ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دۇردانە مەسلىھەتچىلىكى: باشقۇرۇش تەسىراتى

دۇردانە مەسلىھەتچىلىكى: باشقۇرۇش تەسىراتى

ۋاقتى: 2016-06-03 ئاۋاتلىقى: 396 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر كارخانا خۇجايىنى بىلەن پاراڭلىشپ قالدىم، ئۇنىڭدىن سىز كارخانا باشقۇرۇشقا قانداق قارايسىز دەپ سورىغان ئىدىم ، ئۇ ماڭا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇختىلارنى شەرھىيلەپ بەردى. ئەگەر مۇۋاپىق بولسا كۈرۈپ قويۇڭ.
1. كارخانا خۇجايىنى ئىنچىكە ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك
(1) كارخانىدىكى ئىنچىكە ھالقىلارنى چىڭ تۇتقىنىڭىزدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىغا بار خەتەردىن خالى بولالايسىز. (2) ھەر ۋاقىت ئۈلگە بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ھەر      قايسى ئىش ھالقىلىرىغا سەل قارىسىڭىز، خىزمەتچىلەرمۇ شۇ يولغا كىرىپ قالىدۇ-دە،     خىزمەتنىڭ  ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. 
2. مەسئۇلىيەت، ھوقوق ۋە مەجبۇرىيەت يۈرۈشلۈك بولۇش كېرەك
باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقوقى ۋە مەجبۇرىيىتى يۈرۈشلۈك بولۇشى، يەنى   سىز ھوقوقنى بەرگەندە ئۇنىڭغا چوقۇم مەجبۇرىيەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىپ    بېرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا سىز ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. باشقۇرغۇچى      خادىملىرىڭىزغا باشقۇرۇش قوللانمىسى تۈزۈپ چىقىشىڭىز ، ئۇلارنىڭ ھوقوق مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق يېزىپ، شۇ بويىچە خىزمەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر باشقۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلسە، زىددىيەتنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىڭ.
3. نەق پۇل، نەق ماللارنىڭ قايتماس قەرز بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك
نۇرغان ۋاقتلاردا بىز ماللارنى نىسىگە بېرىمىز، ئاخىرىدا باش ئايىقى يوق ھېسابات كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ  ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى سىزمۇ باشقىلارغا نىسى قىلماڭ، باشقىلارمۇ سىزگە  نىسى قىلمىسۇن. بۇ سەل تەس بىراق سىز شۇ يولدا چىڭ تۇرسىڭىز بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتەلەيسىز.
4. مۇكاپات بىلەن جازالاش ئېنىق ئايرىشىڭىز كېرەك
كارخانا جازالاشنى بىلىپ مۇكاپاتلاشنى بىلمىسە، خادىملارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھەر بىر خادىمنىڭ خىزمەت خارەكتېرىگە ئاساسەن مۇكاپاتلاش-جازالاش تۈزۈمى تۇرغۇزۇشىڭىز كېرەك، خادىملار مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە ئاستىرىتتىن بەرمەي چوقۇم يېغىن ئېچىپ مۇكاپاتلاش ۋە تەسىراتىنى سۆزلىتىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە تام شەرەپ تاختىسى تۈزۈپ ئىلغارلارنى باشقىلارغا نامايەن قىلدۇرۇش كېرەك. جازالاشتىمۇ ئوخشاشلا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاڭ.
5. باشقۇرغۇچىلارنىڭ رىغبەتلاندۈرۈلۈشىنى مىقدارلاشتۇرىشىڭىز كېرەك
كارخانا باشقۇرۇش قاتلىمىغا نىسبەتەن تەلەپنى يۇقىرى قويۇش، ئۈنۈم مۇئاشىنى ئېنىق بەلگىلەش كېرەك.
6. ھوقوقنى تولۇق بېرىشىڭىز كېرەك
ئۆز دائىرسى ئىچىدە ھوقوق بېرىپ ئۇلارغا تەرەققى قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، توغرا  ئادەم تاللاپ ئۇنىڭغا ھوقوق بېرىپ، ئىلمىي بولغان نازارەتنى ئېلىپ بارسىڭىزلا كۇپايە.
7. جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە بولۇش كېرەك
خادىملار پۇل تاپسا بولىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، لېكىن كارخانىدا ئىشلىگەن ئىكەن چوقۇم جاپا-مۇشەققەتكە چىداش، كۈرەش قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بولۇشى كېرەك.
8. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش
بەزىلەر جاپا-مۇشەققەتتە ئىش قىلغانلىغىنى بىلىدۇيۇ، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاددى چاغلايدۇ. بۇنداق بولغاندا كارخانا مەدەنىيىتى تۇرغۇزۇش تەس، پەقەت ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلغاندىلا كارخانا تەرەققى قىلىدۇ. 
9. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش
مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلمگەندە بىر بىرىگە ئىتتىرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بىرەر ئىش ياخشى بولمىغاندا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلۈش، كىمدە  مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىغىنى تاپالمىغاندا ئۆز ئارا ئەيىپلەش كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم  مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.
10. دېگەننى قىلىش
شىركەتتە قىلالمىغاننى دېمەسلىك، دېگەننى قىلىشتەك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش. خىزمەت قىلغاندا جاپا بولىدۇ، لېكىن تۆھپە تېخىمۇ مۇھىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى