ئەمگەكچى يېڭى ئىدارىگە كەلگەندىن كېيىن، قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئەمگەك توختامى تۈزىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەكچى يېڭى ئىدارىگە كەلگەندىن كېيىن، قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئەمگەك توختامى تۈزىدۇ؟
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 7-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خىزمەتچىلەر تىزىملىكى تۈزۈپ ساقلاپ قويۇشى كېرەك.» 10-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا، يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.»
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئاساسلىق بەلگە قىلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتسىمۇ ئەمگەك توختامى تۈزمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى.
ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى باشقىدىن تۈزۈپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ دەپ بەلگىلىدى، ھەم ئەمگەك توختامىنىڭ شەكلى يازما بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالايىتەن تەكىتلىدى، بۇنداق بەلگىلەش ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق.