ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بابىلۇننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەخپىيىتى 7-بابتىن خۇلاسە

بابىلۇننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەخپىيىتى 7-بابتىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 362 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «يېڭىلمەس بەش چوڭ قانۇن» بۇ يەردە!

ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى
ئالتۇن توغرىسىدىكى بەش چوڭ قانۇن مەڭگۈلۈك ھەقىقەت. ئۇنى تولۇق ئىگەللىۋالسىڭىز ھەمدە جانلىق قوللىنالىسىڭىزلا، پۇللىرىڭىز خۇددى سادىق قۇلغا ئوخشاش سىزنى قوغلىشىپلا تورىدۇ ۋە سىز ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ بېرىدۇ. بۇ دەل ئالتۇن توغرىسىدىكى بەش چوڭ قانۇن بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە كۈچ-قۇدرەت. ئۇلار خۇددى بابىلوندىكى بېل ئىبادەتخانىسى چوققىسىدىكى مەڭگۈلۈك مۇقەددەس ئوتقا ئوخشاش بېيىش يولىمىزنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ!
مەخپىي سۈزۈندىلەر
1. بىر تاغار ئالتۇن بىلەن ئىگىلىك باشقۇرۇش-ئەقىل پاراسەتلىرى ئويۇلغان پۈتۈكنامە ئىچىدىن قايسى بىرىنى تاللايسىز؟ بايلىقنى تاللىغۇچىلار ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ، قانچىلىك ئالتۇن بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەڭ ئاخىرى بەتخەجلىك قىلىپ تۈگىتىدۇ. ئەمما، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەقىل-پاراسەتلىرىگە ئىگە بولسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن تاپالايسىز، بايلىق ئېقىنى يانچۇقىڭىزغا ئۈزۈلمەي ئاقىدۇ.
2. ئالتۇن توغرىسىدىكى بىرىنچى قانۇن: كىرىمىنىڭ ئوندىن بىرىنى يىغالىغان ئادەملەرنىڭ بايلىقى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىلىنغان ياخشى تەييارلىقى بولۇپ، ئالتۇن ئۇنداقلارنىڭ ھەميانىغا كىرىشنى تېخىمۇ خالايدۇ، ھەمدە قىممىتى ئۆزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ.
3. ئالتۇن توغرىسىدىكى ئىككىنچى قانۇن: ئالتۇننى ئۆزى ئۈچۈن سادىق خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، ئالتۇننىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلالايدىغان، ئالتۇندىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنالايدىغان، ھەمدە ئالتۇننى قوي پادىلىرىدەك ئاۋۇتالايدىغان ئادەملەر ئۈچۈن، ئالتۇن قۇلغا ئوخشاش تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن تېپىپ بېرىدۇ.
4. ئالتۇن توغرىسىدىكى ئۈچىنچى قانۇن: ئالتۇن ئۆزىنى ئېھتىيات بىلەن ساقلايدىغان ھەمدە باشقىلارنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتلىرى ئارقىلىق ئورۇنلۇق جايغان ئىشلىتەلەيدىغان كىشىلەرنى قوغلىشىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جان-دىلى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.
5. ئالتۇن توغرىسىدىكى تۆتىنچى قانۇن: ئالتۇن ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان كەسىپ ياكى ئورۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يېنىدىن ئاستا كېتىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئالتۇننى مۇۋاپىق ئىشىلىتىشنى بىلمەيدۇ.
6. ئالتۇن توغرىسىدىكى بەشىنچى قانون: ئالتۇن پايدىغا ئېرىشكىلى بولمايدىغان تۈرگە مەبلەغ سالىدىغان ياكى ئالدامچىلارغا ياكى يالغان سۆزلەرگە ئاسان ئىشىنىپ كېتىدىغان ۋە ياكى ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق كىشىلەرگە قارىغۇلارچە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ناھايىتى تېزلا ئايرىلىپ قايتىدىن يېڭى خۇجايىن ئىزدەيدۇ.
7. بەزىلەر ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ تاپقان ئالتۇنلىرىمۇ چەكلىك بولىدۇ. ئەمما، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەقىل-پاراسەتلىرىنى بىلىدىغانلارغا نسبەتەن ئالتۇن ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا خۇددى ئېقىن سوغا ئوخشاش ئۈزۈلمەي ئاقىدۇ. ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن رازىمەنلىك بىلەن تېخىمۇ كۆپ بايلىق تېپىپ بېرىدۇ.
8. ھەممە ئادەم بايلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ بىرخىل ئاجايىپ سېھرىي كۈچ. پەقەت ئالتۇن توغرىسىدىكى بەش چوڭ قانۇننىڭ يېتەكلىشى ئاستىدىلا، بۇ خىل سىرلىق كۈچ رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارىي قىلدۇرالايدۇ! مۇبادا ئالتۇن توغرىسىدىكى بەش چوڭ قانۇنى ئارقىلىق بۇ خىل سىرلىق كۈچكە ئىگە بولالىسىڭىز، سىزمۇ بابىلوننىڭ بايلىق شارابىدىن بىر قەدەھ ئىچىش ھوقۇقىدىن بەھرلىنەلەيسىز!
------------------------------------
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى چېنىقىش (تور ئىسمى) ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە رۇخسەت بېرىشى بىلەن قايتا ئىملا تۈزۈتۈلۈپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى!
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
كىتابنىڭ داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى