ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى دېگەن نېمە؟

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 614 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى  ئاممىۋى مۇناسىۋەتتىكى كىرىزىسنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئاممىۋى مۇناسىۋەتتىكى يېڭى بىر ئاتالغۇ. ئۇ بىر تەشكىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش، تەشكىلنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ تەشكىلنىڭ  ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان بەزى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىس ھادىسىلىرى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن، باشقۇرۇش توغرا بولماسلىق، مۇداپىئەنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، قاتناش ۋەقەسى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسى؛ زاۋۇتقا ئوت كېتىش، يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئادەم يارىلاندۇرۇشى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر؛ يەر تەۋرەش، كەلكۈن، شامال ئاپىتى، چاقماق چېقىش ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان؛ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە جەمئىيەت-تەشكىلىنىڭ سىياسىي-ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نام شۆھرەت كىرىزىسى قاتارلىقلار. بۇ كىرىزىسلەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، جەمئىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇنداقلا، كىرىزىسلىق ئاممىۋى-مۇناسىۋەت تىنچ نۇقتىدىن قارىغاندا ئاپەت ۋە كىرىزىستىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ؛ ھەرىكەتچان نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاممىۋى مۇناسىۋەتنىڭ كىرىزىستا تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى، يەنى كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەتتۇر. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى