ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانچىدىن كۆپ ئادەمنى قىسقارتماقچى بولسا مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى كېرەك؟

قانچىدىن كۆپ ئادەمنى قىسقارتماقچى بولسا مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-12-12 ئاۋاتلىقى: 442 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 قانچىدىن كۆپ ئادەمنى قىسقارتماقچى بولسا مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى كېرەك؟

 

جاۋاب: «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم قىسقارتماقچى بولسا، قانچە ئادەم قىسقارتىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ياكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياكى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى تىڭشىشى ھەم ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى» ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئادەم قىسقارتىش تەرتىپىگە بولغان تەلەپنى تۆۋەنلىتىپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قىسقارتىشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئادەمنىڭ سانى 20دىن ئاشسا ياكى 20گە يەتمىسىمۇ كارخانا خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئون پىرسەنتىدىن كۆپنى ئىگەللىسە، ئاندىن يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىدىكى تەرتىپنى ئىجرا قىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلىدى. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قىسقارتىدىغان ئادەم 20گە يەتمىسە ھەم كارخانا خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئون پىرسەنتىگىمۇ يەتمىسە، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە بويىچە ئىجرا قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى