ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلاتنىڭ ئىچكى سۈپەت تەلىپى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسى

مەھسۇلاتنىڭ ئىچكى سۈپەت تەلىپى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسى

ۋاقتى: 2016-09-05 ئاۋاتلىقى: 483 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر مەجبۇرىيىتى» بۇ يەردە!

 

3. مەھسۇلاتنىڭ ئىچكى سۈپەت تەلىپى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسى


دۆلىتىمىزنىڭ «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دا مەھسۇلاتنىڭ ئىچكى سۈپەت تەلىپى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلەنگەن:


1)  مەھسۇلاتنىڭ ئىچكى سۈپىتىگە بولغان تەلەپ. «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەققىدە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ بەلگىلەنگەن:
(1) مەھسۇلاتتا كىشىلەرنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئورۇنسىز خەتەرلەر مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك.
(2) مەھسۇلات سۈپىتىدە تېگىشلىك ئىشلىتىلىش خۇسۇسىيىتى ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك.
(3) مەھسۇلات سۈپىتى ئوچۇق-ئاشكارا سۈپەت ھالىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.


2) مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن-ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسلىرى. «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسلىرى مۇنۇلار:
(1) جىسمانىي ساغلاملىققا، جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىدىكى بىخەتەرلىك، تازىلىق كۆرسەتكۈچلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
(2)ئوچۇق-ئاشكارا قوللىنىدىغان مەھسۇلات ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن ئىشلتىش خۇسۇسيىتىگە ئۇيغۇن كېلىش، مۇناسىپ ئۆلچىمى بەلگىلەنمىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىتىلىش خۇسۇسيىتى جامائەتچىلىك تەرىپىدىن بىردەك بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان ئىشلىتىلىش خۇسۇسيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
(3) مەھسۇلات ياكى ئۇنىڭ ئورالمىسىدا ئىزاھلاپ قوللىنىلغان مەھسۇلات ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كېلىش ياكى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدە بەلگىلەنگەن سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرىگە ئۇيغۇن كېلىش، ياكى ئەمەلىي مال ئەۋرىشكىسى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەنگەن سۈپەت ھالەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك.
--------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى