ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا خادىملىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قارىتالايسىز؟

قانداق قىلغاندا خادىملىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قارىتالايسىز؟

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 467 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرسى سىزدىن: «دۇنيادىكى قايسى خىل مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى؟» دەپ سورىسا، سىز بىر كارخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
  ياپونىيىدىكى «ماك دونالد» نىڭ باش دىرېكتورى دىن فۇجىتا بۇ سوئالغا: «بارلىق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئىچىدە ھېسسىياتقا سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ»، دەپ جاۋاب بەرگەن.
دىن فۇجىتا ئۆزىنىڭ «مەن پۇل تېپىشقا ئەڭ ماھىر ئادەم» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: ياپونىيەدىكى «ماك دونالد» كېسەل كارىۋىتى ساقلاپ بېرىش فوندى ھېسابىدا دوختۇرخانىغا ھەر يىلى نۇرغۇن پۇل تۆلەيدۇ. خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئاغرىپ قالسا ياكى بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتسا بولىدۇ، يەكشەنبە كۈنلىرى جىددىي كېسەل كۆرسەتمەكچى بولسا، دوختۇرخانا ئالمىشىش ئاۋارىچىلىكىدىن ساقلىنىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بېرىپلا داۋالانسا بولىدۇ.
بەزىلەر دىن فۇجىتادىن: ئەگەر خادىملىرىڭىز نەچچە يىلغىچە ئاغرىپ قالمىسا، بۇ پۇللارنى بىكار خەجلىگەن بولمامسىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: خادىملار خاتىرجەم خىزمەت قىلسىلا، «ماك دونالد» زىيان تارتقان بولمايدۇ. دەپ جاۋاب بەرگەن.
دىن فۇجىتا مۇنداق دەپ قارايدۇ: خادىملارغا ئازراق ھېسسىيات مەبلىغى سالسا تامامەن ئەرزىيدۇ، ھېسسىياتقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە، جۇڭگودا نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ خادىملارنىڭ ھېسسىياتىغا مەبلەغ سېلىشقا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلار ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس، ئۇلارنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىدە ھەمىشە ۋەزىپە بىلەن مۇكاپاتلاش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا قانداقمۇ خادىملارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقىلى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ماددىي مۇكاپات بىلەن خادىملارنىڭ كۆلىنى ئۇتقىلى بولۇشى ناتايىن. پەقەت ئۆزگىچە غەمخۇرلۇقلا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۇنداقتا، ھېسسىياتقا مەبلەغ سېلىش قانداق بولىدۇ؟ قانداق بولۇشى كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ قېنى دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
ئەگەر ھېسسىياتقا مەبلەغ سېلىشنىڭ بىلمىسىڭىز، تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ كۆرۈڭ:
ئاغرىپ قالغاندا يوقلاڭ. ئادەم كېسەل بولغاندا ئاجىزلىشىدۇ ھەم غەمخۇرلۇققا موھتاج بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا خادىملىرىڭىزنى بىر يوقلاپ قويسىڭىز، ئۇلارنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئون قېتىم يوقلىغىنىڭىزدىنمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. مۇھىمى بۇ خىل ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش دوستلۇقنى يەتكۈزۈشكە، خادىملىرىڭىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ خادىملارنىڭ كوللېكتىپنى سۆيۈش، كوللېكتىپقا سادىق بولۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەڭ. خادىملىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ. ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ نامىدا تۇغۇلغان كۈن تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىڭ ياكى بىرەر دەستە گۈل سوۋغا قىلىڭ ۋە ياكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ، بۇنىڭ ئۈنۈمى چوقۇم ياخشى بولىدۇ. دىن فۇجىتا بۇ جەھەتتە بىر يېڭىلىق ياراتقان، يەنى تۇغۇلغان كۈنى بولغان خادىمنىڭ بۇ كۈننى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر كۈن قويۇپ بېرىدىغان بولغان. نەتىجىدە، ئۇلار ئىككىنچى كۈنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن خىزمەتكە كىرىشكەن.
خادىملىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ. ئادەم ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر سىز خادىملىرىڭىزغا ئادەتتىكى ئادەملەردىن سەل پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرسىڭىز، ئۇلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرالايسىز.
ئادەمگەرچىلىكىڭىز بولسۇن. قۇرۇق رامكىلارغا ئىسىلىۋالماڭ، ھەممە ئىشتا قائىدىگە ئېسىلىۋالىدىغان رەھبەر كىشىنى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ. ئادەمگەرچىلىكنى بىلىش ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسى. شۇڭا قابىلىيەتلىك رەھبەر قائىدە-پىرىنسىپلارنى جانلىق ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. مەسىلىلەرنى ئادەمگەرچىلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىغاندا، نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
بەزى كىچىك مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاڭ. ھەر قانداق ئادەم باشقىلار بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىشكە قىزىقىدۇ. ئامېرىكىلىق داڭلىق مال ساتقۇچى، مال سېتىشتا دۇنيا جېننىس رېكورتى ياراتقان جوئې گىرارد خېرىدارلارغا بەزىبىر مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاشنى مال سېتىشتىكى تۆت چوڭ ماھارەتنىڭ بىرى دەپ قارىغان. نۇرغۇن خىزمەتچىلەر ئۆز رەھبەرلىرىنى چۈشىنىشكە قىزىقىدۇ. شۇڭا خادىملىرىڭىزغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى بەزىبىر مەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز، ئۇلاردا سىز ئۇلارنى ئۆز كۆرىدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇلار سىزنىڭ خادىملىرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى