋار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
2004-يىلى 11-ئايدا  شىركەت ش ئۇ ئا ر پەن-تېخنىكا نازارىتىنى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى» بولۇپ باھالاندى.
شىنجاڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىق شەرىپىگە ئېرىشتى.
2004-يىلى 12-ئايدا ئـۈرۈمچى يـۇقىرى يېڭى تېخنىكـا تـەرەققىيـات رايـونى بـاشقۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن «2003-، 2004-يىلىدىكى توختامغا رىئايە قىلىدىغان ئىشەنچىلىك كارخانا» بولۇپ باھالاندى.


2005-يىلى 4-ئايدا شىركەت كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ش ئۇ ئا ر كومىتېتى، ش ئۇ ئا ر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى، ش ئۇ ئا ر سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ش ئۇ ئا ر ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى، ش ئۇ ئا ر ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورگانلار تەرىپىدىن «ئـالىي مـەكـتـەپ، ئـوتـتـۇرا تېخنىكوم ئـوقـۇغـۇچىلىرىنىڭ ئىـشـقـا ئـورۇنـلىشىش، ئىگىلـىـك تىكـلـەش، پـراكـتـىـكا قـىلىـش بازىسى» بولۇپ باھالاندى.
يەنە بىر قېتىم «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى» بولۇپ باھالاندى.
«ئامىنە» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ QS سۈپەت بىخەتەرلىك ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى.
«ئامىنە» ماركىسى «شىنجـاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 
2005-يىلى 9-ئايدا   شىركەت مەھسۇلاتلىرى 14-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ «كۈمۈش تاۋار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 
قەشقەر ئامىنە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تەييار چۆپ زاۋۇت قۇرۇلۇشى باشلاندى. 
ج ك پ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر پارتكومىنىڭ شۇجىسى يولداش ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر شىركىتىمىزگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.
2005-يىلى 10-ئايدا  قەشقەر ئامىنە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 
ش ئۇ ئا رنىڭ سابىق رەئىسى يولداش ئىسمايىل تىلىۋالدى قاتارلىق رەھبەرلەر ئىش باشلاش مۇراسىمىدا لېنتا كەستى ۋە بېغىشلىمغا يېزىپ بەردى. 
2005-يىلى 11-ئايدا «ئامىنە» ماركىسى ش ئۇ ئا ر س س م ب ئىدارىسى تەرىپىدىن «شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» بولۇپ باھالاندى. 

2006-يىلى 6-ئايدا شىركـەت ش ئـۇ ئـا ر ئـۆلچەملەشتۈرۈش جـەمئىيىتىنىڭ «ئـۆلچەمگە ئۇيغۇن ئىشەنچىلىك مەھسۇلات ماركىسى گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشتى.
شـىركەت شىنجـاڭ ھازىرقى زامــان بـازار ئىقـتىسـاد تـەتقىقـاتخـانىسى ئىشەنچ تەتقىقات مەركىزى ۋە شىنجاڭ بازار تىجارەت جەمئىيىتى ئىشەنچ خىزمىتى ھەيئىتى تەرىپىدىن «2005-يىللىق ئىشەنچىلىك كارخانا» بولۇپ باھالاندى. 
2006-يىلى 8-ئايدا ش ئۇ ئا رنىڭ سابىق رەئىسى يولداش ئىسمايىل تىلىۋالدى قاتارلىق رەھبەرلەر شىركىتىمىزنىڭ تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. 
2006-يىلى 9-ئايدا 15-نۆۋەتلىك «ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى»دە «ئامىنە» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىدىكى «ئەڭ تونۇلغان تاۋار مۇكاپاتى» بولۇپ باھالاندى. 
2006-يىلى 10-ئايدا ش ئۇ ئا ر ياشلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر قوللىغۇچى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

2007-يىلى 1-ئايدا شىركەت مەركىزى ئىتتىپاق كومتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يۈز ئىلغار كارخانا »نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
2007-يىلى 3-ئايدا شىركەت ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى تەرىپىدىن «ئادەم ئىشلىتىشتە ئىشەنچىلىك كارخانا» بولۇپ باھالاندى. 
2007-يىلى 4-ئايدا شىركەت شەرەپ بىلەن ش ئۇ ئا ر پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ «يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى ئېتىراپنامىسى»گە ئېرىشتى. 
2007-يىلى 8-ئايدا شىركەت ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، كەسپلەر تەرەققىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك «مەشھۇر تاۋار» مۇكاپاتىغا، كۆپ قېتىم «تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كارخانا» شەرىپىگە ئېرىشتى.
2007-يىلى 9-ئايدا 16-نـۆۋەتلىـك ئـۈرۈمـچـى يـەرمـەنكىسىـدە شـىـركەت مەھـسۇلاتـلىرى يەرمەنكىنىڭ «ئـالـتـۇن تـاۋار مـۇكـاپـاتـى»، «ئـەڭ تـونـۇلـغـان تـاۋار مۇكاپاتى»، «ئەڭ ئالاھىدە تاۋار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 
شىركەت لېدىرى ئەمەتجان ئەپەندى ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەرىپىدىن «يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تۆھپە يارىتىشتىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى. 


2008-يىلى 1-ئايدا شـىركىتىمىز لېـدىرى ئـەمەتجان ئـەپەندى ش ئـۇ ئـا ر 11-نۆۋەتلىك خەلـق قـۇرۇلـتـىـيـىـنـىڭ ۋەكـىللىكىــگە سـايـلىنىـپ، شــەرەپ بىلـەن قـۇرۇلتايغـــا قاتناشتى. 
2008-يىلى 4-ئايدا شىركەت ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن «ئادەم ئىشلىتىشتە ئىشەنچىلىك كارخانا» بولۇپ باھالاندى.
2008-يىلى 5-ئايدا   شىركەت ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بۇيۇملار ئىشلەپچىقىرىش نۇقتا قىلىنغان كارخانا» بولۇپ باھالاندى. 
شىـركـەت لـېدىرى ئەمەتجان ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن مالايسىيا پايتەختى كۇئالالومپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە قاتناشتى. 
2008-يىلى 7-ئايدا شىركەتنىڭ ئۈرۈمچى سېتىش بۆلۈمى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپىنى تەشكىللەش كومىتېتى تەرىپىدىن «مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپى» بولۇپ باھالاندى.
2008-يىلى 9-ئايدا 17-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە، ج ك پ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر شىركىتىمىزنىڭ يەرمەنكە ئورنىنى كۆزدىن كەچۈردى. 
شىركەت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىنىڭ «ئەڭ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە شىركەت مەھسۇلاتلىرى «ئەڭ ياخشى ئورالما مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 
2008-يىلى 10-ئايدا شىركەت تەكلىپكە بىنائەن 2008-يىللىق جۇڭگو(چىڭخەي) خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە بۇيۇملار كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، يەرمەنكىنىڭ «ئەڭ ياخشى پۈتۈشۈش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى