ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەت كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

شىركەت كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

ۋاقتى: 2016-01-09 ئاۋاتلىقى: 986 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەت كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش
 

شىركەت تىجارەت جەريانىدا دائىم شىركەت بىلەن سىرتقى ئالاقە شۇنداقلا ئىچكى خادىملار ئوتتۇرىسىدا ۋە ھەر قايسى پايچېكلار ئوتتۇرىسىدا پايدا تالىشىش بولىدۇ. ھەر قايسى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا، شەخس ئوتتۇرىسىدا شۇنداقلا گۇرۇپپا ۋە شەخس ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت قوغلىشىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل مەنپەئەت توقۇنىشىدىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق توقۇنۇش تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، كارخانىنىڭ نامىغا، تىجارەت پائالىيىتىگە ۋە ئىچكى باشقۇرۇشقا ئېغىر دەرىجىدە بېسىم ۋە ياخشى بولمىغان تەسىر پەيدا قىلىپ، كارخانىنىڭ كىرىزىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئالدىنى ئېلىش ۋاقتىدا بولمىغاندا ياكى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاندا، شىركەت پايدىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، زىيان تارتىش كۆرۈلۈپ، تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ساقلانغىلى بولمايدىغان ئاپەت ئىچىدە قالىدۇ. شىركەت كىرىزىس پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانىنى تەھلىل قىلغاندا، كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە ۋاسىتىسىنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ يوشۇرۇن كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر خىل جىددىي ئەھۋالغا ئالدىن تەييارلىق قىلىش، ئامالنىڭ بارىچە كىرىزىس پەيدا بولۇشنى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى توسۇش ھەمدە زىياننى ئىمكانقەدەر ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈش. شۇنىڭ ئۈچۈن، شىركەت ياكى تەشكىل چوقۇم تولۇق بولغان جىددىي ئەھۋال بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمنى قۇرۇپ چىقىش شۇنداقلا قانداق قىلىپ يېڭى تېخنىكىنى تولۇق يۈرگۈزۈپ مۇكەممەل ئۈنۈملۈك بولغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە تىزگىنلەشنى ئىگىلەپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك دېگەننى ياخشى ئويلىشىشى كېرەك.
#p#
شىركەت كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش
بىرىنچى، شىركەت كىرىزىس تۈرى
 كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى «ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرىزىسى»نى بىر تەرەپ قىلىش، ئىككىنچىسى بولسا ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش. شىركەت كىرىزىسى چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1. شىركەت دۇچ كېلىدىغان بارلىق سىرتقى مۇھىت كىرىزىسى. مەسىلەن سىياسەت كىرىزىسى، تەبئىي ئاپەت زىيىنى.
2. شىركەت ئىچكى مۇھىت ۋە سىرتقى مۇھىت ئۆز-ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن پەيدا بولغان تىجارەت كىرىزىسى. مەسىلەن بازار كىرىزىسى، مەھسۇلات كىرىزىسى، سېتىش كىرىزىسى، ئىستراتېگىيە ھەمكارلىق كىرىزىسى.
3. پەقەت شىركەت ئىچكى باشقۇرۇشىدىن پەيدا بولغان تەشكىل كىرىزىسى. مەسىلەن ئىستراتېگىيە كىرىزىسى، كادىرلار ئىشلىرى كىرىزىسى، تۈزۈم كىرىزىسى، تەشكىل تۈزۈلمە كىرىزىسى، مالىيە كىرىزىسى، ھادىسە كىرىزىسى.
يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ كىرىزىس ئىچىدە، ئۈچ تۈرلۈك كىرىزىسنىڭ كارخانىغا تەسىر قىلىش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا ئېغىرلىق دەرىجىسى بىر، ئىككى، ئۈچ بويىچە تىزىلىدۇ. كىرىزىس ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ دىققەت قىلىش دەرىجىمىز بولسا ئۈچ، ئىككى، بىر بويىچە بولىدۇ. كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئوخشاش بولمىغان دەۋردە ئوخشاش بولمىغان ئىچكى ۋە سىرتقى مۇھىت تەسىرىگە دۇچ كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇچرايدىغان كىرىزىىسمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىستراتېگىيە كىرىزىسى بولسا شىركەت دۇچ كەلگەن ئاساسلىق كىرىزىس بولىدۇ؛ شىركەت تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە بولسا، تىجارەت كىرىزىسى ۋە گۇرۇپپا كىرىزىسى مەيدانغا كېلىدۇ؛ شىركەت پىشىپ يېتىلىش مەزگىلىگە كەلگەندە بولسا، شىركەت ئاساسلىقى مۇئەييەن بولغان گۇرۇپپا كىرىزىسكە دۇچ كېلىدۇ؛ كارخانىنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىدا، شىركەت ھاياتىنى بەلگىلەيدىغان، شىركەت تەرەققىياتىنى تىزگىنلەيدىغان ياكى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شىركەت كۆلىمىنى بەلگىلەيدىغان، شىركەت باشتىن ئاخىر چوقۇم دۇچ كېلىدىغان ئەڭ يادرولۇق كىرىزىس بولسا ئىستراتېگىيە كىرىزىسىدۇر.
#p#
ئىككىنچى، شىركەت كىرىزىسنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى
شىركەت كىرىزىسنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب تۆۋەندىكىدەك توققۇز خىل بولىدۇ:
1. نام-ئاتاق كىرىزىسى. شىركەت توختامنى ياكى ۋەدىسىنى ناھايىتى ياخشى ئىجرا قىلمىغاندا، ھەمكارلاشقان شېرىك ياكى ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىنى يوقىتىپ كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ؛
2. ئىستراتېگىيە كىرىزىسى. ئىستراتېگىيە خاتالىقى سەۋەبىدىن، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىيىنچىلىققا پېتىپ قېلىپ كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ.
3. باشقۇرۇش كىرىزىسى. شىركەت باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىق ياكى مەسئۇلىيەت ئېنىق بولماسلىق سەۋەبىدىن كىرىزىس پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن بىخەتەرلىك ھادىسىسى، مۇھىت بولغىنىش، خېرىدار بىلەن تالاش تارتىش بولۇش قاتارلىقلار.
4. ئاپەت كىرىزىسى. قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ پەيدا قىلغان كىرىزىس، مەسىلەن يەر تەۋرەش، تەيفېڭ بورىنى، كەلكۈن، ئۇرۇش، پۇل پاخاللىشىش قاتارلىقلار.
5. مالىيە كىرىزىسى. قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىش، ھەددىدىن زىيادە كۆپ قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلىش، پۇل، پايچىك بازىرىدا تەۋرىنىش بولۇش، شىركەت مەبلىغى ئۈزۈلۈپ قېلىش، ئىقتىسادى ئەھۋال ئېغىر بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ.
6. قانۇن كىرىزىسى. تىجارەت قانۇنسىز قىلمىش بىلەن چېتىلىپ قېلىش شۇنداقلا شېرىك ياكى خېرىدار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېغىرلىىشىپ قانۇنىي تالاش-تارتىش بولۇش قاتارلىقلار كىرىزىسى پەيدا قىلىدۇ.
7. ئىختىساسلىقلار كىرىزىسى. ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى بولۇپمۇ يادرولۇق خادىملارنىڭ ئىستېپا بېرىشى سەۋەبىدىن كىرىزىس پەيدا بولىدۇ.
8. مۇقىملىق كىرىزىسى. مەنپەئەت توقۇنۇشى ياكى زىددىيەت كەسكىنلىشىش، كوللېكتىپ ئەرزىيەت پەيدا قىلىش، توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش قاتارلىقلار كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ.
9. ئاخبارات ۋاسىتىسى كىرىزىسى. مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئاخبارات ۋاسىتىسى تەرىپىدىن ئېچىۋېتىش شۇنداقلا ياخشى بولمىغان تەسىر پەيدا قىلىش كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ.
يۇقىرىقى توققۇز كىرىزىس ئىچىدە بەزىلىرى ئايرىم پەيدا بولىدۇ، بەزىلىرى بولسا بىر بىرىنى ھەمراھ قىلىپ پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن ئىستراتېگىيە كىرىزىسى ئادەتتە باشقۇرۇش كىرىزىسى، قانۇنىي كىرىزىس مالىيە كىرىزىسى، بىخەتەرلىك كىرىزىسى نام-ئاتاق كىرىزىسى ۋە ۋاسىتە كىرىزىسى قاتارلىقلارنى بىللە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
#p#
ئۈچىنچى، كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى
ئادەتتە، كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش چوقۇم تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك:
1. كىرىزىس ھادىسىسىنى چۈشىنىش، دوكلات بېرىش شۇنداقلا باھالاش
 كىرىزىس ھادىسىسى دائىم ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ شۇنداقلا ناھايىتى دەھشەتلىك بولىدۇ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ شىركەت ئەڭ يۇقىرى مەسئۇل كىشىنىڭ تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى، كىرىزىس پەيدا بولغاندا، شىركەت مەسئۇلى چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال شىركەت يۇقىرى قاتلام مەسئۇللىرىنى يىغىپ كىرىزىس ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى ئاڭلايدۇ. دوكلات چوقۇم بىرىنچى سەپ خادىمى ۋە باشتىن ئۆتكۈزگەن خادىم تەرىپىدىن دوكلات قىلىنىشى، توغرا، تولۇق، تەپسىلىي، ئوبيېكتىپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. ئەڭ يۇقىرى قاتلام مەسئۇلى ۋە باشقا يۇقىرى قاتلام مەسئۇل خادىمى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چوقۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىرىزىسنىڭ يۈزلىنىشىنى، كارخانىغا بولغان تەسىرى ۋە ئاقىۋىتىنى، شىركەت قانداق تەدبىر قوللانغاندا ئاندىن كىرىزىسكە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىر، خادىم، بايلىق كاپالىتى قاتارلىق چوڭ ئىشلارغا دەسلەپكى قەدەمدە باھا چىقىرىش ۋە قارا قىلىش كېرەك.
2. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش
شىركەت ئەڭ يۇقىرى قاتلام مەسئۇلى كىرىزىسكە دەسلەپكى قەدەمدە باھا بېرىپ ۋە تەدبىر بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەش كېرەك. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا ماسلىشىش ۋە تەرتىپكە سېلىش، بۇ گۇرۇپپا شىركەتنىڭ بارلىق بايلىقنى تەرتىپكە سېلىشقا ھوقۇقلۇق بولۇپ، شىركەتكە ۋەكىللىك قىلىپ كېلىشتۈرۈش ۋە ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە بايانات ئېلان قىلىش ھوقۇقى بار. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى شىركەت ئەڭ يۇقىرى مەسئۇل خادىمى تەرىپىدىن مەسئۇل بولىدۇ. گۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرى، ئاز بولغاندىمۇ شىركەت قانۇنىي مەسلىھەت بەرگۈچىسى، ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىسى، باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى، كەسىپ مەسئۇلى، مەمۇرىي مەسئۇل خادىم، ئادەم كۈچى بايلىقى مەسئۇلى ۋە گۇرۇپپا ئارقا سەپ خادىمىدىن تەشكىل قىلىنىشى كېرەك. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى كېرەكلىك بولغاندا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈشى كېرەك: يەنى يادرولۇق گۇرۇپپا ۋە ماسلىشىش گۇرۇپپىسى.
#p#
يادرولۇق گۇرۇپپا ئاساسلىقى شىركەت ئەڭ يۇقىرى مەسئۇل خادىمى، قانۇنىي مۇتەخەسسىس، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى، كەسىپ مۇتەخەسسىسى ۋە سۆھبەت ماھىرى قاتارلىق ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ؛ ماسلىشىش گۇرۇپپىسى بولسا مەمۇرىي مەسئۇل خادىم، كەسىپ مەسئۇلى، ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش مەسئۇلى ۋە باشقا ئارقا سەپ خادىمىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، يادرولۇق گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا سۆھبەت ئىجرا قىلىش، ئالاقىلىشىش، قارار چىقىرىش ۋە ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ماسلىشىش گۇرۇپپىسى بولسا قارا قىلىنغان مەسىلىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ياردەملىشىش ۋە ئارقا سەپ بايلىق كاپالەت ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىش.

3. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئىستراتېگىيە پىلانىنى تۈزۈپ، ماددى بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش
 كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دەسلەپكى خىزمەت بولسا ماتېرىيال ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ياكى تەقسىم قىلىشقا بولىدىغان بايلىق ئەھۋالىغا قاراپ كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش پىلانىنى تۈزۈش. پىلاندا چوقۇم كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش نىشانى، تەرتىپى، تەشكىلى، خادىم شۇنداقلا ۋەزىپە بۆلۈنۈشى، ئارقا سەپ كاپالىتى ۋە ئىجرا قىلىش جەدۋىلى قاتارلىقلار ھەمدە ھەر بىر باسقۇچتىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانى بەلگىلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە چوقۇم جەمئىيەت بايلىق يۆتكىلىشى ۋە تەقسىم قىلىنىشى، چىقىم تىزگىنلەش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسئۇل خادىمى ۋە نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. پىلان تۈزۈلۈپ بولۇپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ماسلىشىش گۇرۇپپىسى چوقۇم تېزدىن ماددى بايلىق تەقسىم قىلىش تەييارلىقىنى ئىشلىشى، يادرولۇق گۇرۇپپا بولسا تېزدىن كىرىزىس نەق مەيدانىغا بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك بولغان كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

4. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئىستراتېگىيەسى
 كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش كىرىزىس خاراكتېرى ۋە ئەھۋالنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۇسسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
ئەگەر كىرىزىس تېخى ئاخبارات ۋاسىتىسى تەرىپىدىن ئېچىۋېتىلمىگەن (ئاشكارىلانمىغان) بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم ھادىسىنىڭ تەسىرىنى تىزگىنلەش كېرەك، ھادىسىنى تولۇق تەكشۈرۈپ چۈشىنىش ئاساسىدا، قانۇن ۋە ھەققانىيەتكە ئاساسلىنىپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى بېكىتىش.
#p#
ئەگەر كىرىزىس ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلىنىپ، كۆپچىلىك ئىشنى بىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىسىنى ئاساسلىقى ئاخبارات ۋاسىتىسى ۋە ئاممىۋىي مۇناسىۋەتكە قارىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، كىرىزىسنىڭ ئۆزىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك. تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ئاساسلىقى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ، ئوبيېكتىپ باھالاش ۋە ئادىل قاراشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەگەر ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى كارخانىغا پايدىسىز بولسا، ئۇنداقتا كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزگەرتىدىغان ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشى كېرەك، شۇنداقلا مۇشۇ قېتىملىق ئىشنىڭ تاساددىپىي بولغانلىقىنى ۋە شىركەت ئۆزگەرتىش ۋاقىت جەدۋىلى ۋە ئۇسۇلىنى تەكىتلەش، شۇنداقلا شىركەت ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت ئۇسۇلى ۋە دائىرىسىنى چۈشەندۈرۈپ تەشۋىقات ۋاستىسى ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئەگەر ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى كارخانىغا پايدىلىق بولسا، ئۇنداقتا كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېچىۋېتىشى، تەشۋىقات ۋادىلىرىغا ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ كىرىزىسكە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشىگە ۋە ئېلان قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

5. دوكلاتتىن خۇلاسە چىقىرىش، تەجرىبە ساۋاق يەكۈنلەش
 كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش جەرياندا، شىركەت دائىم ئادەتتە ئۇچراپ باقمىغان مەسىلىگە ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ كىرىزىس پەيدا قىلغان ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلە. بۇ مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرى تاساددىپىي بولسا بەزىلىرى تۈزۈم خاراكتېرىدە بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا ئادەم پەيدا قىلغان بولىدۇ.
كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىشقا ئەگىشىپ، بەزى مەسىلە ئاستا-ئاستا ئېچىلىشقا باشلايدۇ، يەنە تېخى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىنى ئېچىپ بېرىدۇ، بۇ مەسىلە گەرچە كىرىزىس بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ناھايىتى مۇھىم مەسىلە بولىدۇ. شىركەت ئېچىپ تاشلانغان مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، چوقۇم كېرەكلىك بولغان ئىسلاھات ۋە تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىشى، شۇ ئارقىلىق كارخانىنىڭ تېخىمۇ چوڭ خاتالىق سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئوخشاش بولغىنى، كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، شىركەت ئادەتتە بايقىمىغان بەزى مەسىلىلەرنى بايقايدۇ، ياكى بايقىمىغان بايلىقنى بايقايدۇ. بۇنداق بايقاش كارخانىنىڭ بايلىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى ياكى ئىشلىتىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئارتۇقچىلىقنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيگەندە، ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىركەت كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىشتا كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى ھەر خىل تەجرىبە ساۋاققا ئىگە بولۇپ، ئادەتتە قۇرۇپ چىقىشقا پۇرسەت بولمىغان ئىجتىمائىي بايلىق مۇناسىۋىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، مەسىلەن تەشۋىقات ۋاستىلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتى ياكى ئىستېمالچى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتى. يەنە بەزى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق كارخانىنى تېخىمۇ كەڭ بولغان تەشۋىق پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، شىركەت تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىپ، كەڭ بولغان ئىجتىمائىي تەسىر قوزغاپ، شىركەت داڭقىنى ۋە نام ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، شۇ ئارقىلىق شىركەت ماركا بايلىقىنى توپلايدۇ.
#p#
تۆتىنچى، شىركەت كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئىستراتېگىيەسى
ئۈنۈملۈك بولغان باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش، كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە يېنىكلىتىپ قالماستىن، ھەتتا يەنە كىرىزىسنى سودا پۇرسىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ. شىركەت چوقۇم كىرىزىسنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تولۇق ئىگىلەپ، سىستېمىلىق بولغان پىكىردە چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك چارە قوللانغاندا، كىرىزىس پەيدا بولۇشقا نىسبەتەن ئىشتىن ئاۋۋالقى ۋە شۇ ۋاقىتتا ھەمدە ئىشتىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش كېرەك.
1. ئىشتىن ئاۋۋال باشقۇرۇش:
كىرىزىس پەيدا بولۇشتىن ئاۋۋال، ھەر قايسى خەتەر پەيدا قىلغۇچ ئامىلنى تولۇق تونۇپ يېتىت، ئەستايىدىللىق بىلەن باھالاش ۋە تىزگىنلەش، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش بولسا كىرىزىس باشقۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى، يەنە ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمى.
(1) كىرىزىس ئېڭىنى كۈچەيتىش. ئىزچىل داۋاملاشقان ئىدىيە بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ھەر بىر خادىمغا شىركەت ھەر ۋاقىت دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان خەتەر كىرىزىس تۇيغۇسىنى تونۇتۇش. ھەر قانداق بىپەرۋالىق ۋە خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش شىركەتنى چوڭ ئاپەتكە باشلاپ كىرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىدە كىرىزىس ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
(2) ئىشتىن ئاۋۋال ئالدىنى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇش. مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، مەخسۇس خادىم ئاجرىتىش، ھەتتا كەسىپى خادىملاردىن مەسىلىھەت سوراش، تولۇق تەرەپلىك، كۆپ نۇقتىلىق، ئىزچىل، زىچ بولغان شىركەت ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ھالقىسى ۋە يۈرگۈزۈلۈش ئورگىنىغا كۆڭۈل بۆلۈش.
(3) جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش. مۇمكىنچىلىكى بولغان كىرىزىسكە ئاساسەن، بۆلۈملەرگە ئايرىپ بىر پۈتۈن بولغان پىلان تۈزۈپ، كىرىزىس پەيدا بولۇش ۋە ھەل قىلىش ئىدىيەسىنى ئېنىقلاشتۇرۇپ، كىرىزىس پارتىلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەگەر كىرىزىس پەيدا بولسا، شۇ ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، پىلان بويىچە ئىش كۆرۈش، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن «سۇ كەلگۈچە توغان تۇت، تەييارلىق بار يەردە بالا يوق.» دېگەننى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.
#p#
(4) ئاممىۋى مۇناسىۋەتنى ياراشتۇرۇش. بۇ يەردە ئاساسلىقى شىركەت بىلەن خېرىدار، ھۆكۈمەت بۆلۈمى، ئاخبارات خەۋەر ۋاسىتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشەنچىلىك تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خېرىدارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ شۇنداقلا ئادەتتە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاسىتە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، «جان تۇمشۇققا كەلگەندە سۈرە ياسىن ئوقۇش»تىن ساقلىنىش. تاساددىپىي كىرىزىس يۈز بەرگەندە كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەينەن ئەھۋالنى ئېلان قىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا كىرىزىسنى يېنىكلىتىپ ئۆزىگە پايدىلىق قىلغىلى بولىدۇ.

2. ئىش جەريانىدا ( كىرىزىس يۈز بەرگەندە):
ھەر قانچە قاتتىق ئالدىنى ئېلىش بولسىمۇ ئۇنى شەك-شۈبھىسىز قىلغىلى بولمايدۇ، يەنىلا ھەر خىل تاساددىپىي كىرىزىس يۈز بېرىدۇ. كىرىزىس يۈز بەرگەندە، چوقۇم ئىنكاسنى تېز قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش كېرەك. ھادىسىنىڭ تۈرى، جىددىيلىك دەرىجىسى، خەتەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىتا قاراتمىلىق چارە كۆرۈش كېرەك. كونكرېت يۈرگۈزۈش جەريانىدا چوقۇم تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇھىم نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
(1) ئىنكاس تېز بولۇش. شىركەت كىرىزىس ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوقۇم سەككىز سائەت ئىچىدە كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك جىددىي تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئورگان، خادىم، چارە «ئۈچى بىرگە تەق بولۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
(2) يادرولۇق مەيدانى ئېنىق بولۇش. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ھادىسىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، تېخنىكىلىق باھالاش ۋە ئىلمىي تاللاش، شۇنداقلا كارخانىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئىش كۆرۈپ، «يادرولۇق مەيدان»نى ئېنىق بېكىتىپ، ئۇنى پۈتۈن كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىشقا ئېلىپ كىرىش.
(3) مۇتلەق رەھبەرلىك يۈرگۈزۈش. چوڭ ۋەقەدە شىركەت ئاساسلىق باشقۇرغۇچى رەھبەرلىرى چوقۇم ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ، «مەركەزلەشكەن ھوقۇق يۈرگۈزۈشى كېرەك»؛ ئادەتتىكى ئىشلارنى رەھبەرلىك باشقا ئادەمنى ۋاكالەتچى قىلىپ بېجىرسە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا تولۇق ھوقۇق بېرىشى كېرەك، كېرەكلىك بولغاندا قارا چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.
#p#
(4) گەپ-سۆزنى بىردەك قىلىش. بىر ئىشقا نىسبەتەن، شىركەت ئىچىدىن تارقالغان گەپ-سۆز ئوخشاش بولمىسا، بۇ كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىشتىكى چوڭ بىر پەرھىز ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىشنى مۇرەككەپ قىلىپ قالماي يەنە، شىركەت ئىچكى قالايمىقانچىلىقىنى ئاشكارىلاپ چىقىشى مۇمكىن، بۇ ھەتتا يېڭى كىرىزىس پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.
(5) ئەڭ يۇقىرى مەنپەئەتنى قوغداش. كىرىزىس پەيدا بولغاندىن كېيىن، شىركەت ھەر تەرەپلىمىلىك پىكىر چارە ئىزدەپ، ئۆزى، خېرىدار، ھەمكارلاشقۇچى ، ھۆكۈمەت ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەتنى ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوغلىشىش.
(6) ئۇچۇرنىڭ ماسلىشىشچانلىققا دىققەت قىلىش. كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، شىركەت ئىچكى ۋە سىرتقى ئىككى تەرەپكە ئوخشاشلا ئۇچۇر راۋانلىقىنى ساقلىشى كېرەك.
(7) ئۆزىگە مۇۋاپىق چىقىش يولى قويۇش. مەيلى سىرت بىلەن ئالاقە بولسۇن ياكى كونكرېت مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش بولسۇن، چوقۇم ھالقىلىق سۆزنى ئېيتماسلىق، ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرمەسلىك.
(8) جامائەت پىكىرىنىڭ يېتەكچىلىكىنى كونترول قىلىش. ئاساسلىق مەقسىتى بولسا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە ئىشنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇلارنى ئادىل باھا بېرىشكە يېتەكلەش. ئەگەر ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى كارخانىغا پايدىلىق بولسا، تەشۋىقات ۋاقىتلىرى ئۇنى ئېچىپ تولۇق دولات بېرىدۇ؛ ئەگەر ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى كارخانىغا زىيانلىق بولسا، ئۇنداقتا شىركەت ئۆزىنىڭ قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەڭ ئاممىدىن كەچۈرۈم سوراپ، شىركەت ئوبرازىنى قايتا قولغا كەلتۈرسە بولىدۇ.
3. ئىشتىن (كىرىزىستىن) كېيىن:
كىرىزىسنى تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن، ئىشنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، كىرىزسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئىشقا قارىتا تەدبىر قوللىنىش، تۈپتىن يوقىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش. پاراكەندىچىلىك تىنچلانغاندىن كېيىن، شىركەت چوقۇم ۋاقتىدا رىقابەتچىلىرىنىڭ كىرىزىس باشقۇرۇش جەريانىدىكى پىكىرلىرىنى چوڭقۇر باھالاپ بېكىتىشى، سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، شۇ جەرياندىكى قولغا كەلتۈرگەن ۋە يوقىتىپ قويغاننى رەتلەپ چىقىپ، باشقۇرۇشنى چاتاقنى ۋە تىزگىنلەشتىكى كەمچىلىكنى تېپىپ چىقىپ، تەجرىبە ساۋاق يىغىنچاقلاپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىپ، يوقاتقىنى تولۇقلاش، «بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ بىر ئەقىل تاپىسەن.» دېگەننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى