ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى

رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى

ۋاقتى: 2016-08-28 ئاۋاتلىقى: 1080 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى- «كۆڭۈلدىكى سۆز-رادىل ئابلا بىلەن يۈزمۇ يۈز»نى كۆرۈپ...

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
 
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئستانسىسى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگراممىسى تەشكىللىگەن «رادىل ئابلا بىلەن يۈزمۇيۈز» سۆھبەت نومۇرىنى تەكرار ۋە ئەستايىدىل كۆردۈم. رىياسەتچى ئۈمىد غەنىنىڭ سۆھبەت ئاخىرىدا ئېيتقان: «ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر، يۇقىرىدا كۆردۈڭلار ۋە ئاڭلىدىڭلار، رادىل ئابلا قىيىنچىلىق دېمەك مېنىڭ بايلىقىم دېمەكتۇر دەپ قارىغان. ئىشىنىمەنكى، بۇ سۆھبەت سورۇنىمىزدىكى شۇنداقلا، ئېكران ئالدىدىكى قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقى رادىل ئابلانىڭكىدىن ئاز ئەمەس. كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت، خەير-خوش، كېلەر ساندا كۆرۈشەيلى!» دېگەن يەكۈن سۆزىنى گويا بىر نۇسرەت مەشئىلى بىلىپ سۆيدۈم.

ئەمىسىچۇ؟ بۇ دۇنيادا كىمنىڭ قىيىنچىلىقى يوق؟ ھەممە ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقى بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالەمدە قىيىنچىلىقى يوق ئىنسان يوقتۇر. ئەمما، «قىيىنچىلىق دېمەك بايلىق دېمەكتۇر» ، يەنى «مېنىڭ قىيىنچىلىقىم بار» دېگەن گەپ «مېنىڭ بايلىقىم بار» دېگەن بولىدۇ دېگەننى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئەھمىيەتلىك يېرى، بۇ سۆز قۇرۇق گەپ قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر ساپساپچى ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەر بىر قەدىمىدە بىر ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ مېڭىۋاتقان بىر ئەمەلىيەتچى سەردار ئىنساننىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قەلبىمنى لەرزىگە سالدى، كۆڭلۈمنى قايىللىق تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىگە رام قىلىپ ئالدى.
مەن رادىل ئابلاغا چىن پۈتتۈم. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇغان سەمىمىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان «قىيىنچىلىق=بايلىق (قىيىنچىلىق باراۋەر بايلىق)» دېگەن تەپەككۇر جەۋھىرىنى شەرتلىك ھالدا، «رادىل ئابلا تەڭلىمىسى» دەپ ئاتىدىم ۋە بۇ تەڭلىمىنى يېشىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتلىك جاۋابىم بىلەن، رادىل ئابلاغا جۆر بولۇشقا ناياب ئۆمرۈمنى ئاتىدىم! رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ماتېماتىك تەڭلىمىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پەلسەپىلىك تەڭلىمىدۇر. شۇڭا بۇ تەڭلىمىنى يېشىش ئۈچۈن، ئېلىش قوشۇش ئەمىلىنى بىلىشتىن باشقا، تەڭلىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئامىللارنى ئوبدان ۋە توغرا تونۇش مەرىپىتى بولۇش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «قىيىنچىلىق=بايلىق» تەڭلىمىسىنى يېشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن «قىيىنچىلىق» قانداق ئەھۋالدا، ئاندىن «بايلىق»قا باراۋەر بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك.

بۇ جەھەتتىكى تەھلىلگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
رادىل ئابلانىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، گويا بۇ تەڭلىمىنىڭ يېشىمىنى ئىمالىق ئىزاھلاپ كۆرسىتىشىگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا، قىيىنچىلىق بايلىققا باراۋەر بولىدۇ:
1.ئاڭ جەھەتتىن قىيىنچىلىقنى توغرا تونۇش. قىيىنچىلىق دېگەن زادى نېمە؟ باشتىن ئېيتساق، قىيىنچىلىق دېگەن تەۋەللۇتتىكى ئانىنىڭ تۇنجى ئىنجىقى؛ بۇدرۇق بۆۋەكنىڭ تۇنجى قەدىمىكى، ئانىنىڭ ئىنجىقى بولمىسا، ئانا ئىنجىقلاشقا جۈرئەت قىلمىسا، ۋەلەد (پەرزەنت) تەۋەللۇت بولمىغان (تۇغۇلمىغان) بولاتتى، ھاياتتىكى داۋامەتلىك بولمىغان بولاتتى؛ بوۋاق تۇنجى قەدەمگە جۈرئەت قىلمىغان بولسا، مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇش نېسىۋىسىدىن بەھرىلىنىپ، راھەت ياشىمىغان بولاتتى. مۇندىن چىقتىكى، قىيىنچىلىق ھەر قانداق ئىنسان ھەر قانداق ئىشتا دۇچ كېلىدىغان تەبىئىي ئۆتكەل ۋە زۆرۈر پەللە. يەنىمۇ ئېچىپ ئېيتقاندا، قىيىنچىلىق ئىنساننىڭ دۈشمىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى، سەپەردىشى يولدىشى، خالاس! روشەنكى، ئاڭ جەھەتتىن قىيىنچىلىقنى توغرا تونۇش ، دۇرۇس ئاڭقىرىش بولسا، مەزكۇر «قىيىنچىلىق=بايلىق» تەڭلىمىسىنى يېشىشتە، ئاساسنىڭ ئاساسىدۇر.
 
2. قىيىنچىلىقنى سۆيۈش. قىيىنچىلىق ئىنسان تۇرمۇشىدىكى تەبىئىي ئۆتكەل ۋە بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان زۆرۈر پەللە بولۇش سالاھىيىتى بىلەن سۆيۈملۈكتۇر. ئىنسان قىيىنچىلىقنىڭ مۇشۇ سالاھىيىتىنى تونۇغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا توغرا يۈزلىنەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قورقمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قاچمايدۇ. چۈنكى بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە قىيىنچىلىقتىن قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن قېچىش بىلەن بېھۇدە ئاۋارە بولغاندىن كۆرە، ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئېتىراپ قىلىپ ۋە سۆيۈپ تۇرۇپ يېڭىش كېرەك بولىدۇ.
مېنىڭچە، قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى «تاشنى چاينىغىلى بولمىسا، سۆيۈش كېرەك. («تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم ، 221- بەت)» دېگەن ماقالمۇ، قىيىنچىلىقنى قورقۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلىش ۋە سۆيۈش بىلەن يېڭىش لازىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.
3. قىيىنچىلىقنى يېڭىشتە، جانلىق، ئاكتىپ ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇش. بىزنىڭ قىيىنچىلىقنى تونۇشىمىز ۋە ئۇنى سۆيۈشىمىز ئاداققىي جەھەتتىن ئۇنى يېڭىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن، ئىنساندا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ جاسارەت، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە پاراسەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل تەل بولۇشى كېرەك. جاسارەت قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بىر ئىنساندا ئالدى بىلەن، قىيىنچىلىققا توغرا يۈزلىنەلەيدىغان جاسارەت، مۈشكۈلچىلىكلەرگە دۇرۇس قارىيالايدىغان جۈرئەت بولۇش كېرەككى، بۇ بولمىسا، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەمدى، قىيىنچىلىقنى تونىغان، جۈرئەت-جاسارەت بىلەن ئۇنى يېڭىشكە ئاتلانغاندىن كېيىن بولسا، نۇسرەت قازىنىشقا زۆرۈر بولغان ئەمەلىي ھەل قىلغۇچ چارە كېرەك بولىدۇكى، بۇ چارە جىسمانىي كۈچ-قۇدرەت ئىشلىتىش بولۇشىمۇ، مەنىۋى ئەقىل-پاراسەت قوللىنىش بولۇشىمۇ مۇمكىن. 
#p#
مۇئەييەن ئەقىدىگە ساھىب بولغان نورمال ئىنسان بۇ دۇنيا ياشامى جەريانىدا، ھامان بىر خىل ياخشى ئارزۇ، ئەزگۈ تىلەك ۋە غايىۋى مەقسەتنىڭ تەلپۈندۈرۈشىگە جور بولۇپ ئۆتىدۇ. ئەمدى ئاشۇ ئارزۇ ۋە غايىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ياكى مەزكۇر ئارزۇ ۋە غايىنىڭ خىيالى بىلەنلا چەكلىنىش جەھەتتە، ئىنسان يەنە «ئاكتىپ» ۋە «پاسسىپ» ياكى «ئەمەلىيەتچىل» ۋە «خىيالپەرەس» دېگەن ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. ھالبۇكى، ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش، كۆڭۈل تىلىكىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈرەش قىلغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەنگەن ئىنسانلارلا دۇنيا ياشامىنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيدۇ. بىراق، بۇ خىل ئاكتىپ كۈرەش قىلىش ۋە بۇ خىل ئىزدىنىش بولسا، ئىنساندىن يېتەرلىك جىسمانىي كۈچ «قۇدرەت بىلەن مۇناسىپ پەم-پاراسەت كۈتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ مۇئەييەن بىر ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈچ بىلەن بولۇشىمۇ، پەم بىلەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھال بەزەن چاغدا، ئىنساننىڭ جىسمانىي كۈچ ئىشلىتىپ كەسكىن ۋە قەتئىي بولۇشىغا ھاجەتمەن بولسىمۇ، كۆپ ھاللاردا، ئاددىي قوپال ئەمەس، بەلكى سەبىرچان، تاكتىكىلىق ۋە سىلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، «كەسكىن ۋە قەتئىي بولدۇم» دەپ، مۇشت ئىشلىتىپ قويۇپ، نەتىجىدە مەقسەتكە يېتەلمەي داغدا قالغاندىن، ھۇش ئىشلىتىپ، مەسىلىنى ئىمكان بار سىلىق ئىلمىي يول بىلەن ھەل قىلىپ، مۇددىئا غايىسىگە يېتىش ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئاكتىپ ياشاش ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا كىرىدۇ، ئەلۋەتتە.
مەن «قىيىنچىلىق دېمەك بايلىق دېمەكتۇر» دېگەن رادىل ئابلا تەڭلىمىسىنىڭ بىباھا قىممىتى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ «ئەمگەك بىلەن ھالال ياشاش» قىلىپ ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان تۈپلۈك تۇرمۇش پەلسەپىسىنى مەنبە قىلغانلىقىدا دەپ قارايمەن. ئىزدىنىش ۋە پارلاق ئەسلىمىزنى قېزىش تىلىكىدە، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۈزگەن بۈيۈك قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن قوللىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش پەلسەپىسىنىڭ مېغىزلىق شەرھىنى كۆرۈپ سۆيۈنىمىز. ئالايلۇق:
ئىشچاننىڭ ئەرىنى (لېۋى) ياغلىق، ھۇرۇننىڭ بېشى قانلىق. ئىشچان ئادەم تىرىشىپ ئىشلەپ، ياخشى تاماقلارنى، سېمىز گۆشلەرنى كۆپ تېپىپ يېگەچكە، كالپۇكى ياغلىشىدۇ؛ ھۇرۇن ئادەم ئۆزىنىڭ ئېرىنچەكلىكىدىن ئىشتىن قېچىپ، تاياق يەپ بېشىنى قانىتىدۇ. بۇ ماقال ھۇرۇنلۇقنى تاشلاپ، ئىشچان بولۇشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ. قاراڭ: «تۈركىي تىللار دىۋانى » ( ت ت د )، 1- توم (ت 1 )، 96- بەت ( ب )، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980- يىل نەشرى.
تىكمىگىچە ئۈنمەس، تىلىمىگىچە تېپىلماس. يەنى دەرەخ تىكىلمىگىچە ئۈنمەيدۇ، مۇراد -مەقسەت ئىزدەنمىگىچە قولغا كەلمەيدۇ. بۇ ماقال بىرەر ئىشتا، كۆزلەنگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، تىرىشىش لازىملىقىغا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ. ( ت ت د، ت2، 27 ب )
يازدا قاتتىق ئىشلىسە، قىشتا سۆيۈنەر. (ت ت د، ت3، 218 ب)
ئەمگەك بىكار كەتمەس. بۇ ماقالنىڭ مەزمۇنى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ «مى الىسريسرا» (ئىننە مەئەلئۇسرى يۇسران: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار) دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ. (ت ت د، ت1، 149 ب )
كىچىكىدە قېتىرقىنسا، ئۇلغايغاندا (قېرىغاندا) سۆيۈنەر. ( ت ت د، ت2، 390ب ) مانا بۇ ماقاللاردىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشام پەلسەپىسى ئالدى بىلەن، ئىشچانلىق پەلسەپىسى، ئىش- ئەمگەكنى سۆيۈش پەلسەپىسى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
#p#
مەلۇمكى، بۇ دۇنيادا ياشاش، ھايات كۆچۈرۈش ئەمەلىيەتتە بىر پائالىيەت جەريانىدۇر. ئەمدى، ھەر قانداق بىر ئىنسان بۇ پائالىيەت جەريانىنى ياخشى نەتىجىلىك ۋە ئىمكان بار راھەتلىك قىلىش، مۇمكىن بولغىنىچە ھۇزۇر ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەمگەك قىلىشقا، تەر ئاققۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئاندا: «ليس للانسان الا فى السىۈ» (لەيسە لىلئىنسان ئىللا فىسسىئا: ئىنسان ئۈچۈن، سەئيى-ئىھتىمام قىلىشتىن، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشتىن باشقا يول يوقتۇر.) دېيىلىدۇ. دېمەكچىكى، ئەمگەك قىلىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىنسان ياشامى ئۈچۈن، بىر خىل زۆرۈرىيەتتۇر، بىر خىل مەجبۇرىيەتتۇر. ئەمما ئىنسان مۇشۇ ئەمگەكنى سۆيۈش-سۆيمەسلىك مەسىلىسىدە، «ئىشچان» ۋە «ھۇرۇن» دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىشچان بولۇشنى، ئەمگەكنى سۆيۈشنى ئۆزلىرىگە تۈپكى تۇرمۇش پەلسەپىسى قىلغاچقا: «ئىنسان ئەمگەك قىلسا، تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، يەنى ئىشچان بولسا، بۇ ھالدا، ھايات پائالىيىتى ياخشى نەتىجىلىك بولىدۇ، لېۋى ياغلىشىدۇ، تۇرمۇشى ھۇزۇر ئىچىدە ئۆتىدۇ.» دەپ قارىغان ۋە بۇ قاراشنى ئومۇملاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ھۇرۇنلۇقنىڭ ئىنسان ھاياتىنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەچكە: «ھۇرۇننىڭ بېشى قانلىق» دېگەن كەسكىن يەكۇن بىلەن، خەلقنى ئاگاھلاندۇرغان. شۇنداقلا، «ئەزمىگە بوسۇغىمۇ داۋان كۆرۈنۈر» ( ت ت د، ت1، 59 ب )، «ئېرىنچەككە بۇلۇت كۆلەڭگىسى يۈك بولۇر» ( ت ت د، ت1، 186 ب ) قاتارلىق ماقاللار ئارقىلىق، ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن سۆككەن ۋە جىددىي تەنقىد قىلغان.
#e#
دېمەك، ئۇيغۇرلار مىڭ يىللار مابەينىدە ئەمگەك بىلەن ياشاشنى ئۆزلىرىنىڭ تۈپلۈك تۇرمۇش پەلسەپىسى قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، تارىخ بويىچە ئالدىغا ئۇچرىغان تۈرلۈك-تۈمەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەۋجۇتلۇق ئالەمىدە ئۆزلىرىنىڭ نېسىۋە داستىخىنى ۋە تىرىكچىلىك ئورنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ، تەرەققىيات دۇنياسىنىڭ بۈگۈنكى دەۋرلىرىگە سالامەت يېتىپ كېلەلىگەندۇر. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە، رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ ئەجدادلار روھى شادلىق ۋە قۇۋانچ بىلەن ئىپتىخارلانغىدەك جاسارەت بىلەن ئىشلەپ ئۈلگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆز قېرىنداشلىرىغا قىلغان «قىيىنچىلىق دېمەك بايلىق دېمەكتۇر» دېگەن خىتابى ئەمەلىيەتتە، بۇ گىگانت ئىنسان ۋەكىللىك قىلغان پىداكار كارخانىچىلارنىڭ مىللەتنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ رەھىمسىز رىقابەت دېڭىزىدىن زەپەر قۇچۇپ چىقىشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۈيۈك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىدۇر.
ھاسىلكالام، رادىل ئابلا تەڭلىمىسى كۈچلۈك ۋە ئىلغار پەلسەپە ئاساسىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشەنچلىكتۇر؛ بۇ تەڭلىمە «يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم» دەپ، جان تىكىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىۋاتقان بۇ دەۋرىمىزدە، ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشىغا ساھىب بولغان ھالدا، ياڭراق كۈرەش بۇرغىسىنى ياڭراتقانلىقى بىلەن قىممەتلىكتۇر؛ قاراپ تۇرۇڭلار، مەن ئۆز ئەمەلىيىتىم بىلەن كۆرسىتىمەن، قېرىندىشىم، سەنمۇ سىناپ باققىنكى، بۇ تەڭلىمىنىڭ يېشىمى جەزمەن ھىدايەتلىك ۋە نۇسرەتلىكتۇر!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى